تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قىزىلسۇ ئوبلاستى ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە جاسارەت بىلەن ئاتلاندى

  خەن چىنيەن

  بۇ يىل 49 ياشقا كىرگەن ئابدۇخېلىل كېرەم ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ قىزىلتو يېزىسى ئوردۇلۇڭ ئوزۇ كەنتىنىڭ ئاھالىسى، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى ئۆزگىرىشلەر قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇشىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇرۇن ئائىلىمىزدىكىلەر كېسەك ئۆيدە ئولتۇراتتۇق، ئۆيىمىزدىن ھەمىشە يامغۇر ئۆتۈپ كېتەتتى، ئۆي بىلەن قوتان يېقىن ئىدى، تاماق ئەتكەندە ئۆينىڭ ئىچى بۇسقا توشۇپ كېتەتتى؛ ھازىر، ئىككى قەۋەتلىك بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كىردۇق، بوراندىن، يامغۇردىن قورقمايمىز، ئاشخانىمىز زامانىۋى، تۇرۇبا سۈيى ئىشلىتىمىز.

  2017 – يىلىدىن بۇيان، قىزىلسۇ ئوبلاستى نامراتلارنى يۆلەشنى ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، ‹‹قان بېرىش››نى ‹‹قان ئىشلەش››كە ئۆزگەرتىپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، قاتتىق سىناقتىن ئۆتەلەيدىغان ئىستىل بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلدى.

  سىياسەت جەھەتتىن يۆلەپ، ئاممىنى بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش

  70 ياشتىن ئاشقان مەمەتتۇرغان ئەمەتقۇل بوۋاي يېڭى بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەنلىكىدىن خۇش بولۇپ، كۆرگەنلا كىشىگە كومپارتىيەنىڭ ياخشىلىقىنى، پارتىيەنىڭ سىياسىتىنىڭ ياخشىلىقىنى تەرىپلىدى. ئۇ: بىنا ئۆي ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن، ئۆيدە پولپار، تەبىئىي گاز، تۇرۇبا سۈيى قاتارلىق ھەممە نەرسە تەل، دېدى.

  مەمەتتۇرغان بوۋاي ئۇلۇغچات ناھىيەسى تويۇن يېزىسىنىڭ تويۇن كەنتىدىن بولۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان تاغنىڭ ئىچكىرىسىدە ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى بەش جان يېقىندا نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشتىن نەپ ئېلىپ، ئۇلۇغچات ناھىيەسى توپا پورتى ئەتراپىغا جايلاشقان توپا مەھەللىسىدىكى 81 كىۋادرات مېتىرلىق بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ، شەھەرلىكلەردەك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىدى.

  چەت، يىراق تاغلىق رايونلاردىكى نامرات چارۋىچىلارنى نامراتلىقتىن تېز قۇتۇلدۇرۇپ، بوران ئۇچۇپ تۇرىدىغان كونا ئۆيلەردىن كۆچۈرۈپ چىقىش ئەڭ رېئال تاللاش. قىزىلسۇ ئوبلاستى ھەرقايسى ناھىيە – شەھەرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ‹‹بىرتۇتاش پىلانلاش، بىرتۇتاش لايىھەلەش، بىرتۇتاش ئۆلچەم قوللىنىش، بىرتۇتاش قۇرۇش، بىرتۇتاش يۈرۈشلەشتۈرۈش›› پىرىنسىپى بويىچە، ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، ‹‹چېگرا بويلىرىدا پۈتۈن كەنت بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا – بازارلار بىر تۇتاش پىلانلاش، شەھەرگە كىرگۈزۈپ مەركەزلىك ئولتۇراقلاشتۇرۇش›› ھەرىكىتىنى تەشكىللەپ يولغا قويدى.

  كۆچۈرۈشتىكى تۇنجى قەدەمنى قانداق ئالغاندا دېھقان – چارۋىچىلارنى ئۆز ئىختىيارلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن باشقا جايغا كۆچۈرگىلى بولىدۇ؟ قىزىلسۇ ئوبلاستى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىلمىي يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەردىن جانلىق پايدىلىنىپ، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان تۈرلۈك مەبلەغدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پۈتۈن جەمئىيەت ماس جەڭ قىلىدىغان، كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىدىغان، نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىدىغان ئەندىزىنى شەكىللەندۈردى ھەم ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ھەربىر ئائىلە، ھەربىر كىشىگىچە تەشۋىق قىلىپ، كۆچۈرۈش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

  ئۇلۇغچات ناھىيەلىك يۆلەش – ئېچىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ جىنيۈەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ناھىيە بازىرىغا كۆچۈپ كىرگەن چارۋىچىلارنىڭ ئوتلاقلىرى يەنىلا ئۇلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولدى، چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇش سىياسىتى بويىچە بېرىلىدىغان تولۇقلىمىنىمۇ داۋاملىق بەردۇق، بۇنىڭدا چارۋىچىلارنى ئەنئەنىۋى چارۋىچىلىقتىن زامانىۋى چارۋىچىلىققا يۈزلەندۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇشنى مەقسەت قىلدۇق.

  توپا مەھەللىسىگە كۆچۈپ كەلگىنىگە يېرىم يىل بولغان ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ بايقۇرۇت يېزىسى بايقۇرۇت كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئالتىن تۇرسۇن 2 – ئاينىڭ 21 – كۈنى مۇنداق دېدى: 81 كىۋادرات مېتىرلىق بىنا ئۆيگە 10 مىڭ يۈەن خەجلەپلا كۆچۈپ كىردۇق، پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى بولغاچقا، بىز ناھايىتى ئاز پۇل خەجلەپلا ياخشى ئۆيدە ئولتۇرالىدۇق.

  كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، يەنە ئۇلارنى خاتىرجەم قىلىش كېرەك. ئالتىن تۇرسۇن يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلىپ، ئاشخانا، دۇكان ئېچىپ، ئايدا 4500 يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلالايدىغان بولدى.

  ئالتىن تۇرسۇن مۇنداق دېدى: يېڭى كۆچۈپ كەلگەندە ئانچە خاتىرجەم بولالمىغانىدىم، بۇ يەرنىڭ شارائىتى ياخشى بولسىمۇ، لېكىن قانداق تۇرمۇش كەچۈرۈشنى بىلەلمىگەنىدىم. ئەمدى خاتىرجەم بولدۇم، ھازىر بىر ئايدا بۇرۇن بىر يىلدا تاپىدىغان پۇلدىنمۇ كۆپرەك پۇل تاپالايمەن.

  سىياسەت جەھەتتىن يۆلەش ئارقىلىق 2017 – يىلى قىزىلسۇ ئوبلاستىدا 1868 ئائىلىدىكى 7928 كىشى ئالتىن تۇرسۇنغا ئوخشاش خاتىرجەم، بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىدى؛ ئاقتۇ ناھىيەسى جياڭشى يېڭى كەنتى، ئۇلۇغچات ناھىيەسى چاڭجۇ يېڭى كەنتى، ئاتۇش شەھىرى كۈنشەن يېڭى كەنتى، ئاقچى ناھىيەسى ۋۇشى يېڭى كەنتى قاتارلىق بىر تۈركۈم شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش چېگرا يېڭى كەنتلىرى كەينى – كەينىدىن قۇرۇلۇپ، مايقاق، ئاچبۇلاق قاتارلىق مەركەزلەشتۈرۈلۈپ تۇتاشتۇرۇلغان چارۋىچىلار ئولتۇراق رايونلىرى شەكىللەندى.

  كەسىپ ئارقىلىق يۆلەپ، دېھقان – چارۋىچىلارنى ‹‹ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش››

  مەمەتئوسمان ئەركىن ئاقتۇ ناھىيەسى ئويتاغ بازىرىنىڭ ئويتاغ كەنتىدىن بولۇپ، ئىلگىرى ئىزچىل تاغنىڭ ئىچكىرىسىدە مال باقاتتى.

  ‹‹كېباڭ›› مانگانچىلىق چەكلىك شىركىتى ئاقتۇدىكى جياڭشى كەسىپلەر رايونىغا ماكانلاشقاندىن كېيىن، مەمەتئوسمان ئەركىننىڭ تۇرمۇشىدا ئۆزگىرىش بولدى. ئۇ تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، بۇ شىركەتنىڭ سانائەت ئىشچىسىغا ئايلاندى، ئايدا 4000 يۈەندىن ئارتۇق ئىش ھەققى ئېلىپ، ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى.

  بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ تۈرتكىسىدە، قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىدا ئۆزگىرىش بولدى، يەنى ھەميېنى تومپايدى، ئىشەنچى چىڭىدى، رىقابەت كۈچى ئاشتى... قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ مول بايلىق ئەۋزەللىكى خەلقنى بېيىتىپ چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كۈچلۈك قانات بولدى.

  ئۇلۇغچات ناھىيە بازىرىدىن 30 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى شىنجاڭ ‹‹زىجىن›› سىنكچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ كان رايونىدا ئىشچىلار ئالدىراش ئىشلەۋاتقان بولۇپ، بۇ جاي قاينام – تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى.

  پامىربېك باتۇر ئۇلۇغچات ناھىيەسى جىغىن يېزىسىنىڭ ساھىل كەنتىدىكى 90 – يىللاردا تۇغۇلغان قىرغىز ياش. ئۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ جېجياڭ، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلەردە ئىشلىدى.

    ئۇ 2012 – يىلى ‹‹زىجىن›› سىنكچىلىك شىركىتىگە تەكلىپ قىلىنىپ، شىركەتنىڭ كۈچەپ تەربىيەلىشى ھەم ئۆزىنىڭ ئىجتىھات بىلەن تىرىشىشى نەتىجىسىدە، قىسقىغىنا بەش يىلدا ئۆلچەش ئەترىتىنىڭ تايانچىغا تەدرىجىي ئايلىنىپ، ئايلىق كىرىمى 5000 يۈەنگە يەتتى. پامىربېك مۇنداق دېدى: خوتۇنۇممۇ بۇ شىركەتتە ئىشلەپ، ئايدا 4000 يۈەن ئىش ھەققى ئالىدۇ. ئىككىمىز بىر ئايدا 10 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلىمىز.

  ھازىر ‹‹زىجىن›› سىنكچىلىك شىركىتىدىكى 340تىن ئارتۇق ئىشچى – خىزمەتچى ئىچىدە، قىرغىز ئىشچى – خىزمەتچى %40تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئۇلۇغچات ناھىيەسى نوپۇسىدىكى ئىشچى 130دىن ئاشىدۇ.

  ھازىرقى قىزىلسۇ ئوبلاستىدا كەسىپلەر بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرىنىڭ بىر – بىرلەپ ماكانلىشىشى، رەت – رەت زامانىۋى زاۋۇتلارنىڭ قۇرۇلۇشى ئارقىسىدا، تۈركۈم – تۈركۈم دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ رەتلىك ئىش كىيىمى كىيىپ، نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيانقى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تۇرمۇشى بىلەن خوشلىشىپ، ھازىرقى زامان سانائەت ئىشچىلىرىغا ئايلاندى. ئۇلارنىڭ كىرىمى ئاشتى، چېھرىدە خۇشاللىق كۈلكىسى جىلۋىلەندى.

  ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش ۋە ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەش ئارقىلىق دېھقان – چارۋىچىلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئارزۇسىغا يەتكۈزۈش

  بايىنغولىن كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا چۈشكىنىگە بىر ئاي بولغان بۇرۇل سادىق ھاياتىدىكى تۇنجى ‹‹كۆپ پۇل›› 4100يۈەننى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە بىر قۇردىن يېڭى كىيىم ئالدىم. ھازىر مەنمۇ پۇل تاپتىم، ئۇلارنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشۈم كېرەك.

  ئاتۇش شەھىرى تۈگۈرمىتى يېزىسىنىڭ تۈگۈرمىتى كەنتىدىكى بۇرۇل سادىق ئائىلىسىدىكى بەش جان ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ، زور خۇشاللىق ئىدى. غەرەز ئۇقىدىغان بۇرۇل سادىق بۇ ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي تۈۋرۈكى بولۇپ قالغانىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: ئاچام بىلەن ئىنىم ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ چىقىمى كۆپ. مەن بىر كۈن بۇرۇن ئىشلەپ پۇل تاپسام، ئائىلەمنىڭ يۈكىنى ئازراق بولسىمۇ يېنىكلىتەلەيمەن. ھازىر ئايلىق ئىش ھەققىم 4000 يۈەندىن ئاشىدۇ. ئاچام بىلەن ئىنىم ياخشى ئوقۇسىلا، ئۇلارغا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگىچە خۇشاللىق بىلەن ياردەم قىلىمەن. ئاتا – ئانام ياراملىق ئادەم بولغىنىمدىن تولىمۇ پەخىرلىنىدۇ.

  قىزىلسۇ ئوبلاستىدا، بۇرۇل سادىققا ئوخشاش كۈتۈپ تۇرماي، تايىنىۋالماي، بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ، ئىجتىھات بىلەن تىرىشىپ ئىشلەشتەك ھېكايىلەر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.

  قىزىلسۇ ئوبلاستى ‹‹مائارىپنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش، كەنتلەرگە ئەقىل كىرگۈزۈش›› پائالىيىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇشنىڭ تۈرتكىسىدە، ‹‹تەربىيەلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش›› خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇردى، بۇلتۇر بىر يىلدىلا، ئوبلاستتىكى 8779 دېھقان – چارۋىچى (قېتىم) بېيىش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەندى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يولى كېڭىيىپلا قالماي، يەنە ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى ۋە ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقىمۇ ئۇرغۇتۇلدى.

  ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ قىزىلئۆي يېزىسى ئارابۇلاق كەنتىدىكى چارۋىچى مەمەتتۇرغان مەمەتياقۇپ ئىلگىرى مال بېقىش ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامدايدىغان بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى غورىگىل ئۆتەتتى. ئۇ يېزا ئۇيۇشتۇرغان كۇرسقا قاتناشقاندىن كېيىن، تۆۋەن دەرىجىلىك تامچىلىق كىنىشكىسى ئېلىپ، ناھىيە بازىرىدىكى بىر بىناكارلىق قۇرۇلۇش ئورنىغا بېرىپ ئىشلىدى. مەمەتتۇرغان: تېخنىكا ئۆگەنگەندىن كېيىن، بىر كۈن ئىشلىسەم 200 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپالايدىغان بولدۇم. ئىشلەمچىلىك قىلغان تۇنجى يىلى 18 مىڭ يۈەن پۇل تاپتىم، دېدى. بۇنىڭ بىلەن، بۇ قىرغىز يىگىتنىڭ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى تۈپتىن ياخشىلاندى.

قىزىلسۇ ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى دىلشات قىدىرخان مۇنداق دېدى: بىز نامراتلىقنىڭ يىلتىزىنى ھەقىقىي يۇلۇپ تاشلاپ، پۈتۈن مەملىكەت ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىز بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ئېكولوگىيەسىدىكى زور بايقاش: خوشۇت جىنشاتەندە قۇش ئۇۋىسى مىڭدىن ئاشىدىغان قۇش ئارىلى بايقالدى
  • سۈزۈك سۇ، يېشىل قىرغاقلار ئەتىۋارلىق قۇشلارنى جەلپ قىلدى ‏
  • كۇچادا ئۆرۈك پىشتى ‏
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى