تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭگو–ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى بارغانسېرى ئالدىراش بولماقتا

 ئەشيا ئوبوروتى ھالقىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مەشغۇلات ۋاقتىنى قىسقارتىپ، يېشىل يولنى ئورتاق قۇرۇش

 شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ: 9 – ئاينىڭ 9 – كۈنى، شىنجاڭ خۇاتيې شىنچياۋ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋۇ گۇيخۇا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ماللارنى تاشكەنتكە توشۇش ئۈچۈن ئاز دېگەندە ئون كۈن كېتەتتى، ھازىر بەش كۈنلا كېتىدۇ. توشۇش ۋاقتىنىڭ يېرىمى قىسقىراپ، شىركەت مەبلىغىنىڭ قايتىش سۈرئىتى زور دەرىجىدە تېزلىتىلدى.

  2011– يىلى 5 – ئايدا، شىنجاڭ خۇاتيې شىنچياۋ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىنىڭ مال تىرانسپورت كەسپىنى ھۆددىگە ئالدى، لېكىن توشۇش ۋاقتىنىڭ بەك ئۇزاق بولۇشى ئىزچىل شىركەتنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەيدىغان ‹‹بوغما›› ھالەت بولۇپ كەلدى. ۋۇ گۇيخۇا مۇنداق دېدى: ئالدىنقى يىللاردا، غەرب يۆنىلىشىدىكى چېگرادىن چىقىدىغان تۆمۈريول راۋان ئەمەس ئىدى، پويىزنىڭ توشۇش كۈچى ئاجىز ئىدى، ماللارنى ئالاتاۋ پورتىدا ساقلاپ، بىر نۆۋەتچى پويىز توشقاندا ئاندىن يولغا چىقارغىلى بولاتتى، بەزى ماللار بىر ئايدا ئاران مەنزىلگە يەتكۈزۈلەتتى. 2016 – يىلى 5 – ئايدا، جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، بۇ خىل ئەھۋال ياخشىلىنىشقا باشلىدى.

  شىنجاڭ شىنتيې خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر ليۇ چاڭلىن مۇنداق دېدى: ئىلگىرى مەيدان – ۋوگزالدىكى مەشغۇلات ۋاقتى 72 سائەت ئەتراپىدا بولۇپ، نۆۋەتچى پويىزنىڭ قاتناش ئۈنۈمىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەنىدى. ماللار تاموژنىغا مەلۇم قىلىنىپ، تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزى ئاندىن پويىزنى تەشكىللەپ مال قاچىلايتتى، بۇنىڭغا بىر قەدەر ئۇزاق ۋاقىت كېتەتتى.

  نۆۋەتچى پويىزنىڭ قاتناش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزى ئەشيا ئوبوروتىنى تەشكىللەش ھالقىسىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، قىسقا ئارىلىققا توشۇش، ئامباردا ساقلاپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق مەشغۇلات ۋاقىتلىرىنى قىسقارتتى، بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتناش ۋاقتى بارغانسېرى قىسقاردى. ليۇ چاڭلىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزى ئەنئەنىۋى تەپەككۇر شەكلىنى بۇزۇپ تاشلاپ، بازار ئېھتىياجىغا يېقىندىن ماسلىشىپ، ماللارنى تاموژنىغا مەلۇم قىلىش بىلەن بىللە، نۆۋەتچى پويىزنى ئالدىن زاكاز قىلدى، تاموژنىغا مەلۇم قىلىش رەسمىيىتى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، تېزدىن پويىزغا قاچىلاشنى تەشكىللەپ، ماللارنىڭ ساقلىنىش ۋاقتىنى قىسقارتتى، مەيدان – ۋوگزالدىكى مەشغۇلات ۋاقتى 72 سائەت ئەتراپىدا بولۇشتىن ھازىرقى 36 سائەت ئىچىگە قىسقىراپ، ئەڭ تېز بولغاندا شۇ كۈنى مال كەلسە، شۇ كۈنى پويىزغا قاچىلاپ يولغا سالىدىغان بولدى.

  ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزى يەنە تاموژنا قاتارلىق تارماقلار بىلەن تاموژنىدىن ئۆتۈش يېشىل يولىنى ئورتاق قۇرۇپ، باش بېكەتتە تاموژنىغا، تەكشۈرۈشكە يوللاپ، پورت، ۋوگزالدا بىۋاسىتە قاتنايدىغان، بىۋاسىتە چىقىدىغان نۆۋەتچى پويىز تەشكىللەش ئەندىزىسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، پورتتىكى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتىنى ئەسلىدىكى 12 سائەتتىن ئالتە سائەت ئىچىگە قىسقارتتى. قازاقىستان تۆمۈريولى تېز توشۇش پاي شىركىتى بىلەن نۆۋەتچى پويىزلارنى ئالدىن ئالماشتۇرۇش، قاچىلاش، چېگرا سىرتىدا پۈتۈن ۋاگونلۇق گۇرۇپپىلاش ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ۋە ۋاكالەتچىلىك توختامى ئىمزالاپ، كونتېينېرلىق نۆۋەتچى پويىزنىڭ ئالماشتۇرۇش – قاچىلاش ۋاقتىنى ئالتە سائەت ئىچىدە، پۈتۈن نۆۋەتچى پويىزنىڭ ئالماشتۇرۇش – قاچىلاش ۋاقتىنى 30 سائەت ئىچىدە كونترول قىلدى.

  ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزى بىرقاتار تەدبىرلەرنى قوللاندى، ئىلگىرى ماللارنى شىنجاڭدىن قازاقىستاننىڭ ئالمائاتاغا توشۇشتا، پۈتۈن مۇساپىگە بەش كۈندىن يەتتە كۈنگىچە ۋاقىت كېتەتتى، ھازىر 40 سائەتتىلا مەنزىلگە يېتىپ بارالايدىغان ھالەت شەكىللەندى، باشقا يۆنىلىشتىكى نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ قاتناش ۋاقتىمۇ زور دەرىجىدە قىسقاردى.

  يۇقىرى ئۈنۈملۈك توشۇش تېخىمۇ كۆپ مال مەنبەلىرىنى شىنجاڭدا يىغىلىشنى تاللاشقا جەلپ قىلدى، ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدىن يولغا چىقىدىغان جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى بارغانسېرى كۆپىيىپ، سۈرئىتى بارغانسېرى تېزلەشتى: 2016 – يىلى 135كە، 2017 – يىلى 710 غا يەتتى، بۇ يىلنىڭ بېشىدىن ھازىرغىچە 706 نۆۋەتچى پويىز قاتناپ، يىل ئىچىدە 1400 نۆۋەتچى پويىز قاتناش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى