تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

ئالاتاۋ ئېكولوگىيە مېلودىيەسىنى ياڭرىتىپ، جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇردى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇجىڭ

  ئالاتاۋ شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسىدە خىزمەت قىلىدىغان، 20–ئەسىرنىڭ 90–يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان قىزچاق ۋاڭ جۈنچاۋدىن بۇ يەردە قېلىشنىڭ سەۋەبىنى سورىسىڭىز، ئۇ نەچچە ئون خىل سەۋەبنى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ. ‹‹كۈندۈزى بۇ بىر ئاۋات شەھەر، جۇڭگو–ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى كىرىپ–چىقىپ ئالدىراش مەنزىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ؛ كېچىسى بۇ بىر جىمجىت شەھەر، كۆڭۈلنى توختىتىپ ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈشكە ماس كېلىدۇ››. ۋاڭ جۈنچاۋنىڭ نەزەرىدە، ئالاتاۋ شەھىرى رەڭگارەڭ شەھەر ئىدى.

  ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى يولغا قويۇلغان بەش يىلدىن بۇيان، ئالاتاۋ شەھىرى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، بۇ چەت، يىراقتىكى پورت شەھىرىنى تەدرىجىي ھالدا كىشىلەر خاتىرجەم ياشايدىغان، ئېكولوگىيەسى ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان شەھەرگە ئايلاندۇرۇپ، تۈركۈملىگەن ياشلارنى ياشلىقى ۋە ئۇرغۇپ تۇرغان جاسارىتىنى بۇ ئۈمىدلىك مۇنبەت تۇپراققا بېغىشلاشقا جەلپ قىلدى.

  چۆل–جەزىرىدىن يېشىل بوستانلىققا ئايلانغۇچە

  ‹‹باھاردىن قىشقىچە يىل بويى بوران چىقىدۇ، بوران چىقسا تاشنى دومىلىتالايدۇ، قۇشلارمۇ ئۇچالمايدۇ››. ئىلگىرىكى ئالاتاۋ كىشىلەرگە مانا شۇنداق تەسىر بېرەتتى. 9–ئاينىڭ 27–كۈنىدىن 30–كۈنىگىچە، ئالاتاۋدا تۆت كۈن تۇرغان بولساممۇ، ئۈچ يېرىم كۈننىڭ ھەممىسىدە ئىللىق مەيىن شامال چىقتى.

  بۇ شەھەرنى ئايلانسىڭىز، تۆت ئەتراپنى يېشىللىق قاپلىغانلىقىنى كۆرىسىز. يولنىڭ ئىككى تەرىپى، ئىدارىلەر قورۇسى، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى، باغچىلاردا ھەممە يەر ئۆسۈملۈك بىلەن قاپلىنىپ، يول–يول يېشىل كارىدورلار ھاسىل قىلىنغان، بۇ يېشىل كارىدورلار ئالاتاۋنىڭ بۇلۇڭ–پۇچقاقلىرىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا قۇم–بوران چىقىدىغان چۆل–جەزىرە بۈگۈنكى كۈندە كۆركەملىشىپ، ئاۋاتلىشىپ، دەل–دەرەخلەر بىلەن قورشالدى.

  ئالاتاۋدىكى دەرەخلەرنىڭ مۇنداق ئالاھىدىلىكى بار، ھەممىسى شەرقتىن جەنۇبقا قاراپ قىيپاش ئۆسىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ كۈچلۈك شامالغا تاقابىل تۇرغانلىقىنىڭ بەلگىسى، بۇ يەردە بىر تۈپ دەرەخنىڭ تۇتۇشى ئىنتايىن قىيىن، ھەر بىر تۈپ دەرەخكە نۇرغۇن ئورمان بىنا قىلغۇچىنىڭ يۈرەك قېنى ۋە تەرى سىڭگەن.

  ئالاتاۋنىڭ يەر يۈزى قۇرغاق، سۈيى كەمچىل، كۆپىنچە تۇپرىقى تۇز، قۇم تەركىبى ناھايىتى يۇقىرى بولغان كۈل رەك قوڭۇر رەڭلىك قۇم تۇپراق بولۇپ، ئۆسۈملۈك ئاسان ئۆسمەيدۇ. يېڭى تىككەن كۆچەتكە تىرەك قويۇپ مۇستەھكەملەش ھەم توپا يۆتكەپ كېلىپ توپىسىنى ئالماشتۇرۇپ تىندۇرۇش، سۇغىرىش رايونىنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ سۇغىرىش قاتارلىق تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەر قوللىنىلىدۇ. ھازىر دەل–دەرەخلەرنىڭ تۇتۇش نىسبىتى %95 كە يەتتى.

  شەھەر ئىچىگە كۆكەرتىش دەرىخى تىكىلىپ، شەھەر سىرتىغا بوراندىن مۇداپىئەلىنىش ئورمىنى بەرپا قىلىندى. ھەر يىلى كەڭ كۆلەمدە كۆچەت تىكىپ، ئورمان بىنا قىلىش پائالىيىتى ۋە سۇ باشلاش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ھاۋانى تېخىمۇ نەملەشتۈرۈپ، كىشىلەرگە شامال ئاجىزلاپ، يامغۇر كۆپەيگەندەك بىۋاسىتە تەسىرات بەردى.

  بۇلتۇر ئالاتاۋ شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدە خىزمەت قىلىدىغان موڭغۇل يىگىت دوشەمۇ كۆچەت تىكىپ، ئورمان بىنا قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى. دوشە: باھار پەسلى ئالاتاۋنىڭ ئەڭ ئاۋات پەسلى، بۇ يەردە خىزمەت قىلىدىغان ھەر بىرەيلەن كۆچەت تىكىدۇ، بۇلتۇر مەن 100 تۈپتىن ئارتۇق كۆچەت تىكتىم، دېدى.

  بەش يىلدىن بۇيان، ئالاتاۋ ‹‹ئېكولوگىيەلىك شەھەر قۇرۇش›› ئىستراتېگىيەسىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ئىھاتە ئورمان بەرپا قىلىپ كۆكەرتىش، ئۆزگەرتىش كۆلىمىنى 6130 موغا يەتكۈزدى، ھازىر پۈتۈن شەھەر بويىچە دۆلەت دەرىجىلىك ئومۇمىي مەنپەئەت ئورمىنىدىن 280 مىڭ مو، سۈنئىي ئىھاتە ئورمىنىدىن 11 مىڭ 400 مو بار بولۇپ، يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %34.3كە يەتتى.

  ئېبنۇر كۆلىنى قول تۇتۇشۇپ ئورتاق قوغداش

  ئالاتاۋ شەھىرىگە يېقىن قوشنا بولغان ئېبنۇر كۆلى سۇلۇق يېرى ئىزچىل جەرەن، توشقانزەدىكى قاتارلىق ئەتىۋارلىق ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ماكانى بولۇپ كەلدى. ئىلگىرى ئۈنۈملۈك قوغداش كەمچىل بولغاچقا، ئوغرىلىقچە ئوۋلاش، ئوغرىلىقچە كولاش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار بىر مەزگىل ئېبنۇر كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئېغىر تەسىرگە ئۇچراتقانىدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالاتاۋ شەھىرىدىكى ئورمان جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق كۆپ ئورۇن بىرلىشىپ، ئېبنۇر كۆلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ رايوندا ئوغرىلىقچە ئوۋلاش، ئوغرىلىقچە كولاش، ياۋايى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى ئېلىش–سېتىش قاتارلىق قانۇنسىز ھەرىكەتلەرگە قاتتىق زەربە بەردى.

  مۇخبىر قوغدىلىدىغان رايونغا كىرىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، ئالتە جەرەننىڭ ئاستا كېتىۋاتقان ئاپتوموبىل ئالدىدىن سەكرەپ ئۆتۈپ، كۆزنى يۇمۇپ–ئاچقۇچە قويۇق يۇلغۇنلۇق ئارىسىدا غايىب بولغانلىقىنى كۆردى. 200 نەچچە مېتىر يىراقلىقتىكى ئېبنۇر كۆلىدە نۇرغۇن سۇ قۇشى ئاغزىنى تەمشىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىكى ئەتىۋارلىق ئارتېمىيە قوڭغۇزى ئىدى.

  ئېبنۇر كۆلىنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىدىكى كۆكباستاۋ رايونىدا، يېڭىدىن تىكىلگەن سۆكسۆك، توغراق كۆچەتلىرى بىخ سۈرگەن بولۇپ، تاقىر يەر چىملىق بىلەن قاپلانغانىدى. ئەگەر مۇخبىر ئىلگىرى كېلىپ باقمىغان بولسا، بۇ يەرگە دەسلەپتە كەلگەن كىشىلەر بۇ يەردە ئىلگىرى بىر كەنت بارلىقىغا ئىشەنمىگەن بولاتتى.

  ‹‹بۇلتۇر 7–ئايدا، كەنتتىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئالاتاۋ شەھىرىگە كۆچۈپ كەتتى، يەنە ئاز بىر قىسمى تولى ناھىيەسىگە كەتتى›› دېدى شىنجاڭ ئېبنۇر كۆلى سۇلۇق يەر دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى كۆكباستاۋ مەركىزى باشقۇرۇش–قوغداش پونكىتىنىڭ قوغدىغۇچىسى يىدېڭ باگېن. ئېبنۇر كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئالاتاۋ شەھىرى كۆكباستاۋدىكى كۆپ قىسىم كەنت ئاھالىسىنى قوبۇل قىلدى ھەم ئۇلارنى تۇرالغۇ ۋە خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. ھازىر 189 كەنت ئاھالىسى كەنت ئاھالىسىدىن شەھەر ئاھالىسىگە ئۆتۈشتەك سالاھىيەت ئۆزگىرىشىنى تاماملىدى.

  توپ–توپ جەرەنلەر قايتىپ كېلىپ ئوتلايدىغان بولدى، توغراق كۆچەتلىرى ياشىرىشقا باشلىدى، شىنجاڭدىكى بۇ كۆلىمى ئەڭ چوڭ تۇزلۇق كۆل ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايون ياۋايى ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ماكانىغا ئايلاندى.

  ئېكولوگىيەسى ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان شەھەر بەرپا قىلىش

  ‹‹مەن مۇشۇ جايدا ياشاشنى ياخشى كۆرىمەن›› دېدى ئىلگىرى كۆكباستاۋدا تۇرغان چارۋىچى رايىزا خالىم، بۇلتۇر ئېبنۇر كۆلىدىن كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن، رايىزا ئائىلىسىدىكىلەر ئالاتاۋ شەھىرىدىكى 60 نەچچە كىۋادرات مېتىرلىق بىر يۈرۈش ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە، رايىزا ئالاتاۋ شەھىرىدىكى بىر يەسلىدە پەرۋىشچى بولۇپ ئىشلىدى. ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرۈپ بارىدىغان جايى ئالاتاۋ مەركىزى ئىدى.

  شەھەر ئاھالىسىگە ئارام ئېلىپ كۆڭۈل ئاچىدىغان ياخشى جاي ھازىرلاپ بېرىش ئۈچۈن، 2017–يىلى، ئالاتاۋ شەھىرى خىزمەت قىلىش، كۆرگەزمە، چېنىقىش، ئارام ئېلىش بىر گەۋدە قىلىنغان چوڭ تىپتىكى شەھەر ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى ئالاتاۋ مەركىزىنى قۇردى. بورانلىق ھاۋارايىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، شەھەر ئاھالىسىگە يەنە 800 مېتىرلىق زال ئىچى پىيادە مېڭىش يولى ياساپ بەردى ھەم پىيادە مېڭىش يولىغا پىلاستىك ماتېرىيال، شېغىل ۋە تاختاي قاتارلىقلارنى يېيىتىپ، پىيادە مېڭىش يولىنىڭ ھېس قىلىش تۇيغۇسىنى بېيىتتى.

  ۋاڭ جۈنچاۋ مەركىزىي شەھەر كۆرگەزمە سارىيىنى ئىجادىي لايىھەلىگۈچىلەرنىڭ بىرى. ۋۇخەن توقۇمىچىلىق داشۆسىنى پۈتكۈزگەن بۇ ئاسپىرانت قىز 2015–يىلى 7–ئايدا ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشتە ئالاتاۋ شەھىرىگە كەلدى، ئۇ ساياھەت ئىدارىسىدە تەشۋىقات خىزمىتىنى ئىشلەشنى تاللىدى. ئۇ مەكتەپداش يىگىتى شياۋ ۋېيچۈن بىلەن بىللە كەلدى، ھازىر ئۇلار توي قىلىپ بۇ يەرگە ماكانلاشتى.

  ‹‹كۆرگەزمە سارىيىنى لايىھەلەش جەريانىدا، مەن نۇرغۇن ماتېرىيال كۆردۈم، ئالاتاۋنىڭ ھەممە يېرىنى ئايلىنىپ چىقتىم، يېڭىدىن قەد كۆتۈرگەن شەھەرنىڭ گۇۋاھچىسى ۋە ئۇنى قۇرۇشقا قاتناشقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئالاتاۋنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىم كامىل›› دېدى ۋاڭ جۈنچاۋ.

  بىر قانچە يىلدىلا، ۋاڭ جۈنچاۋغا ئوخشاش ئالاتاۋغا ماكانلاشقان يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلار 788گە يەتتى. ‹‹چىنار دەرىخىنى تىككەندە، سۇمۇرغنى جەلپ قىلغىلى بولىدۇ››. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ياخشىلىنىشى، ‹‹ئىختىساسلىقلارغا ئېتىبار بېرىش›› قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلۇشى، شەھەرنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى ئالاتاۋغا كۆپلىگەن ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلدى. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى شەرق شامىلىدا ياشناۋاتقان ئالاتاۋ شەھىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تاشماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى