تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

يېڭى ئاسىيا–ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بايلىقىنى ئايلاندۇرۇش چوڭ سۇپىسى

 ـــــ ئالاتاۋ پورتى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا كۆرگەن–ئاڭلىغانلىرىمىز

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ دۇڭلەي، ليۇجىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9-ئاينىڭ 30-كۈنى، مۇخبىرلار ئالاتاۋ پورتى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا كەلدى. ئەيجۈ چىنجياڭ يېمەكلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ زاۋۇت بىناسىدا گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز توختىماي ياڭرايتتى، ئاقما لىنىيەدىن ئەلا سۈپەتلىك ئۇن قاچىلانغان خالتىلار توختىماي چۈشۈپ تۇراتتى. «بىزنىڭ يىغىش-تارقىتىش ئورنىمىز شىئەندە، ھازىر ئالاتاۋ پورتى بىزنىڭ مەھسۇلاتنى ئىنچىكە پىششىقلايدىغان مۇھىم بازىمىز بولۇپ قالدى» دېدى شىركەت باش دىرېكتورى خۇ شۈمىڭ مۇخبىرلارغا.

  2014-يىلى 6-ئايدا، ئالاتاۋ پورتى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى تاموژنىنى تاقاپ تىجارەت قىلىشقا باشلىدى. قىسقىغىنا تۆت يىلدا، 465 كارخانا بۇ يەرگە ماكانلاشتى، قازاقىستان بىلەن جۇڭگو ئارىسىدىكى رايون ھالقىغان تەمىنلەش-سېتىش كەسىپ زەنجىرىنى تاماملىغان ئەيجۈ چىنجياڭ يېمەكلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ۋەكىللىك كارخانىلارنىڭ بىرى.

  «2016-يىلى شىركىتىمىز تۇنجى قېتىم دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىپ، قازاقىستاندا ئاشلىق سېتىۋېلىش، زاپاس ساقلاش بازىسى قۇرۇپ، 50 مىڭ توننا ئاشلىق سېتىۋېلىپ، زاپاس ساقلاپ، 5000 قازاقىستانلىق دېھقان بىلەن زاكاز ئىمزالىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىزنىڭ يەنە تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيەمىز، پويىزغا ئاشلىقنى پارچە قاچىلاپ توشۇش ئىقتىدارىمىز بار، بىز تەمىنلىگۈچى تەرەپنى ئۇرۇق تاللاش، سورت يېتىشتۈرۈش، تېرىش، سۇغىرىش، ئېتىز – ئېرىق تېخنىكا باشقۇرۇشى، ئورۇش، سېتىۋېلىش، قۇرۇتۇش، ساقلاش، توشۇش قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلالايمىز›› دېدى خۇ شۈمىڭ تونۇشتۇرۇپ.

  بۇ زامانىۋى چوڭ تىپتىكى ئاشلىق-ياغ كارخانىسى قازاقىستاننىڭ ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي بايلىقىغا كۆز تىككەنىدى. «بىز بازىدىن ئاشلىقنى دۆلىتىمىزگە توشۇپ، خام ئەشيادىن ئورگانىك مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلدۇق». زاۋۇت بىناسىدىكى قۇلاقنى يارغۇدەك ماشىنا ئاۋازىدا، خۇ شۈمىڭ يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەشكە مەجبۇر ئىدى. ئۇنىڭ كەينىدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق قاچىلاش، چۈشۈرۈش ماشىنا ئادىمى كود چاپلانغان خالتىلارغا قاچىلانغان ئۇنلارنى توختىماي رەتلىك تىزىپ تۇراتتى، ئوراپ قاچىلاش ماشىنا ئادىمى يەنە نەچچە ئون خالتا ئۇننى بىر پۈتۈن گەۋدە قىلىپ ئورايتتى. «ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى خام ئەشيالىرىنى ئۆز جايىدىلا ئىنچىكە پىششىقلاشقا ئالاتاۋ پورتى باجدىن خالىي رايونىدەك ماس كېلىدىغان ھېچقانداق جاي يوق» دېدى خۇ شۈمىڭ.

  دەرۋەقە، ئاتلانتىك ئوكياننىڭ شەرقىي قىرغىقىدىن باشلانغان بۇ ئۇزۇن تۆمۈريول ئەڭ قىسقا ئارىلىقتا ئالاتاۋ پورتى ئارقىلىق جۇڭگوغا كىرىپ، يەنە ئەڭ قىسقا ئارىلىقتا شىئەن، جېڭجوۋ قاتارلىق جايلارغا تۇتىشىدىغان مۇھىم قاتناش تۈگۈنى. پۈتكۈل ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى كېسىپ ئۆتىدىغان بۇ تۆمۈريول غول لىنىيەسى ئاساسىي جەھەتتىن تۈز لىنىيەلىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا جەنۇب، شىمالغا سوزۇلغان سانسىز تارماقلىرىدا تاۋارلار ئاساسىي جەھەتتىن ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى بارلىق مۇھىم ئىقتىسادىي رايونلارغا توشۇلىدۇ. تاۋارلارنىڭ جۇڭگوغا كىرىپ، چىقىدىغان توشۇلۇش ئارىلىقىنىڭ ئەڭ قىسقا تۈگۈنى دەل ئالاتاۋ شەھىرى بولۇپ، ئالاتاۋ پورتى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ قىممىتى دەل مۇشۇنىڭدا ئىپادىلىنىدۇ.

  خۇ شۈمىڭ مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا ئاسىيا ئەمەلىيەتتە جۇڭگونىڭ ئاشلىق كارخانىلىرىنى بەكلا قارشى ئالىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ نوپۇسى ئاز، دۆلەت ئىچىدىكى تەمىنلەش مىقدارى سەرپىيات مىقدارىدىن خېلىلا چوڭ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ دۆلەتلەردە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا خىمىيەۋى ئوغۇت ناھايىتى ئاز ئىشلىتىلىدۇ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە بارغانسېرى ئەھمىيەت بېرىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بۇ، غايەت زور سودا پۇرسىتىدىن دېرەك بېرىدۇ، قازاقىستاننىڭ ھەر يىللىق ئاشلىق ۋە پۇرچاق تۈرىدىكى زىرائەتلىرىنىڭ مەھسۇلات مىقدارىلا 18 مىليون 700 مىڭ توننىغا يېتىدۇ، بۇ غايەت زور بايلىق ئامبىرى.

  ئالاتاۋ شەھەرلىك پارتكوم پۇرسەتنى سەزگۈرلۈك بىلەن بايقاپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاشنى باجدىن خالىي رايوندىكى نۇقتىلىق قوللايدىغان كەسىپلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردى. تۆت يىلدىن بۇيان، باجدىن خالىي رايون ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ زال ئىچى ئاشلىق زىرائەتلىرىنى قاچىلاش ئامبىرىنى قۇردى، يەنە ئىككى كەڭ رېلىسلىق، بىر ئۆلچەملىك رېلىسلىق پارچە قاچىلىنىدىغان ئاشلىق مەخسۇس لىنىيەسى ھەم ئۇنىڭغا يانداشتۇرۇلغان 300 مىڭ توننىلىق سىلىندىرسىمان ئاشلىق ئامبىرى، 8900 كىۋادرات مېتىرلىق سوغۇق ساقلاش ئامبىرىنى قۇرماقچى بولدى. ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ باجدىن خالىي قىلىش، باج قايتۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار ئالاھىدە سىياسەتلىرىگە تايىنىپ، ئەيجۈ چىنجياڭ يېمەكلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە ئوخشاش كارخانىلار يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بايلىقىنى شۇ جايدا پىششىقلاشنى يۇقىرى ئۈنۈمدە ئىشقا ئاشۇرماقتا.

  ئەيجۈ چىنجياڭ يېمەكلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە يىراق بولمىغان جايدىكى ئالاتاۋ پورتى جىنسى ياغ چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىمۇ ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى. مۇئاۋىن باش دىرېكتور كې مىڭ پەقەت 26 ياشتا بولۇپ، بىردەم خەنزۇچە، بىردەم رۇسچە سۆزلەپ ناھايىتى ئالدىراش يۈرەتتى. ئالاتاۋ پورتى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا تۇنجى ماكانلاشقان چەت ئەل مەبلىغى كارخانىسى بولغان جىنسى ياغ شىركىتى 2016-يىلى 7-ئايدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئىلغار ئۈسكۈنە، ھۈنەر-سەنئەت ۋە ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگە تايىنىپ، كۈنلۈك يېمەكلىك ياغ پىششىقلاش ئىقتىدارىنى 100 توننىغا، يىللىق مەھسۇلات قىممىتىنى 200 مىليون يۈەن خەلق پۇلىغا يەتكۈزدى.

  «بۇ يەردە زاۋۇت قۇرۇشنى تاللىشىمىزدىكى سەۋەب، بۇ يەر قازاقىستانغا يېقىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ توشۇش تەننەرخى تۆۋەن، ئېتىبارلىق يەر ۋە باج سىياسەتلىرى بىزنى تېخىمۇ ئۆزىگە تارتتى. بىزنىڭ نىشانىمىز تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇق ئىستېمالچىنى قازاقىستاننىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش» دېدى كې مىڭ مۇخبىرلارغا تونۇشتۇرۇپ.

  چاق ئۇچقاندەك چۆرگۈلەپ، گۈدۈك چېلىندى، بەش يىلدىن بۇيان، ئىمپورت قىلىنغان ئاشلىق ۋە ياغلىق دانلار جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئارقىلىق چېگرادىن كىرگەندىن كېيىن بىۋاسىتە ئالاتاۋ پورتى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا پىششىقلىنىپ، ئۇن، يېمەكلىك ياغ ۋە ھەرخىل يېمەكلىككە ئايلاندۇرۇلۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بازارلاردا سېتىلدى. ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا ئاشلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ خىل مەھسۇلاتنى ئىنچىكە پىششىقلاش ئارقىلىق، ئالاتاۋ پورتى نوقۇل يول ئىقتىساد ئەندىزىسىدىن كۆپ مەنبەلىك پورت ئىقتىساد ئەندىزىسىگە ئۆزگەرمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ئېكولوگىيەسىدىكى زور بايقاش: خوشۇت جىنشاتەندە قۇش ئۇۋىسى مىڭدىن ئاشىدىغان قۇش ئارىلى بايقالدى
  • سۈزۈك سۇ، يېشىل قىرغاقلار ئەتىۋارلىق قۇشلارنى جەلپ قىلدى ‏
  • كۇچادا ئۆرۈك پىشتى ‏
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى