تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ ‹‹مۇھىم ئېشىش قۇتۇپى››

  ـــ كۇچا ئىقتىساد–تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا كۆرگەن–ئاڭلىغانلىرىمىز

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى يەن شياۋجۈەن، گې يوۋجۈن

  8 – ئاينىڭ 24 – كۈنى، كۇچا ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونى شىنجاڭ جيەنمۇ موتوسىكلىت چەكلىك شىركىتىنىڭ سېخىدا ئىشچىلار توكسىكلىت قۇراشتۇرماقتا.

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

  كۇچا ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت مۇھىم، زور پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، 2017 – يىلى 18 مىليارد 200 مىليون يۈەنلىك سانائەت ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى ياراتتى، بۇ، پۈتۈن ناھىيە سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ %82.5 ىنى ئىگىلەپ، كۇچانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي موتورىغا ئايلىنىش بىلەن بىللە، ھازىر يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ ‹‹مۇھىم ئېشىش قۇتۇپى›› بولۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ.

  2015– يىلى 4 – ئايدا دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونى قىلىپ ئۆستۈرۈلگەن بۇ كەسىپلەر رايونى 2016 – يىلى سودا مىنىستىرلىقىنىڭ تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك تەرەققىيات رايونى ئۇنىۋېرسال باھالىشىدا 204 – ئورۇندا، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئارقىدىن سانىغاندا 2 – ئورۇندا تۇرغانىدى. ئەمما، 2017 – يىلى بىر سەكرەپلا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 171 – ئورۇنغا، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئالدىنقى 3 – ئورۇنغا ئۆتتى.

  مەبلەغ سېلىپ ئېچىلغان مۇنبەت تۇپراق

  كۇچا ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىدىكى بىر قاقاسلىققا جايلاشقان، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 4500 مو، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 812 مىڭ ئۇرچۇق كېلىدىغان ‹‹ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسى كۇچا كەسىپلەر رايونى››نىڭ قۇرۇلۇش مەيدانى جۇشقۇن كەيپىياتقا تولغانىدى؛ شىنجاڭ جيەنمۇ موتوسىكلىت چەكلىك شىركىتىنىڭ توكسىكلىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياسالدى؛ گىرافىت ئالكېن كەسىپلەر رايونى ۋە 1000 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى قۇراشتۇرۇش تۈرى قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەر پائال كېڭىشىلمەكتە...

   شىنجاڭ جيەنمۇ موتوسىكلىت چەكلىك شىركىتى مەمۇرىيەت ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى دۇ پىڭفەن مۇنداق دېدى: موتوسىكلىت ئوتتۇرا ئاسىيادا ناھايىتى چوڭ تەرەققىيات بوشلۇقىغا ئىگە، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى شىركىتىمىزگە مىسلىسىز پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. شىركىتىمىز سىچۈەن يۆچېڭ ئاپتوموبىل كەسپى چەكلىك شىركىتى 1 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ قۇرغان، يىلدا 200 مىڭ توكسىكلىت ئىشلەپچىقىرىدىغان ئۈسكۈنە ياساش كارخانىسى، شىركەتنىڭ 40 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق ئومۇميۈزلۈك قۇراشتۇرۇش سېخى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

  شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى خۇ بىن مۇنداق دېدى: ھازىر بىز ئايدا 6000 دىن ئارتۇق توكسىكلىت زاكازى تاپشۇرۇۋالىمىز، مەھسۇلاتلىرىمىز ئېھتىياجنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ. يەنە بىر ئۈچ چاقلىق توكسىكلىت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى پات ئارىدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ، كېلەر يىلى شىركىتىمىز يەنە تۆت چاقلىق توكسىكلىت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كۆپەيتىدۇ.

  كۇچا ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى يەنچېڭ مۇنداق دېدى: بىر توكسىكلىت ياساشقا 500 دىن ئارتۇق زاپچاس – دېتال كېتىدۇ، بۇ، شتامپلاش، كەپشەرلەش، سۇۋاپ بېزەش، موتور ۋە ئومۇميۈزلۈك قۇراشتۇرۇش قاتارلىق ھالقىلارغا چېتىلىدۇ، نەچچە ئون كەسىپنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  ‹‹بىز ھەر كۈنى ئىشلەپچىقىرىشنى تېزلىتىۋاتىمىز››. بۇ، 8 – ئاينىڭ 21 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ شيېيى توقۇمىچىلىق پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جۇڭ دەننىڭ بىزگە دېگەن تۇنجى سۆزى.

  جۇڭ دەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يەردە ئالدىنقى قاتاردىكى پاختا بايلىقى بار، بىز ئالدىنقى قاتاردىكى خام ئەشيا ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىپ، ئالدىنقى قاتاردىكى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىمىز. 2017 – يىلى 12 – ئاينىڭ 28 – كۈنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، ماشىنا بىر كۈنمۇ توختاپ قالمىدى، زاكازلار ئىككى ئاينىڭ نېرىسىغىچە تىزىلىپ بولدى.

   لى يەنچېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: توقۇمىچىلىق كەسىپلەر رايونى كۇچادىن ئىبارەت بۇ پاختىچىلىق چوڭ ناھىيەسىدە توقۇمىچىلىق زاۋۇتى يوق بولۇش تارىخىغا خاتىمە بېرىپلا قالماي، يەنە توقۇمىچىلىق كەسپىنىڭ ئارىلاش تالالىق توقۇلما، رەخت توقۇش، سۇسىز بوياقچىلىق، كىيىم – كېچەك، ئائىلە توقۇمىچىلىقى كەسىپ زەنجىرىگە قاراپ تەرەققىي قىلىپ، ئاخىرىدا پاختا توقۇمىچىلىق كەسپىنىڭ توپلىنىش ئۈنۈمىنى شەكىللەندۈرۈپ، تەرەققىيات رايونىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  نېفىت – گاز ئىنچىكە خىمىيە سانائىتى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى

  بىر تۈركۈم چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلار نېفىت – گاز بايلىقى، نېفىت – گاز ئىنچىكە خىمىيە سانائىتى كەسپىگە تايىنىپ، تەرەققىيات رايونىدا توپلىشىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  شىنجاڭ زىگۇاڭ يۇڭلى ئىنچىكە خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى چۇڭچىڭ زىگۇاڭ خىمىيە سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى مەبلەغ سالغان پېيى كونترول قىلىنىدىغان تارماق شىركەت. چۇڭچىڭ زىگۇاڭ خىمىيە سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى ھازىر دۆلىتىمىزدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تېخنىكىسى ئەڭ ئىلغار، رىقابەت كۈچى ئەڭ زور بولغان تەبىئىي گاز ئىنچىكە خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرىنىڭ بىرى.

    شىنجاڭ زىگۇاڭ يۇڭلى ئىنچىكە خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى خۇاڭ يۈنفۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كارخانىنىڭ يېتەكچى مەھسۇلاتى ئىمىنودىئاتسېتونىترىل، ئۇ، دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق يېڭى مەھسۇلاتىغا تەۋە بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ IDA لىنىيەسى گىلىفوزات (بىر خىل ئوت – چۆپ يوقىتىش دورىسى) كەسپىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيادا ناھايىتى زور بىر قىسىم بازار ئۈلۈشىنى ئىگىلىدى.

  ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا قاتارلىق چەت ئەل بازارلىرىدا ئىستىقبالى ياخشى بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، شىنجاڭ زىگۇاڭ شىركىتى ‹‹ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش›› ئۈچۈن، ‹‹تاشقى ئامىللىق كېڭىيىش››نى ‹‹ئىچكى ئامىللىق تەرەققىيات››قا ئۆزگەرتىشنى قارار قىلىپ، بۇ يىل 120 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئېنېرگىيە تېجەش ۋە مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەلىرىنىڭ تېخنىكا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىشكە ئىشلىتىپ، مەھسۇلاتنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇردى.

  تەرەققىيات رايونىدىكى شىنجاڭ زىگۇاڭ، تارىم دەرياسى نېفىت ئايرىش خىمىيە سانائىتى قۇرۇلۇش گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى، خۇاجىن خىمىيەۋى ئوغۇت زاۋۇتى، تيەنخې خىمىيە سانائىتى قاتارلىق ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە 15 كارخانا تەرەققىيات رايونىدىكى نېفىت – گاز خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ يەرلىك سانائەت ئىقتىسادىدا مۇتلەق يېتەكچىلىك ئورۇندا تۇرۇۋاتقانلىقىدىن پايدىلىنىپ، چوڭ خىمىيە سانائىتى كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يۈرۈشلەشتۈرۈش ئىقتىدارى ۋە خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى دەسلەپكى قەدەمدە ھازىرلىدى.

  تارىم دەرياسى نېفىت ئايرىش خىمىيە سانائىتى قۇرۇلۇش گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىدىكى بىر مەسئۇل كىشىنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا قارىغاندا، ھازىر بۇ شىركەت جۇڭگو نېفىت خىمىيە گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭدا نېفىت چارلاش، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش پىلانىغا بىرلەشتۈرۈپ، يىللىق نېفىت پىششىقلاش ئىقتىدارىنى 8 مىليون توننىغا كېڭەيتىشنى پىلانلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھازىرقى پىششىقلاش تېخنىكىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزگەرتىپ، پولىئېستېر، ئولېفىن قاتارلىق ئاساس خىمىيە سانائىتى كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، نېفىت – گاز بايلىقىنى ئۆز يېرىدە پىششىقلاش، ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، كارخانىنىڭ بازار رىقابەت كۈچىنى كۈچەيتتى، شۇنداقلا، تەرەققىيات رايونىنىڭ ئىنچىكە خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئاساس خام ماتېرىيال كاپالىتىگە ئىگە قىلدى.

   8 – ئاينىڭ 23 – كۈنى كۇچا ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، كۇچا ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بەي خېبىن مۇنداق دېدى: تەرەققىيات رايونىدا مۇقىم، ساغلام راۋاجلىنىش، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىشتەك ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. بۇ يىل تەرەققىيات رايونى ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ ‹‹ساپ، ئىنچىكە، كۈچلۈك›› بولۇش نىشانىغا قاراپ قەدەم بېسىشىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، بەش يىلدا مەھسۇلات قىممىتىنى 50 مىليارد يۈەندىن ئاشۇرۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك چوڭ تىپتىكى نېفىت – گاز ئىنچىكە خىمىيە سانائىتى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بەرپا قىلىشقا تىرىشىدۇ.

   تىجارەت، سودا مۇھىتى كارخانىلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى

  شىنجاڭ جيەنمۇ موتوسىكلىت چەكلىك شىركىتى زاۋۇت رايونىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى ئېگىزرەك بولۇپ، دائىم سۇ يېتىشمەسلىك ۋە توك توختاپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلەتتى. شۇڭا تەرەققىيات رايونى رەھبەرلىرى ۋە خىزمەتچى خادىملار سۇ تەمىنلەش شىركىتى بىلەن پائال ماسلىشىپ، مەسىلىنى ئوڭۇشلۇق ھەل قىلدى.

  دۇ پىڭفەن مۇنداق دېدى: تەرەققىيات رايونى رەھبەرلىرى ۋە خىزمەتچى خادىملار سەمىمىي، قىزغىن بولغاچقا، بىز كۆپتىن بىرىنى تاللاشقا توغرا كەلگەندە، ئاخىرىدا كۇچا ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنى تاللىدۇق.

  بەي خېبىن مۇنداق دېدى: ھاۋا كىلىماتى مۇۋاپىق، جۇغراپىيەلىك ئورنى ياخشى، ئادەملىرىمۇ چىقىشقاق ئىكەن، ‹‹ھەقىقىي مېھرى بىلەن خېرىدار چاقىرىش››، ‹‹ھەقىقىي مېھرى بىلەن ئادەمنى تۇتۇپ قېلىش››تەك تىجارەت، سودا مۇھىتىنى پائال بەرپا قىلىشنىڭ تەرەققىيات رايونىنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە رايون – ئورۇن ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشتىكى ئەھمىيىتى ناھايىتى زور.

   ھازىر كۇچا ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا ‹‹سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىشتا <بىرىنچى قول رەھبەر> مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى ۋە نىشانلىق مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش››، ‹‹بىر تۈر، بىر يۈرۈش لايىھە بولۇش، ئاخىرىغىچە تۇتۇش››، ‹‹ھەممەيلەن سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش، ھەممەيلەن تۈر كىرگۈزۈشنى تۇتۇش››، ‹‹كارخانا بىر مەقسەتتە تەرەققىياتنى كۆزلەش››تەك ياخشى كەيپىيات شەكىللەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى