تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋە شەھەر ـ بازارلاردىكى كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا 228 مىڭ 300 يۈرۈش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى

    مۇخبىرىمىز ما يىنىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايون يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋە شەھەر – بازارلاردىكى كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرگەن. 6 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، جايلاردا 228 مىڭ 300 يۈرۈش يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلىنىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆزگەرتىلگەن تۈرلۈك كەپە ئۆي 220 مىڭ 800 يۈرۈش(ئالدىنقى يىلدا ھېساب ئاغدۇرۇلغان تۈرلەردىكى 100 مىڭ يۈرۈشكە يېقىن ئۆينىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)كە يەتكەن.
   
   ئالدىنقى يېرىم يىلدا يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ئىلگىرىكى يىللار بىلەن تەڭلەشكەن، پۈتۈن يىللىق ۋەزىپىنى قەرەلىدە تاماملاش مۆلچەرلەنگەن. كېيىنكى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىدىكەن ھەم سۈپەتكە، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى چېقىش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، جايلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشى، خەتەرلىك ئۆيلەرنىڭ دەرىجىسىنى تۈرگە ئايرىپ بېكىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، خەتەرلىك ئۆيلەرنىڭ قونداق ھېساباتىنى تۇرغۇزۇپ، خىزمەت لايىھەسىنى تۈزۈپ، مۇۋاپىق، ئۈنۈملۈك ئۇسۇلنى قوللىنىپ، بۇ يىل ئىچىدە توققۇز بال يەر تەۋرەشكە چىداملىق بولۇش ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئۇلۇغچات ناھىيەسى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى ۋە سەككىز بال يەر تەۋرەشكە چىداملىق بولۇش ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئاقتۇ ناھىيەسى، قەشقەر شەھىرى قاتارلىق توققۇز ناھىيە ۋە شەھەردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنىڭ چېقىشقا تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسى چېقىلىدىكەن.

   ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى يەنە ھەرقايسى جايلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشنى كۆپ خىل شەكىل ۋە يوللار ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇل تۆلەم بېرىش، مۈلۈك ھوقۇقىنى ئالماشتۇرۇش ۋە قوغداش بىلەن ئۆزگەرتىش – كېڭەيتىشنى بىرلەشتۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش، چېقىش، كۆچۈرۈش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش شەكلىنى كېڭەيتىدىكەن؛ فۇنكسىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، يەر تەۋرەشكە چىداملىق قىلىش قاتارلىق ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىدۇ، ئىشلىتىش ئىقتىدارىغا بولغان ئېھتىياجنى قاندۇرىدۇ، كەڭ كۆلەمدە چېقىش – كەڭ كۆلەمدە قۇرۇش قاتتىق چەكلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى