تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ يىپەك يولىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش

شى شىن

     باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسەتتى: ‹‹<بىر بەلباغ، بىر يول> قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كىرگۈزۈش بىلەن چىقىرىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى جەھەتتە ئېچىۋېتىش – ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلىرى بىلەن دېڭىز بويىدىكى رايونلار ئىچكى – تاشقى جەھەتتە ھەمتۈرتكە بولىدىغان، شەرق بىلەن غەرب ئۆزئارا ھەمكارلىشىدىغان ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك››.

     2017 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشتا ئىزدىنىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى.

   دۆلەت ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› 2017 – يىللىق چوڭ سانلىق مەلۇمات ئانالىز دوكلاتىغا قارىغاندا، ھەرقايسى ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەرنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچىدە شىنجاڭنىڭ تەرتىپى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن ئالتە ئورۇن ئالدىغا سۈرۈلگەن.  

    ‹‹بەشنى راۋانلاشتۇرۇش›› قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى

   ‹‹ئەگەر يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلسا، شىنجاڭ ئۇنىڭ ئاۋات مەركىزى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. باشقىنى دېمەي تۇرايلى، ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت ئايلانمىسى 1500 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان ئەڭ چوڭ شەھەردە شۇ چاغقا بارغاندا قانداق مەنزىرە شەكىللىنەر؟››. باش شۇجى شى جىنپىڭ 2014 – يىلى شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرۈش سەپىرىدە تەسۋىرلىگەن گۈزەل مەنزىرە ھازىر رېئاللىققا ئايلانماقتا.

     2017 – يىلى شىنجاڭ سىياسەتنى، ئەسلىھەنى، سودىنى، مەبلەغنى، ئەل ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، ‹‹بەش چوڭ مەركەز›› قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت نۇقتىلىق ۋەزىپىنى چىڭ تۇتۇپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى ئۆز ۋاقتىدا باشلىدى.

   ئاپتونوم رايونلۇق يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاپتونوم رايون ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ يادرولۇق رايون مەركىزى مەخسۇس تۈر يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىققان؛ بىر قاتار يېڭى تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ جۇڭگو – قازاقىستان، جۇڭگو – موڭغۇلىيە – رۇسىيە ھەمكارلىق پىلانىغا قاتنىشىشى توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرىنى مۇھاكىمە قىلىپ تۈزۈپ، سىياسەتنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە پىلاننى جىپسىلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەن.

   شۇنىڭ بىلەن بىللە، ‹‹قۇرۇقلۇق››، ‹‹ھاۋا››، ‹‹تور›› يىپەك يولى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى.

    ‹‹قۇرۇقلۇق يىپەك يولى›› قۇرۇلۇشىدا، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نىڭ بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى G7 بېيجىڭ – شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭدىن ئىچكىرى جايلارغا بارىدىغان 2 – يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول بار بولدى؛ قومۇل – ئېجىنا تۆمۈر يولىدىن كېيىن، شىنجاڭدىن چىقىدىغان 3 – تۆمۈر يول كورلا – گولمۇت تۆمۈريولى جىددىي ياسىلىۋاتىدۇ؛ شىنجاڭنىڭ شىمالى، ئوتتۇرا قىسمى، جەنۇبىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قاتناش لىنىيەسىنىڭ دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلۈپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول 4578 كىلومېتىرغا يەتتى.

    ‹‹ھاۋا يىپەك يولى›› تېز راۋانلاشتۇرۇلدى، ئالتە ئايرودۇرۇم تۈر قۇرۇلۇشى داۋاملاشتۇرۇلۇپ، ئايرودۇرۇم ئومۇمىي سانى 21 گە يەتتى، دۆلەت ئىچى ئاۋىياتسيە لىنىيەسىدىن 237سى، خەلقئارا(رايون) ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن 24ى ئېچىلدى، ئۈرۈمچى ئايروپورتىنىڭ يىللىق يولۇچى توشۇش مىقدارى 21 مىليون 500 مىڭ ئادەم(قېتىم)گە يېتىپ، دۆلىتىمىزدىكى بەش چوڭ تۈگۈن ئايروپورتىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

    ‹‹تور يىپەك يولى›› تېز مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى قاتارلىق نۇقتىلىق تۈرلەر، جۇڭگو – رۇسىيە، جۇڭگو – قىرغىزىستان، جۇڭگو – تاجىكىستان ۋە جۇڭگو – پاكىستان قاتارلىق چېگرا ھالقىغان ئوپتىك كابېل سىستېمىسى تېز قۇرۇلدى.

   ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى

   ئۈرۈمچى جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرىنى گۇرۇپپىلاش مەركىزى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈلگە تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2017 – يىلى غەربكە خەلقئارا يۈك پويىزىدىن 806 قېتىم يولغا سالدى، 2014 – يىلىدىن بۇيان جەمئىي 1164 قېتىم يۈك پويىزنى يولغا سېلىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %145 ئېشىپ، تېز تەرەققىي قىلدى.  

   ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى دۆلەت ئىچىدىكى ئاساسلىق پورتلار ھەم بېلارۇسىيە، لىتۋا، قازاقىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ياۋروپا قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى ئەشيا ئوبوروتى تورىنى كېڭەيتتى.

   قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونلىرى، پورتلار، ئۆزئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرىدىغان، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىدىغان، قانۇن ئىجرا قىلىشتا ئۆزئارا ھەمكارلىشىدىغان چوڭ تاموژنا ئىسلاھاتى قاتارلىق يانداش قۇرۇلۇشلار ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، سودىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسى تېز ئۆستۈرۈلدى.

     2017 – يىلى شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت – ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 139 مىليارد 840 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %19.9 ئېشىپ، ئەتراپتىكى ۋە يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا سوممىسى مۇقىم ئاشتى.

   شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان پەن – تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، ساياھەت ھەمكارلىقى ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. 2017 – يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەرلەر ئەتراپتىكى دۆلەتلەردىكى 47 شەھەر بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورناتتى، ئەتراپتىكى دۆلەتلەردە ئون كۇڭزى ئىنستىتۇتى قۇرۇلدى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونىنى پەن – تېخنىكا مىنىستىرلىقى بىلەن دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بىرلىكتە تەستىقلىدى؛ چېگرا ھالقىغان يىراقتىن داۋالاش مۇلازىمەت سۇپىسى رايون ئىچىدە 27 دوختۇرخانا ۋە چېگرا سىرتىدا ئۈچ دۆلەتتىكى 24 چوڭ دوختۇرخانا بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى.

   جۇڭگو – قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىشى بۆسۈش ئېغىزى قىلىنىپ، چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى كەسپى تېز راۋاجلىنىپ، چېتىلىدىغان دۆلەت ۋە رايون 43 تىن 86 گە كۆپىيىپ، كەسپىنىڭ ئومۇمىي راسچوت مىقدارى 255 مىليارد 800 مىليون يۈەنلىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، تۆت يىلدا بەش ھەسسە ئېشىپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى.

   ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنىڭ دەرىجىسى تېز ئۆستۈرۈلىدۇ

   يېڭى ئىدىيە يېڭى دەۋرىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، يېڭى نەتىجىلەر شىنجاڭنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولىدۇ.

   ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا: 2018 – يىلى دۆلەتنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا تولۇق قاتنىشىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كىرگۈزۈش بىلەن چىقىرىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىشىكنى دۆلەت ئىچى – سىرتىغا ئېچىۋېتىش سەۋىيەمىزنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىمىز، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر جاۋ شىفېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، دۆلەتنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، دۆلەتنىڭ غەربىي رايوننى ئېچىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، كىرگۈزۈش بىلەن چىقىرىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىشىكنى دۆلەت ئىچى – سىرتىغا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىدۇ.

   ئاپتونوم رايون ‹‹بەشنى راۋانلاشتۇرۇش››نى تۇتقا قىلىپ، ‹‹بەش چوڭ مەركەز›› قۇرۇلۇشىنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىپ، داۋالاش مۇلازىمەت مەركىزىنى ئالدىن قۇرۇپ، خەلقئارالىق داۋالاش ھەمكارلىقى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ؛ قاتناش تۈگۈنى مەركىزى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ؛ سودا ئەشيا ئوبوروت مەركىزىنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىشنىڭ چوڭقۇرلۇقى، كەڭلىكى ۋە سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىدۇ؛ مەدەنىيەت، پەن – مائارىپ مەركىزىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسى ھەمكارلىق بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىدۇ؛ رايون پۇل مۇئامىلە مەركىزىنى پۇختا قۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرىدۇ.

    ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، نازىر، ئاپتونوم رايونلۇق سىرتقا ئېچىۋېتىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رۇڭ جۈن مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئاپتونوم رايون سىرتقا ئېچىۋېتىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت يىغىنىنى ئاچىدۇ، شۇ چاغدا بارلىق ئەزا ئورۇنلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ھەر تەرەپلىمە سىرتقا ئېچىۋېتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. جۇڭگو – پاكىستان، جۇڭگو – موڭغۇلىيە – رۇسىيە ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشنى پائال قوللاپ، چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلى قاتارلىقلاردا يېڭىلىق يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىشىكنى دۆلەت ئىچى – سىرتىغا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى