تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سانجى ئوبلاستىدا يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى دېھقانلارنىڭ ھەميېنىنى تومپايتتى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جېڭ لىيۈەن

  2016 – يىلى 3 – ئايدا، ئاپتونوم رايون سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنى يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان ئورۇن قىلىپ بېكىتكەنىدى. ئىككى يىلدىن بۇيان، سانجى ئوبلاستى دادىل ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، كەنت كوللېكتىپ مۈلكىنى ھەقىقىي تۈردە ئېنىقلاپ تەرتىپكە سالدى، دېھقانلار كەنت كوللېكتىپ مۈلكىنىڭ مەبلەغ سالغۇچىسى، تەدبىر بەلگىلىگۈچىسى، مەنپەئەتلەنگۈچىسىگە ئايلاندى. يېزا كوللېكتىپ مۈلكىنى پاي تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىش ئىسلاھاتى نۇقتىدا سىناق قىلىنغان كەنتلەردە كوللېكتىپ مۈلۈك پاي ھوقۇقىغا ئۆزگەرتىلدى، دېھقانلار پايچىكقا ئايلاندى، كەڭ دېھقانلار ئىسلاھاتنىڭ پايدىسى ۋە كوللېكتىپ ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەقىقىي بەھرىلەندى.

  كوللېكتىپ مۈلۈك ئېنىقلىنىپ، مۈلۈك ھوقۇقى تەۋەلىكى راۋانلاشتۇرۇلدى

  كەنت كوللېكتىپىنىڭ قانچىلىك مۈلكى بار، بۇ مۈلۈكنى كىم ئىشلىتىدۇ، قانداق ئىشلىتىدۇ؟ فۇكاڭ شەھىرى چىڭگۇەن بازىرى دادۇڭ كەنتىنىڭ ئاھالىسى شياڭ چىڭيۈن ئىلگىرى بۇ ئىشنىڭ ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. ئىسلاھاتقا قاتناشقاندىن كېيىن، شياڭ چىڭيۈن خۇرسىنغان ھالدا: ئىلگىرى، كەنت كوللېكتىپىنىڭ پۇلى بىزنىڭ قولىمىزغا تەگمەيدۇ، بىز بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، دەپ ئويلايتتىم. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىپ، كەنت كوللېكتىپىنىڭ مۈلكى ئېنىقلاندى، كەنت كوللېكتىپىمىزنىڭ بۇنچە كۆپ پۇلى بارلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، بۇ پۇللاردا ھەممىمىزنىڭ نېسىۋىسى بارلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن پاي ھوقۇقى تەقسىماتىغا ئاساسەن، ھەر يىلى پايدا بۆلۈشىدىغانلىقىمىزنى ئېنىق بىلدىم.

  سانجى ئوبلاستى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دادۇڭ كەنتىگە ئوخشاش سىناق نۇقتىسى قىلىنغان كەنتلەردىن ھەرقايسى كەنت، گۇرۇپپىلارغىچە بولغان بارلىق كەنت، گۇرۇپپىلاردا ئېنىقلاش، تىزىملاش، دەلىللەش، ئاشكارا ئېلان قىلىش، بېكىتىش، ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزۇش قاتارلىق قاتتىق تەرتىپلەرگە ئاساسەن، ئاممىنىڭ قوللىشى، نازارەت قىلىشى ئاستىدا، كەنت كوللېكتىپ مەبلىغى، مۈلكى، بايلىقى ۋە قەرز ھوقۇقى، قەرزلىرىنى ئېنىق ھېسابلاشنى تەدرىجىي يولغا قويۇپ، مۈلۈك ھوقۇقى تەۋەلىكىنى راۋانلاشتۇرۇپ، كوللېكتىپنىڭ مۈلكىنى ياخشى باشقۇرۇش، ياخشى ئىشلىتىش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، ئاساسىي قاتلامدىكى چىرىكلىكنى چەكلەشكە پۇختا ئاساس سالدى.

  كوللېكتىپنىڭ مۈلكى جانلاندى، دېھقانلارنىڭ كىرىمى مۇقىم ئاشتى

  يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ تۈپ مەقسىتى كوللېكتىپنىڭ مۈلكىنى جانلاندۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، دېھقانلارنى كوللېكتىپ مۈلۈك ئېلىپ كەلگەن بايلىق، ھوقۇق – مەنپەئەتتىن بەھرىلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئۈچۈن، سانجى ئوبلاستى سىناق نۇقتىسى قىلىنغان نۇرغۇن كەنتتە كوللېكتىپ مۈلكىنى تەدرىجىي مىقدارلاشتۇرۇپ پاي پۇلىغا ئايلاندۇرۇپ، پاي ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، دېھقانلارنى پايچىكقا ئۆزگەرتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى دەسلەپكى قەدەمدە ئورناتتى.

  پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە خېلى بۇرۇنلا ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكەن، ئىسلاھات نۇقتىدا سىناق قىلىنغان كەنتلەرنىڭ بىرى بولغان سانجى شەھىرى جۇڭسەن يولى كوچا باشقارمىسى شياۋچۈزى 1 – كەنتى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئېكسكۇرسىيە قىلىپ ئۆگىنىدىغان كۆرەك نۇقتىسىغا ئايلاندى. بۇ كەنتنىڭ پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى ياڭ بىڭرۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شياۋچۈزى 1 – كەنتى شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۇكان، ئىگىلىك تىكلەش بازىسىنى ئىجارىگە بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى تېز زورايتقان، مۈلۈك ئېنىقلانغاندىن كېيىن مىقدارلاشتۇرۇلغان مۈلۈك 54 مىليون 320 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. ئىسلاھات ئارقىلىق، شياۋچۈزى 1 – كەنتى پايدا تەقسىملىنىدىغان ئەزانى 407 كىشى قىلىپ بېكىتىپ، پۈتۈن كەنت ئاھالىسىنى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرغان. بۇ يىلنىڭ بېشىدا پايدا تەقسىملىگەندە، كەنت ئاھالىسىدىن كۆپ ئالغانلىرى 8960 يۈەن، ئەڭ ئاز ئالغانلىرىمۇ 1860 يۈەن ئالغان.

   ‹‹7 – ئايدا، بىز شىنجاڭدىكى تۇنجى يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك پاي ھوقۇقى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇردۇق، بارلىق كەنت ئاھالىسى پاي ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى ئالدى، يەنە پايچىكلار ۋەكىلى، مۇدىرىيەت، نازارەتچىلىك ھەيئىتى ئەزالىرىنى سايلاپ چىقتى. بۇنىڭدىن كېيىن، ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز كەنت كوللېكتىپىنىڭ <مۈلكى>نى تېخىمۇ كۆپەيتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ قىزىل بولاققا ئېرىشتۈرىدۇ›› دېدى ياڭ بىڭرۇڭ.

  پۈتۈن جەريان بويىچە تەدبىر بەلگىلەشكە قاتنىشىش ئەلرايى ۋە ئەلنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملىدى

  گۇچۇڭ ناھىيەسى بەنجېگۇ بازىرى ياۋزەنزە كەنتىنىڭ ئاھالىسى جۇ چېڭلىن مۇنداق دېدى: ئىسلاھاتنىڭ ھەربىر ھالقىسى بىز بىلەن كېڭىشىپ بېكىتىلدى، بىزنىڭ مەنپەئىتىمىز تولۇق ئويلىشىلدى، مەسىلەن، خوتۇنۇم بىلەن قىزىم يېڭىدىن كۆپەيگەن نوپۇسقا تەۋە بولغاچقا يەر تەقسىم قىلىنمىغان، لېكىن بىز پايدا تەقسىملىنىشىنى ئۈمىد قىلغانىدۇق. كەنت ئاھالە كومىتېتى بىزنىڭ ئويىمىزغا ھۆرمەت قىلىپ، ئادەم كۆپەيسە پاينىمۇ كۆپەيتىپ بېرىشنى قارار قىلدى، بۇنىڭدىن كېيىن، خوتۇنۇم بىلەن قىزىمغىمۇ پايدا ئايرىلىدىغان بولدى.

  يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى نۇقتىدا سىناق قىلىنغان كەنت سۈپىتىدە، ياۋزەنزە كەنتى ھازىر تەشكىلىي تەييارلىق، لايىھەنى بېكىتىش، مۈلۈك ۋە مەبلەغنى ئېنىقلاش، ئەزالارنى بېكىتىش، پاي ھوقۇقى تەسىس قىلىش، پاي ھوقۇقىنى باشقۇرۇش قاتارلىق ئالتە چوڭ ئىسلاھات قەدەم – باسقۇچىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىدى.

  سانجى ئوبلاستلىق يېزا ئىقتىسادىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لياڭ جيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر، سانجى ئوبلاستىدا ‹‹تۆتنى بېكىتىش، تۆتنى مۇقىملاشتۇرۇش›› ئەندىزىسى شەكىللەندى، يەنى: ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىپ، مۈلۈكنى مۇقىملاشتۇرۇش، خادىملارنى بېكىتىپ، پايچىكلارنى مۇقىملاشتۇرۇش، پاينى بېكىتىپ، تەۋەلىكىنى مۇقىملاشتۇرۇش، باشقۇرۇشنى بېكىتىپ، تىجارەتنى مۇقىملاشتۇرۇش؛ ‹‹ئۈچنى ئۆزگەرتىش، ئۈچنى ئۆزگەرتمەسلىك›› ئىشقا ئاشۇرۇلدى، يەنى: بايلىقنى مۈلۈككە ئۆزگەرتىش، مەبلەغنى پاي پۇلىغا ئۆزگەرتىش، دېھقانلارنى پايچىكقا ئۆزگەرتىش؛ مۈلۈككە كوللېكتىپ ئىگىدارلىق قىلىش خاراكتېرىنى ئۆزگەرتمەسلىك، دېھقانلارنىڭ قانۇنلۇق مەنپەئەتلىنىش ھوقۇقىنى ئۆزگەرتمەسلىك، دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ پاي ھوقۇقىنىڭ سوممىسىنى ئۆزگەرتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىندى. ئىسلاھات ئارقىلىق، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى، ئەلرايى ۋە ئەلنىڭ كۈچى يەنىمۇ مۇجەسسەملەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • خەينەن سەنيا: تيەنياخەيجياۋنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
  • قومۇل شەھىرى: لوپنۇر كۆلى كالىيلىق تۇز كانىدىكى تۇز كاندۇكلىرى سۈرەتتەك تۈسكە كىردى
  • قىش ئايلىرىدىكى سۈرەتتەك گۈزەل قابا
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى