تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرەيلى

ــــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

   ‹‹ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش كېرەك››، ‹‹ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپ زور پىلان››... باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشتىن ئىبارەت ھەربىي يۈرۈش بۇيرۇقىنى چىقاردى.

   باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق دېيىشتى: شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئالتە تۈرلۈك پىرىنسىپنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرىمىز.

   مۇھىت ئاسراش تەدبىرلىرىنىڭ سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى داۋاملىق ياخشىلايمىز

   باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەڭ قاتتىق تۈزۈم، ئەڭ قاتتىق قانۇن ئارقىلىق قوغداپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، تۈزۈم ئىجراسىنى كۈچەيتىپ، تۈزۈمنى قاتتىق چەكلىمە ۋە چېقىلغىلى بولمايدىغان يۇقىرى بېسىملىق توك سىمىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

   ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى مۇھىتنى نازارەت قىلىش باش ئەترىتى مۇھىتنى نازارەت قىلىش 2 – تارماق ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى  لى يۈفۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ بىزدەك مۇھىت ئاسراش سىياسىتىنى ئىجرا قىلغۇچىلارغا تېخىمۇ كونكرېت تەلەپلەرنى قويدى. بۇنىڭدىن كېيىن مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش قايتما ئىنكاس پىكرىدىكى تۈزىتىش، ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەشنى ئاممىنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈۋاتقان گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ تۇتقىسى قىلىپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭىتىپ، نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتى مەسىلىسى ۋە سۇ مۇھىتى مەسىلىسىنى تۈزىتىشتە قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، تۈزىتىشنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

   پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇلغىمىنى تۈزەش ئىقتىدارى سالمىقىنىڭ زورلۇقى، قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۆلچىمىنىڭ قاتتىقلىقى مىسلىسىز بولدى. 2017 – يىلى بىر يىلدىلا ئاپتونوم رايون بويىچە مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش سىستېمىسىدىكىلەر 19 مىڭ 247 كارخانا (قېتىم)نى ئارىلاپ تەكشۈرۈپ، مۇھىت ئاسراش بويىچە قانۇنغا خىلاپ دېلودىن 3465نى بېجىردى.

   بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋۇ چىڭجيې باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگەنگەندىن كېيىن، چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز يېڭى دەۋردىكى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئالتە چوڭ پىرىنسىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇلغىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش، مۇھىت خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تەرەققىياتنى سەرخىللاشتۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرىمىز.

   بورتالا ئوبلاستى 2017 – يىلى ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشىنى ئازايتىش تۈرىدىن 72نى تاماملىدى، 20 توننىدىن تۆۋەن كۆمۈر يېقىلغۇلۇق پار قازىنىدىن 51نى شاللىدى ۋە تاقىدى، 19 كۆمۈر يېقىلغۇلۇق پار قازاننىڭ ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىشنى تاماملىدى، ئاممىۋى پاراۋانلىق كەسپىي ئورۇنلىرىنىڭ توك بىلەن ئىسسىنىش كۆلىمىنى يېڭىدىن 420 مىڭ كىۋادرات مېتىر كۆپەيتىپ، كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىش مىقدارىنى 97 مىڭ 319.5 توننا ئازايتتى.

   ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يېشىل تەرەققىياتنى ئەل قەلبىگە چوڭقۇر ئورنىتىمىز

   باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېشىل تەرەققىياتنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېشىل تەرەققىيات ــــ يۇقىرى سۈپەتلىك زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، بۇلغىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى تۈپ تەدبىر.

   ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خۇ كەيجياڭ مۇنداق دېدى: يېشىل تەرەققىيات يۇقىرى سۈپەتلىك زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بايلىق، دېگەن تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېشىل تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭىمىز. سانائەتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىشنى چۆرىدىگەن ھالدا نۇقتىلىق ساھەلەردە ئېنېرگىيەنى تېجەپ، بۇلغىمىنى ئازايتىشنى قانۇن بويىچە ئىلگىرى سۈرۈپ، سانائەتتە ئېنېرگىيەنى تېجەش بىلەن يېشىل ياسىمىچىلىق سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، بايلىقتىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېشىل ياسىمىچىلىق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىپ، يېشىل ياسىمىچىلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ سانائەت ئىشلىرىنىڭ يېشىل، ئايلانما، تۆۋەن كاربونلۇق، پاكىز، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلغان ياسىمىچىلىق سىستېمىسىنى بەرپا قىلىمىز.

   ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش – تىرانسپورت نازارىتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ھەسەنجان ئەخمەت مۇنداق دېدى: يېشىل تەرەققىيات ئاددىي – مۇۋاپىق، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. قاتناش – تىرانسپورت نازارىتى يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىغا تېخىمۇ بىخەتەر، ئەپلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، يېشىل، تېجەشلىك قاتناش تىرانسپورت مۇلازىمىتى قىلىمىز.

   جىڭ ناھىيەلىك تۇرالغۇ شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لياڭ شۈەي مۇنداق دېدى: گۈزەل يېزا – كەنت قۇرۇلۇشىنىڭ قاتناشقۇچىسى ۋە گۇۋاھچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئەخلەتلىرىنى تۈزەش، پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە كەنت قىياپىتىنى ياخشىلاشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، يېزا مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇقرالارنى قۇشلار يېقىملىق سايرىشىدىغان، گۈللەر خۇش ھىدىنى تارىتىدىغان يېزا مەنزىرىسىدىن بەھرىلەندۈرىمىز.

   بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىمىز

   باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ـــــ خەلق تۇرمۇشىغا ئەڭ نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلققە بەخت يارىتىدىغان ئىش، شۇڭا ئېكولوگىيە خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان بولۇشتا، ئېكولوگىيە خەلققە پايدىلىق بولۇشتا، ئېكولوگىيەنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇشىمىز كېرەك.

   ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى مۇھىت ئاسراش ۋە ئېنېرگىيە تەرەققىيات باشقارمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى مەخمۇت ئابدۇللا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى كۈرەش نىشانىمىزنى كۆرسىتىپ بەردى، ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى بۇنىڭدىن كېيىن خىمىيەۋى ئوغۇت ۋە دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلىتىش مىقدارىنى ئاشۇرماسلىق ھەرىكىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، خىمىيەۋى ئوغۇتتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئېغىر كېسەل –  ھاشارات ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىدۇ؛ بىر تۈركۈم چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى پاتقاق گازى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، چارۋا – قۇش فېرمىسى، باقمىچىلىق تاشلاندۇقلىرىنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى قېلىپلاشتۇرىدۇ ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ؛ شاخ – شۇمبىنى ئېتىزغا قايتۇرۇش ۋە شاخ – شۇمبىنى ئوغۇتقا، يەم – خەشەككە، ئاساسىي ماتېرىيال، خام ئەشيا ۋە ئېنېرگىيەگە ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، شاخ – شۇمبا تاشلاندۇقلىرى ۋە كۆيدۈرۈشتىن پەيدا بولغان بايلىقنى ئىسراپ قىلىش ۋە مۇھىتنى بۇلغاش مەسىلىسىنى پەسەيتىدۇ.

   قۇتۇبى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم دىڭ دامىڭ مۇنداق دېدى:  ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈرۈمچى – سانجى – شىخەنزە ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ بىرلەشمە ئالدىنى ئېلىش ۋە بىرلەشمە تۈزەش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹رايون ھاۋا سۈپىتىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش، ئالدىن سىگنال بېرىش››نى يولغا قويۇپ، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىمىز؛ سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش ھەرىكەت پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، دەريا باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان سۇنى ئىلمىي تەقسىملەيمىز؛ شەرقتىكى كەلكۈن جىلغىسى، جەنۇبتىكى خېيۋا تېغى، غەربتىكى چۆل – جەزىرىلەرنى كۆكەرتىش، شىمالدىكى قاقاسلىقلارنى تۈزەش قاتارلىق 400 مىڭ مولۇق ‹‹يېشىل قورغان›› تۈرى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك باشلاپ، ‹‹ئۈچ يۇقىرى›› تۈرنىڭ قۇتۇبىغا كىرىشىنى قەتئىي توسىمىز.

(مۇخبىرلىرىمىز چېن چاڭۋېي، ۋاڭ يايۈن، لۇ فېڭباۋ، ياڭ شۇخەن، ليۇ يى، شيا چىڭ، دۇڭ شاۋخۇا، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز تاۋ ۋېيمىڭ، ۋاڭ ياپىڭ، جى شياۋجېن، مېي لى)
 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى