تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

«تۇغقانلار ئىزدەشكەنسېرى مېھرى چوڭقۇرلىشىدۇ»

شىنجاڭ گېزىتى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى ۋاڭ چۇڭياڭ، ما گوخۇا

  ‹‹جاڭ ئاكا، ياخشى تۇرۇۋاتامسىلەر؟ تۇغقانلار ئىزدىشىپ ئۆتسە، ئاندىن مېھرى چوڭقۇرلىشىدۇ، بۈگۈن خوتۇنۇم بىلەن سىزنى كۆرگىلى كەلدۇق!››.

  ‹‹خىزمىتىڭلار شۇنچە ئالدىراش تۇرۇپ يەنە مېنى كۆرگىلى كەپسىلەر، بەك تەسىرلەندىم! تېز كىرىڭلار، تۆرگە ئۆتۈڭلار››.

  10–ئاينىڭ 11–كۈنى، باغراش ناھىيەسى چاغاننۇر يېزىسىنىڭ كادىرى بايىنبات خوتۇنى سېرىما بىلەن دۇندابۇخ كەنتىگە بېرىپ، قوشماقلاشقان تۇغقىنى جاڭ جېنچۈەننى يوقلىدى.

  2016–يىلىنىڭ ئاخىرى، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىدە بايىنبات ئەر–خوتۇن بىلەن جاڭ جېنچۈەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشتى. ئىككى يىل مابەينىدە، ئىككى ئائىلىدىكىلەر ناتونۇشلاردىن تونۇشلارغا، بارا–بارا تۇغقانغا ئايلاندى.

  جاڭ جېنچۈەن مۇنداق دېدى: مېنىڭ سىلەر ئىككىلا تۇغقىنىم بار، ئانامنىڭ يەنە بىر تۇغقىنى بار، ھەممىڭلار مېنىڭ تۇغقىنىم. ئائىلەمدە قىيىنچىلىق بولسىلا، تۇغقانلار ئەتراپىمدا پەرۋانە بولۇپ ماڭا ياردەم بېرىدۇ، سىلەرگە ھەقىقەتەن كۆپ رەھمەت!

      تۇغقىنىنىڭ جاڭ جېنچۈەنگە يەتكۈزگەن ئىللىقلىقى يالغۇز بۇلا ئەمەس. جاڭ جېنچۈەن ئائىلىسى 25 مو يەرگە لازا تېرىغان، لېكىن ئائىلىسىدە ئەمگەك كۈچى ئاز بولغانلىقتىن، لازىنى ئۈزىدىغان پەسىل بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئادەم يېتىشمەي قالغانىدى. شاخلىرىغا پاتماي چۈشكەن سانجاق–سانجاق قىپقىزىل لازىلارغا قاراپ، جاڭ جېنچۈەن غەمگە پاتقانىدى. ئۇ تۇغقىنىغا ئاۋارىچىلىك تۇغدۇرۇشنى خالىمايتتى، ئەزەلدىن تۇغقىنىغا ئائىلىسىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئېيتىپ باقمىغانىدى.

  بايىنبات باشقىلاردىن ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، يېزىدىكى كادىرلارنى باشلاپ كېلىپ، جاڭ جېنچۈەننىڭ ئېتىزىدىكى لازىلارنى ئۈزۈشۈپ بەردى. كۆپچىلىك ئېتىزلىقتا تەرگە چۆمۈپ ئىشلىدى، بىردەمدىلا ئۈزۈلگەن لازىلار تاغارلارغا لىق تولدى.

  جاڭ جېنچۈەن تەسىرلەنگەنلىكىدىن مۇنداق دېدى: بىرقانچە كۈننىڭ ئالدىدا، تۇغقىنىم يېزىدىكى كادىرلارنى باشلاپ كېلىپ ماڭا لازا ئۈزۈشۈپ بەردى، بۇنى پەقەت ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. ئۇلار ئېتىزلىقتا ماڭا ئىشلىشىپ بەردى، يەنە تېخى لازىلارنى سېتىشىمغا ياردەملەشتى، پارتىيەنىڭ ياخشى كادىرلىرىدىن چىن قەلبىمدىن مىننەتدار بولدۇم.

  بايىنبات ۋە سېرىما دائىم جاڭ جېنچۈەننى ئۆيىگە تاماققا چاقىرىدۇ، بايراملاردا ئۇلار ئۆزئارا ئۆيلىرىگە بېرىشىپ يوقلىشىپ تۇرىدۇ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى چىقىرىلسا، بايىنبات ھەمىشە ئەڭ بۇرۇن تۇغقىنىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ. جاڭ جېنچۈەن مۇنداق دېدى: مەن بىر دېھقان، تۇغقىنىم مېنى قىلچە يات كۆرمەيدۇ. بۇنداق ياخشى تۇغقىنىمنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.

  بايىنبات جاڭ جېنچۈەنگە مۇنداق دېدى: تۇغقىنىم، تۈزۈت قىلماڭ، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى، قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقاندىن باشلاپ، مەن سىزنى ئۆز تۇغقىنىم دەپ بىلىپ كەلدىم، بىر ئائىلە كىشىلىرى ياتلاردەك گەپ قىلسا بولمايدۇ.

  يېقىنقى ئىككى يىلدا، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرلارنىڭ ياردىمىدە، تىرىشىپ ئىشلەشكە تۇتۇش قىلغان جاڭ جېنچۈەن چوڭ تىپتىكى مايسا تىكىش ماشىنىسىدىن ئىككىنى سېتىۋالدى، كەنتتە ئىككى قەۋەتلىك ئۆي سالدى، كۈنلىرى بارغانسېرى ياخشىلاندى. بۇ يىل، ئۇ يەنە شادا يىغىش ماشىنىسىدىن ئىككىنى سېتىۋالدى. تۇغقىنىنىڭ تەسىرىدە، ئۇ ئاكتىپلىق بىلەن كەنتتىكى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە ياردەم بېرىپ، شادىلىرىنى ھەقسىز يىغىشىپ بەردى، كۈچىنىڭ يېتىشىچە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ياردەم بەردى. جاڭ جېنچۈەن مۇنداق دېدى: تۇغقىنىم ئىزچىل ماڭا خالىس ياردەم بېرىپ كەلدى، ھازىر مەنمۇ كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىمەن، بىر ئادەملا ياخشى تۇرمۇش كەچۈرسە ھېساب ئەمەس، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ياخشى تۇرمۇش كەچۈرسە، تۇرمۇش ئاندىن ياخشىلانغان بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى