تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

يېزا–كەنت ساياھەتچىلىكى: ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ مول مەنزىرىلىرىدىن ھۇزۇرلاندۇرۇش

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ دۇڭلەي


    8 – ئاينىڭ 19 – كۈنى، سانجى شەھىرى ليۇگۇڭ بازىرىنىڭ شىمالىدىكى شىنجاڭ ‹‹دۇشى›› ساياھەت ئىستىراھەت رايونىدا ساياھەتچىلەر ناھايىتى كۆپ ئىدى.  دېھقانلار ئارامگاھىدىن تەرەققىي قىلىپ، ھازىرقى نەچچە مىڭ مو كۆلەمنى ئىگىلىگەن بۇ ئىستىراھەت رايونى دۆلەت دەرىجىلىك ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى ھەم دۆلەت 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىغا ئايلاندى. يېزا-كەنتلەر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەت كەسپىدىكى مۇھىم تىرەك نۇقتىغا ئايلانماقتا. تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى كەنتلەر ئوخشاش بولمىغان تەبىئىي مەنزىرە بىلەن گۇمانىتارلىق مەنزىرىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، جاي-جايلاردىن كەلگەن مېھمانلار، دوستلارنىڭ ھەقىقىي شىنجاڭنى چوڭقۇر چۈشىنىشى ئۈچۈن مۇھىم كۆزنەك ۋە مەزمۇت كۆۋرۈككە ئايلاندى. ھازىر، مۇقىم پايدىنىڭ سىجىل ئېشىشى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلىشىنىڭ تۈرتكىسىدە، چوڭ-كىچىك كەنتلەر ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ مول مەنزىرىلىرىدىن ھۇزۇرلاندۇرماقتا.
    يېزا-كەنتلەر گۈللىنىپ، يېزا ئىگىلىك رايونى مەنزىرە رايونىغا ئايلاندى
    يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىدە ئالدى بىلەن مەنپەئەتلىنىدىغىنى يېزا-كەنتلەرنىڭ ئۆزى. سىرتقى دۇنياغا يۈزلىنىش تېخىمۇ كۆپ كەنتلەرنى بېكىنمە ھالەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ، تېخىمۇ گۈزەل، زامانىۋى، ساغلام تۇرمۇشقا ئىنتىلدۈردى، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشقا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى تېخىمۇ ئاكتىپ، ئوچۇق ۋە سىغدۇرۇشچان قىلىپ ئۆزگەرتتى. 
   پىچان ناھىيەسى تۇيۇق يېزىسىنىڭ تۇيۇق كەنتى ئېغىر نامرات كەنت ئىدى، كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىدىيەسى ئىلگىرى تولىمۇ قاتمال ئىدى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ھەتتا كەنتتىن چىقىشنىمۇ خالىمايتتى. ساياھەتچىلىك بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى.
    ‹‹دۆلەت تارىخىي مەدەنىيەت مەشھۇر كەنتى›› قاتارلىق ناملارغا ئېرىشكەن بۇ كەنتتە بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. ساياھەتچىلەر تۇيۇق كەنتى ئاھالىلىرىگە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تونۇتتى.
    2017-يىلى، رەشىدە ئۆمەر ھويلىسىدا سەھرا ئارامگاھى ئېچىپ، يىللىق كىرىمىنى 150 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزدى. رەشىدە ئۆمەر مۇنداق دېدى: مەن بۇنچىلىك كۆپ پۇل تاپالايدىغانلىقىمنى ئويلاپ باقمىغان، مەن جەزمەن ياخشى ئىشلەيمەن، تىرىشساملا كەلگۈسۈم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.
    ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى چوڭ شەھەرلەرنىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى يېزا-كەنتلەر كىشىلەر بىلەن لىق تولۇپ، قاينام-تاشقىنلىققا چۆمىدۇ. باھار سەيلىسى، گۈل تاماشاسى، دېھقانلار ئارامگاھىدا غىزالىنىش شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئارام ئېلىشتىكى ئاساسلىق ئۇسۇلىغا ئايلاندى. چوڭ-كىچىك كەنتلەرنىڭ ئىشىكى مېھمانلار ئۈچۈن ئېچىلدى، كىشىلەر خۇشال كېلىپ، خۇشال قايتتى.
    ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۈيشىگو بازىرىنىڭ فاڭجياجۇاڭ كەنتى يىراق-يېقىنغا تونۇلغان دېھقانلار ئارامگاھى نۇقتىسى ئىدى. ھازىر، بۇ كەنت دېھقانلار ئارامگاھىغا تايىنىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، داڭلىق، سۈپەتلىك، ئالاھىدە، بۇلغانمىغان كۆكتاتلارنى ئىشلەپچىقاردى، يەنە باقمىچىلىق رايونىدا قوي، كالا، ئۆي قۇشلىرىنى بېقىپ، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، دېھقانلار ئارامگاھى يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى سەيلە-ساياھەتچىلىك بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈردى.
    بۇ كەنت نوقۇل ھالدىكى ‹‹يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەش›› فۇنكسىيەسىدىن قۇتۇلۇپ، ساياھەت مەنزىلگاھىغا ئايلىنىپ، تېخىمۇ زور دەرىجىدە ‹‹يىراق›› بىلەن بولغان چوڭقۇر چۈشىنىش ۋە ئالاقىنى ئىشقا ئاشۇردى. ئۈزۈلمەي كەلگەن كىشىلەر فاڭجياجۇاڭ كەنتىدە غىزالىنىپلا قالماستىن، بەلكى بۇ يەردە كۈنسېرى گۈللىنىۋاتقان، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتقان گۈزەل كەنتنى كۆردى. بۇنداق كەنت تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا تېخىمۇ كۆپ.
    گۈل تاماشا قىلىش، ئات چاپتۇرۇش  ھەرقايسى كەنتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار.
    ئۆرۈك چېچىكى، ئالما چېچىكى، شاپتۇل چېچىكى، ئۈستىقۇددۇس، تاغ-دالىنى قاپلىغان مامكاپ، ئىرىس ئوتى، نازىگۈل... بۇنداق رەڭگارەڭ گۈزەل مەنزىرە شىنجاڭدىن باشقا جايدا ئاز ئۇچرايدۇ، گۈل-گىياھلارغا پۈركەنگەن كەنتلەرمۇ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە.
    قورغاس ناھىيەسىنىڭ لۇساۋگۇ بازىرى سىگۇڭ كەنتىنىڭ ئاھالىسى جاڭ دۇڭچياڭ 40 مو يېرىدىكى ئۈستىقۇددۇسنى ئىككىنچى قېتىم ئورۇۋاتاتتى. سۆسۈن رەڭلىك ئۈستىقۇددۇستىن خۇشبۇي ھىد پۇراپ تۇراتتى، ئايىغى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان ساياھەتچىلەر ئۈستىقۇددۇسلۇق ئەتراپىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈۋاتاتتى. پۈتۈن كەنت بويىچە ئۇنىڭغا ئوخشاش ئەنئەنىۋى زىرائەت تېرىقچىلىقىنى ئۈستىقۇددۇس تېرىقچىلىقىغا ئۆزگەرتكەن دېھقان 300دىن ئاشىدۇ. جاڭ دۇڭچياڭ مۇنداق دېدى: بۇنى كەنت پىلانلىغان، ناھايىتى ياخشى بولدى، ئىلگىرى كۆممىقوناق تېرىغانغا سېلىشتۇرغاندا، ھەر مو يەردىن قىلىدىغان كىرىمىم 3000 يۈەن كۆپەيدى.
    ئۈستىقۇددۇس سىگۇڭ كەنتىنىڭ داڭقىنى چىقىرىپ، شۇ جايدىكى باي كەنتكە ئايلاندۇردى. سۆسۈن رەڭلىك گۈل دېڭىزى يەنە ئەتراپتىكى كەنتلەرگە، ھەتتا باشقا يېزا – بازارلارغىچە كېڭەيدى. ھازىر قورغاس ناھىيەسىدىلا ئۈستىقۇددۇس كۆلىمى 30 مىڭ مودىن ئاشتى، ئىلى دەريا ۋادىسى جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئۈستىقۇددۇس ماكانىغا ئايلاندى.
    يەرلىكنىڭ ئەۋزەل بايلىقى تۇتقا قىلىنىپ، ئۆزگىچە كەسىپلەرنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمى تېزلىتىلدى، بارغانسېرى كۆپ كەنت ھەم ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلگەن چوڭ ئەندىزىگە قاتناشتى، ھەم ئوخشاش قېلىپتا بولۇش رىقابىتىدىن ئۈنۈملۈك ساقلاندى.
    مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئاناركۆل مەنزىرە رايونىدا، يەرلىكتىكى 31 ئائىلىلىك ئات ھارۋىسى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇشقا قاتنىشىپ، تۈركۈم-تۈركۈم ساياھەتچىلەرنى باشلاپ، قومۇش بىلەن توغراق، دەريا بىلەن چۆل گىرەلەشكەن ئاجايىپ مەنزىرە رايونىنى ساياھەت قىلدۇردى. 14 ئات ھارۋىسىنىڭ ھەربىرى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 300 يۈەندىن 400 يۈەنگىچە كىرىم قىلدى، مەنزىرە رايونى ھېچقانداق باشقۇرۇش ھەققى ئالمىدى، تىجارەت كىرىمىنىڭ ھەممىسى ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ھەميېنىغا كىردى.
    ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى ما رۈي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش شىنجاڭنىڭ ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىرلىرىنىڭ بىرى. ھازىر، شىنجاڭنىڭ يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكى كۈتۈۋالىدىغان ساياھەتچىلەر ئۈزلۈكسىز كۆپەيمەكتە. نۇرغۇن دېھقان-چارۋىچى ساياھەتچىلىككە ئالاقىدار كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىدى.
    ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىز بايلىق ئەۋزەللىكى رايونى، ساياھەت قىلىشقا باب كېلىدىغان نامرات رايونلاردا ساياھەت ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش ۋە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش كەسىپ سىستېمىسىنى سىجىل بەرپا قىلىپ، نامرات ئاممىنى ساياھەتنى ئېچىشقا قاتنىشىشقا يېتەكلەپ ۋە قوبۇل قىلىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، سىجىل، مۇقىم نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. كۆپ مەنبەلىك، خاس تەرەققىيات ئۇسۇلى ھەم ساياھەتچىلەرگە شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇردى، ھەم كەنت ئاھالىلىرىگە تۇرمۇشنىڭ لەززىتىنى تېتىتتى.
    ئىشەنچ ئاشتى، يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنىڭ بازىرى چىقتى
    كەنتلەرنىڭ قىياپىتى يېڭىلىنىپ، مەنزىرىسى تېخىمۇ گۈزەللىشىپ، كىشىلەرنىڭ يۇرتىنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچىسى ئاشتى. مەيلى يەرلىكنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بولسۇن ياكى قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى بولسۇن، ياكى خاس مەنىۋى بايلىق بولسۇن، ھەممىسى كەنت كىرىمىنىڭ مۇھىم مەنبەسىگە ئايلانماقتا.
    مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى ئېگىنبۇلاق يېزىسىنىڭ يۆلياڭدى كەنتىدە 49 يىل ئاچچىقسۇ ئېچىتقان ۋاڭ شۇچىن ئاچچىقسۇ ئېچىتىش ھۈنىرى ۋە ساپ ئاشلىقتىن ئېچىتىش ئارتۇقچىلىقىغا تايىنىپ، ئۆزى ئېچىتقان ئاچچىقسۇنى بېيجىڭ، شاڭخەيلەرگىچە ساتتى. ۋاڭ شۇچىن مۇنداق دېدى: مەن ئوغلۇم بىلەن كېلىنىمنىڭ مېھمانخانىنى باشقۇرۇشىغا ياردەملەشكەچ، ئاچچىقسۇ ساتىمەن. يۆلياڭدىغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۆيۈمگە كېلىپ ئاچچىقسۇ سېتىۋالىدۇ، يىلدا ئۈچ توننا ئەتراپىدا ئاچچىقسۇ ساتىمەن، ئاۋات پەسىلدە ئەڭ كۆپ بولغاندا كۈنىگە نەچچە يۈز كىلوگىرام ساتالايمەن.
    2017 – يىلى يۆلياڭدى كەنتى ئەنئەنىۋى كەنتلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى، كەنتنىڭ قىياپىتى يېپيېڭى تۈسكە كىردى. كەنت كوچىلىرىنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى ھەممە ئۆينىڭ ئىشىكىگە ۋىۋىسكا ئېسىلغان بولۇپ، بىر ئائىلە ئۇن، يەنە بىر ئائىلە توخۇ، يەنە بىر ئائىلە جۇۋاز يېغى، يەنە بىر ئائىلە قولدا تەييارلانغان كەسمە چۆپ ۋە قۇرۇتۇلغان ھورنان ساتىدۇ... تۈرلۈك ھۈنەر ئۆزگىچە ساياھەت مەھسۇلاتلىرىغا جان كىرگۈزدى، شۇنداقلا ساياھەتچىلەر ئەڭ قىزىقىدىغان ئەۋزەل بايلىققا ئايلاندى. ۋاڭ شۇچىن ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: مەن ئېچىتقان ئاچچىقسۇ بەك ياخشى، سىز بۇنداق ئاچچىقسۇنى ھېچقانداق يەردىن تاپالمايسىز.
    مەززىلىك تائاملارنىڭ خۇش ھىدى كېلىپ تۇرىدىغان دېھقانلار ئارامگاھلىرى، نەپىس ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرى، مۇڭلۇق موڭغۇل كۈيى، قاينام-تاشقىنلىققا تولغان قوتازغا مىنىپ ئوغلاق تارتىشىش، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان تېرە چاڭغا تېيىلىش... بىپايان شىنجاڭدا كەنتلەرنىڭ خاس جەلپكارلىقى نامايان بولماقتا. ئۇلار بىر تەرەپتىن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىسىگە ئۈزلۈكسىز تەرەققىيات ئىشەنچى بېغىشلىدى، يەنە بىر تەرەپتىن، كۆرۈنەرلىك ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتتى. سانسىزلىغان كەنتلەرنىڭ ئەۋزەللىكى مۇجەسسەملىنىپ، بارغانسېرى رايون ئىقتىسادىدىكى مۇھىم كۈچكە ئايلاندى. ساياھەت ئىقتىسادىنىڭ تۈرتكىسىدە، ‹‹چۆچەكلەردىكى چېگرا شەھەر›› بۇرچىن ناھىيەسى نامرات ناھىيەدىن بىر سەكرەپلا شىنجاڭدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى ئىلغار ناھىيەگە ئايلاندى.
    يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنىڭ بازار تېپىش جەريانى ئەمەلىيەتتە يەنە كەنتلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەسىر كۈچىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىش جەريانىدىن ئىبارەت. ھازىر يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، ئىسلاھات، تەرەققىيات ئومۇملۇقىغا ئومۇميۈزلۈك سىڭدۈرۈلۈپ، مۇقىملىقنى قوغداش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، ئىش ئورنىنى كۆپەيتىش، مۇقىم ئاشۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ