تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭتەي گۇرۇھى: چەت ئەل بازىرىدا رىقابەتلىشىش يېڭى ۋەزىيىتى ياراتتى

  مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە ئاخىرىلىرى دەل پاختا يىغىدىغان پەسىل. تاجىكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى خاتلون ئوبلاستى دانگارا شەھىرىنىڭ سىرتىدا، جۇڭتەي (دانگارا) يېڭى يىپەك يولى توقۇمىچىلىق كەسپى چەكلىك شىركىتى تېرىغان 100 مىڭ مو كېۋەزلىكتە مول ھوسۇل مەنزىرىسى نامايان بولدى.

  تاجىكىستان نۇر ۋە ئىسسىقلىق شارائىتىنىڭ ياخشى بولۇشى بىلەن دۇنيا بويىچە سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىدىغان مۇھىم رايونغا ئايلانغان، ئەمما پاختا پىششىقلاش كارخانىلىرى ئىنتايىن ئاز. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن، 2014 – يىلى، جۇڭتەي (دانگارا) يېڭى يىپەك يولى توقۇمىچىلىق كەسپى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ جۇڭتەي (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ تولۇق مەبلەغكە ئىگە تارماق شىركىتى سۈپىتىدە جۇڭتەي (دانگارا) يېزا ئىگىلىك توقۇمىچىلىق كەسىپ رايونىدا قۇرۇلۇش باشلىدى، پىلاندىكى ئومۇمىي سېلىنىدىغان مەبلەغ سوممىسى 1 مىليارد 250 مىليون يۈەن خەلق پۇلى بولۇپ، تۈركۈمگە بۆلۈپ 100 مىڭ مو يەرگە كېۋەز تېرىش تۈرى، 110 مىڭ ئۇرچۇقلۇق پاختا توقۇمىچىلىق تۈرى، 150 مىليون مېتىر رەخت توقۇش تۈرىنى يولغا قويدى، تۈر تاماملانغاندىن كېيىن، شۇ جايدىكى 3000 ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  بۇ يىل 6 – ئاينىڭ بېشىدا، كەسىپ رايونىنىڭ ئىككىنچى قارارلىق 50 مىڭ ئۇرچۇقلۇق ھاۋا ئېقىمى ئارقىلىق ئېگىرىش تۈرىدە توقۇمىچىلىق ماشىنىسىنى سىناق قىلىش ئوڭۇشلۇق بولۇپ، ھەر يىلى يېڭىدىن 18 مىڭ توننا يىپ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھازىرلاندى. بۇ يىپلار رۇسىيە، ئىتالىيە، پولشا قاتارلىق دۆلەتلەرگە سېتىلىدۇ. ھازىر، كەسىپ رايونى تەدرىجىي ھالدا كېۋەز تېرىقچىلىقى، پىششىقلاش، توقۇمىچىلىق، سېتىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن پاختىچىلىق بازىسىغا ئايلاندى.

  تاجىكىستاننىڭ سابىق مۇئاۋىن زۇڭلىسى، دۆلەت يېزا ئىگىلىك سېلىنما بانكىسىنىڭ سابىق باشلىقى مۇللاۋدالى ئالىمالېدۈن مۇنداق دېدى: جۇڭتەي دانگارا يېزا ئىگىلىك توقۇمىچىلىق كەسىپ رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى تاجىكىستاننىڭ يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلاپلا قالماي، دېھقانچىلىق ۋە توقۇمىچىلىق تېخنىكىسىنى يېڭىلىدى، شۇنداقلا شۇ جاينىڭ باج كىرىمى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىدى، شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.

  قانچىكى ئېچىۋېتىلسە، شۇنچە تەرەققىي قىلىدۇ؛ قانچىكى ئېچىۋېتىلسە، شۇنچە قالتىس بولىدۇ. جۇڭتەي دانگارا يېزا ئىگىلىك توقۇمىچىلىق كەسىپ رايونى جۇڭتەي گۇرۇھىنىڭ چەت ئەلدە ئورۇنلىشىشىنى تېزلىتىپ، ‹‹ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىق››تىن تولۇق پايدىلىنىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىپ كىرگەنلىكىنىڭ كارتىنىسى. جۇڭتەي گۇرۇھى بىر تەرەپتىن، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولدى، يەنە بىر تەرەپتىن، جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ ياردىمىدە، خام ئەشيانى ‹‹يەر شارىنىڭ ھەممىلا يېرىدىن سېتىۋېلىش›› بىلەن مەھسۇلاتىنى ‹‹يەر شارىنىڭ ھەممىلا يېرىگە سېتىش››نى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقئارالاشقان تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.

    بۇلتۇر 5 – ئاينىڭ 16 – كۈنى، 14 كۈنلۈك مۇساپىدىن كېيىن، ئەلا سۈپەتلىك ياغاچ بوتقىسى قاچىلانغان جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى گېرمانىيەنىڭ دۇيسبۇرگتىن كېلىپ، جۇڭگو شىنجاڭ ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىغا كىرىپ يۈكنى چۈشۈرگەندىن كېيىن، بۇ ياغاچ بوتقىلىرى جۇڭتەي گۇرۇھى قارىمىقىدىكى كورلا كەسىپ رايونىغا توشۇلۇپ ئىشلىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ كونتېينېرىغا شىركەت ئىشلەپچىقارغان PVC مەھسۇلاتى لىق قاچىلىنىپ ليەنيۈنگاڭغا توشۇلغاندىن كېيىن، يەنە دېڭىز تىرانسپورتى ئارقىلىق ھىندىستان، ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە سېتىلدى. بۇنىڭ بىلەن ھەم ‹‹كىرگۈزىدىغان››، ھەم ‹‹چىقىرىدىغان›› قۇرۇقلۇق تىرانسپورتى بىلەن دېڭىز تىرانسپورتى بىرلەشتۈرۈلگەن چوڭ ئايلانما سودا تىرانسپورت ئەندىزىسى شەكىللەندى.

  شىنجاڭ جۇڭتەي (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لى لياڭفۇ مۇنداق دېدى: 2015 – يىلى 6 – ئايدا، شىركەتنىڭ تۇنجى جۇڭگو (شىنجاڭ)  ـــ رۇسىيە(موسكۋا) ‹‹مال لىق قاچىلانغان›› خەلقئارا يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى قاتنىغاندىن بۇيان، جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىدىن 57 سى قاتناپ، 1 مىليون 370 مىڭ توننا يۈك توشۇلۇپ، لىنىيە بويىدىكى 60 نەچچە دۆلەتكە ‹‹جۇڭگو ياسىمىچىلىقى››نىڭ مەھسۇلاتلىرىنى يەتكۈزدى، قايتىش سەپىرىدە ياۋروپانىڭ ئېرىتىش بوتقىسى قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنى قاچىلاپ قايتىپ، كارخانىنىڭ خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى ھەم جۇڭتەي ماركىسىنى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››دا چاقناتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى