‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى يولغا قويۇلغان بەش يىلدىن بۇيان، ئالاتاۋ شەھىرى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، بۇ چەت، يىراقتىكى پورت شەھىرىنى تەدرىجىي ھالدا كىشىلەر خاتىرجەم ياشايدىغان، ئېكولوگىيەسى ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان شەھەرگە ئايلاندۇرۇپ، تۈركۈملىگەن ياشلارنى ياشلىقى ۋە ئۇرغۇپ تۇرغان جاسارىتىنى بۇ ئۈمىدلىك مۇنبەت تۇپراققا بېغىشلاشقا جەلپ قىلدى.
پۇرچاقچى يېزىسىنىڭ كاسا شاخلىق كەنتىدە، باشلامچى كارخانىلار توشقان بورداش كاتىكىدىن 14نى قۇردى، كاتەكتىكى نەسىللىك توشقان 110 مىڭدىن ئاشتى.
ئارشاڭ ناھىيەسى گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، بۆگدۆر كەنتىنى «ساياھەت كەنتى» گە ئايلاندۇردى.
ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشىشىدا، تاشساي كەنتى بىر پارچە چۆل - جەزىرىدىن گۈزەل يېزا - كەنتكە ئايلاندى، پۈتۈن كەنتتىكى 201 نامرات ئائىلىنىڭ ھەممىسى 2017- يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ھازىر مۇستەھكەملىنىپ، يۈكسەلدۈرۈش باسقۇبۈگۈنكى تاشساي كەنتىدە، ھەممە ئائىلىلەر تۇرۇبا سۈيى ئىشلىتىدىغان بولدى، مۇنچا ئورنىتىلدى، سىملىق تېلېۋىزىيە، كەڭ بەلباغلىق تور ئومۇملاشتى، مەكتەپ ئاپتوموبىلى ئىشىك ئالدىغىچە كېلىدىغان بولدى، كارخانىلار كەنتكە ماكانلاشتى...كەنت ئاھالىلىرى زامانىۋى مەدەنىي يېڭى تۇرمۇش كەچۈرمەكتە.چىغا كىردى.
نىلقا ناھىيەسى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى تۇتقا قىلىپ، تېخنىكىسى بارلارنى باشلامچىلىق بىلەن كەسىپنى راۋاجلاندۇرغۇزۇپ، ‹‹ھەمكارلىق كوپىراتىپى+نامرات ئائىلە››دىن ئىبارەت نامراتلارنى يۆلەش باغلىما ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ كەسىپكە تايىنىپ كىرىمىنى كۆپەيتىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان.
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىل شىنجاڭنىڭ پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى زور تەرەققىياتقا ئېرىشكەن 40 يىل بولدى.
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش دولقۇنىغا ئەگىشىپ، پامىر ئېگىزلىكىدىن تارتىپ ئالتاي تېغىغىچە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغىچە ھەممەيلەن بەس – بەستە ئىلگىرىلەپ، كونىنىڭ ئورنىنى يېڭى ئالغان تەرەققىيات مۆجىزىلىرى مەيدانغا كەلدى،
40 يىل ئىلگىرى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ باھار شامىلى جۇڭگو زېمىنىنى قاپلىدى، جۇڭگو دەرۋازىسىنى دۇنياغا ئېچىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋەتەننىڭ غەربىي شىمال چېگراسىدىكى شىنجاڭمۇ ئېچىۋېتىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى.