تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىسى بېيجىڭدا ئېچىلدى

  ۋاڭ خۇنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 13- كۈنى تېلېگراممىسى. «ئۇلۇغ ئۆزگىرىش − ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىسى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 11- ئاينىڭ 13- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دۆلەت مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ سۆز قىلدى ھەم كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، ئېچىلىش مۇراسىمى باشلاندى. پۈتۈن مەيداندىكىلەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى يۇقىرى ئاۋازدا ئوقۇدى.

  ۋاڭ خۇنىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو خەلقى ئىككى قولى بىلەن دۆلەت ۋە مىللەت تەرەققىياتىنىڭ سەلتەنەتلىك داستانىنى يېزىپ چىقتى، پارتىيەنىڭ قىياپىتى، دۆلەتنىڭ قىياپىتى، خەلقنىڭ قىياپىتى، ئارمىيەنىڭ قىياپىتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قىياپىتىدە مىسلى كۆرۈلمىگەن غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر، بارلىققا كەلگەن تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرگە تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى تارىخىي سەھىپىسىنى ئاچتى.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىنى ئۆتكۈزۈشتە، 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو خەلقىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى ئاچقانلىقىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى، تارىخنىڭ ئىجادچان ئەمەلىيىتىدە ئېتىلىپ چىققان غايەت زور مەنىۋى كۈچنى، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت يۈكسەك ئىشلار ئۈچۈن قوشقان غايەت زور تۆھپىسىنى نامايان قىلىش مەقسەت قىلىندى. يېڭى دەۋرگە كىردۇق، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، يېڭى دەۋرنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تېخىمۇ مۇستەھكەم ئىشەنچ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  خۇاڭ كۈنمىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. سۈن چۈنلەن، سەي چى، خاۋ مىڭجىن، چېن شياۋگۇاڭ، خې لىفېڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى ۋە بېيجىڭ شەھىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر ۋە پايتەختتىكى ھەر ساھە ئاممىنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ تەخمىنەن 1000دەك كىشى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  كۆرگەزمىدە ھالقىلىق تاللاش، ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل سەھىپە، تارىخىي غايەت زور ئۆزگىرىش، چوڭ دۆلەت سالاپىتى، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش قاتارلىق ئاساسىي تېمىلىق كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، تارىخىي سۈرەتلەر، خەتلىك سىن، ئەمەلىي بۇيۇم كۆرۈنۈشى، قۇم مودېل، ھەمتۈرتكىلىك ھېس قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل ۋاسىتە ۋە ئامىللار ئارقىلىق 40 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدا بارلىققا كەلگەن ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەر، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالغانلىقى تولۇق نامايان قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى