تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىش

  مۇخبىرىمىز لى چۈنشيا

  ۋاقىتنىڭ ئۇچقاندەك تېز ئۆتۈشى بىلەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى.

  40 يىل ــــ كىشىلەر جەمئىيىتى تەرەققىيات تارىخىدىكى ئۇزاق جەرياننىڭ قىسقىلا مەزگىلى. بىراق جۇڭگوغا نىسبەتەن، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىللىق جەريان جاپالىق بولسىمۇ، مۇۋەپپەقىيەت كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولۇپ، بۇ، بىپايان زېمىنغا ئالەمشۇمۇل، كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىپ، جۇڭگونى چوڭقۇر ئۆزگەرتمەكتە، دۇنياغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتمەكتە.

  مەن 5 – ئاينىڭ 15 – كۈنىدىن 20 – كۈنىگىچە گۇاڭجوۋ، شېنجېن، جۇخەي، فوشەن، دۇڭگۇەن قاتارلىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سەپ شەھەرلىرىگە بېرىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ تارىخىي ئىزنالىرىنى ئىزدەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېلىپ كەلگەن زور ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە قايتا ئاتلىنىشنىڭ دەۋر ساداسىنى ھېس قىلدىم.

  شەرق شامىلى ھەممە يەرنى باھار تۈسىگە كىرگۈزدى

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سەپ شەھەرلىرىدە ھەممىلا يەردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ھىدىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

  قاتار – قاتار ئېگىز بىنالار سېلىنغان، گىرەلەشمە ئاۋات يوللار ياسالغان، كۈندۈزى يېشىللىققا پۈركۈنۈپ، كېچىسى رەڭگارەڭ چىراغلار چاقناپ تۇرىدىغان شەھەر شېنجېن 40 يىل ئىلگىرىكى نامرات، ئارقىدا قالغان كىچىك بېلىقچىلىق كەنتىدىن ئۆزگىرىپ، زامانىۋىلاشقان خەلقئارالىق چوڭ شەھەرگە ئايلانغانىدى.

  جۇخەي خېڭچىن ــــ بىر قاقاس ئارالدىن ھاياتىي كۈچكە تولغان زامانىۋى يېڭى شەھەر رايونىغا ئايلاندى. ئىگىلىك تىكلەش جىلغىسىدىكى ياشلار پەخىرلىنىدىغان، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان جاي بولۇپ قالدى.

  ‹‹جۇڭگودىكى بىرىنچى يەرمەنكە›› دېگەن شۆھرەتكە ئىگە گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسى تۇنجى نۆۋەت كۆرگەزمە سارىيىنى ئىجارىگە بەرگەن، 13 كەسپىي باش شىركەت ئۆمەك تەشكىللەپ يەرمەنكىگە قاتناشقاندىن بۈگۈنكىچە، دۇنياۋى سودىنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىلگەن خەلقئارا سودا سۇپىسىغا ئايلاندى.

  ...

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ بۇ نەتىجىلىرىدە دەۋرنىڭ ئەقىل – پاراسىتى مۇجەسسەملەندى، دۆلەتنىڭ ئەمەلىي كۈچى نامايان قىلىندى، دەۋرنىڭ كۈچلۈك ساداسى ياڭرىتىلدى.

   ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئالدىن سىناق قىلىنغان ئاۋانگارت شەھەر شېنجېن ‹‹ئۈچ كۈندە بىر قەۋەت بىنا سېلىش›› سۈرئىتى بىلەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، باشقا ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئىسلاھاتنى قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرى سۈرۈشىگە، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشىگە تۈرتكە بولدى. غەربىي شىمالنىڭ چېگرا رايونىدىكى شىنجاڭ مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە نامراتلىقتىن بېيىش يولىغا، ئارقىدا قېلىشتىن زامانىۋىلىشىشقا قەدەم قويۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇلۇغۋار ئەمەلىيىتىنىڭ بىپايان زېمىنغا ئېلىپ كەلگەن زور ئۆزگىرىشلىرىگە گۇۋاھچى بولدى.

  ‹‹سۈرئەت››تىن ‹‹يۈكسەكلىك››كىچە

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇردى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى ‹‹تاشنى سىيلاپ دەريادىن ئۆتۈش››كە نىسبەتەن ئېيتقاندا، يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھاتتا يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، يۇقىرى ئۆلچەمدە ئىسلاھ قىلىش، يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدىن پىلانلاش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹سۈرئەت››تىن ‹‹يۈكسەكلىك›› كىچە بولغان ئۆزگىرىش ۋە ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  چيەنخەي ‹‹شېكوۋ›› ئەركىن سودا رايونى تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش كومىتېتى تارقىتىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى جياۋ ۋېي 5 – ئاينىڭ 18 – كۈنى مۇنداق دېدى: بىز دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ رايونلار ئارا مەركەزلىك سوغۇق ھاۋا بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسى توپىنى لايىھەلەپ قۇردۇق، بۇنىڭغا تەخمىنەن 4 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالدۇق، بۇ ئارقىلىق خېرىدارلارنى 24 سائەت ئۈزۈلدۈرمەي يۇقىرى سۈپەتلىك سوغۇق ھاۋا كەسپى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ. چيەنخەي تۆۋەن كاربونلۇق ئېكولوگىيە پىلانىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈردى، رايونلار ئارا مەركەزلىك سوغۇق ھاۋا بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسى توپى قۇرۇلۇپ ئىشلىتىلگەندىن كېيىن، ھەر يىلى تەخمىنەن 130 مىڭ توننا كاربون تۆت ئوكسىد، 4000 توننا گۈڭگۈرت تۆت ئوكسىد ئاز قويۇپ بېرىلدى.

  يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى سىغىمچانلىق، يۇقىرى ئۆلچەملىك ‹‹كۆپ خىل ئەندىزە بىرگەۋدىلەشتۈرۈلگەن›› ئۇنىۋېرسال قاتناش سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم، ئەڭ ياخشى سەۋىيە بىلەن دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى تىجارەت مۇھىتى بەرپا قىلىندى، شېنجېن چيەنخەيدىن ئىبارەت ‹‹ئالاھىدە رايون ئىچىدىكى ئالاھىدە رايون›› يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە يەنە بىر قېتىم دادىل ئالدىدا مېڭىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىنى 100 مىليارد يۈەن ئېنېرگىيە دەرىجىسىگە يەتكۈزدى ھەم ئۈزلۈكسىز ئۆرلەتتى، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش، شېنجېن – شياڭگاڭ ھەمكارلىقى، كەسىپلەرنى توپلاشتۇرۇش ۋە يېڭى شەھەر قۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە زور بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈپ، مەملىكەتنىڭ ئالدىدا ماڭدى.

  يېڭى دەۋردە يېڭى سۇپا بەرپا قىلىش، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا يېڭى ئۈلگە تىكلەش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چوقۇم يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز – ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشقا جۈرئەت قىلىش كېرەك. ھازىر يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش جايلارنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتتىكى ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى. شىنجاڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹ئۈچنى كېمەيتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش››نى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 2017 – يىلى قانۇن بويىچە 5 مىليون توننا تۆۋەن ئۆلچەمدىكى پولات ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، كارخانىلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن 950 مىڭ توننا پولات – تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىن چېكىنىشكە، 11 مىليون 630 مىڭ توننا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىن چېكىنىشكە يېتەكلىدى. شىنجاڭ مەملىكىتىمىزدىكى تۇنجى ئېنېرگىيە ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە تۇنجى تۈركۈمدىكى يېشىل پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش تەجرىبە رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈردى.

  تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئەندىزىسى شەكىللەندى

  40 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئۇلۇغ نەتىجىلىرى شانلىق بولۇپ، جۇڭگو بىر سەكرەپلا دۇنيا بويىچە 2 – چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندى. ھازىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدىن قايتا باشلىنىپ، دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىدا ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، خەلقنىڭ بەختكە بولغان ئۈمىدى ئىچىدە داۋاملىق ئىلگىرىلەيدۇ.

  ‹‹جۇڭگو خەلقى ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش ئاساسىدىكى ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويۇپ، كىرگۈزۈش بىلەن چىقىرىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، قۇرۇقلۇق – دېڭىز، ئىچكى – تاشقى جەھەتتە ھەمتۈرتكە بولىدىغان، شەرق – غەرب قوش يۆنىلىشلىك ئۆزئارا ھەمكارلىشىدىغان ئېچىۋېتىش ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ››. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى 2018 – يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان ئاساسىي مەقسەت نۇتقى جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشىگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

  يىپەك يولىدىن باشلانغان ئارزۇ – ئۈمىدلەر يىراقلاردا پەرۋاز قىلىدۇ. شىنجاڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كىرگۈزۈش بىلەن چىقىرىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىچكى – تاشقى جەھەتتە ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد – سودا ئالاقىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى، 2017 – يىلى تاشقى سودا ئىمپورت – ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 139 مىليارد 840 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %19.9 ئاشتى.

  بۇ يىل ئۆتكۈزۈلىدىغان 6 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى شىنجاڭغا تېخىمۇ كۆپ سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋە ھەمكارلىق يېڭى پۇرسىتى يارىتىدۇ.

  ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق، قىيىنچىلىقلار كۆپ بولسىمۇ، توختىماي ئىلگىرىلەش كېرەك.

  يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تورى ھەممە جاينى تۇتاشتۇردى، كۆچمە چىقىم يىراقنى يېقىنلاشتۇردى، ئەقلىي ئىقتىدار ياسىمىچىلىقى تۇرمۇشنى رەڭدارلاشتۇردى، ‹‹ئالاقە تورى+ ›› مەبلەغ سېلىش، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ نۇرغۇن پۇرسىتىنى ياراتتى... ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگو خەلقىنىڭ تەرەققىياتقا، يېڭىلىق يارىتىشقا، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان تەلىپىگە ماسلاشتى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېلىپ كەلگەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات كىشىلەرنى كەلگۈسى گۈزەل تۇرمۇشقا تېخىمۇ ئىنتىلدۈردى.

  كەلگۈسىگە نەزەر تاشلىساق، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يېڭى دەۋرنىڭ باھار شامىلىدا قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، توختىماي ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرساقلا، چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى