تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ساياھەت

شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھەت پائالىيەتلىرى سىزگە خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ

(ماتېرىيال سۈرەت)

  مۇخبىرىمىز فەن گوبىن خەۋىرى: 11-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى، ئالتاي ۋىلايىتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، تىيانشان بوغدا كۆلى قار تېيلىش مەيدانى، ئۈرۈمچى تۆمۈريول خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق 12 ئورۇن مەھسۇلات تونۇشتۇرۇپ، بىر تۈركۈم قىش پەسىللىك ئەلا سۈپەتلىك ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

  بۇ قېتىمقى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر 196 تۈرلۈك ھەر خىل ساياھەت پائالىيەتلىرىنى پائال تەييارلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە، قار-مۇز پائالىيىتى تۈرىدىن 50 ، مەدەنىيەت پائالىيىتىدىن 44 ى ، شادلىق مال سېتىۋېلىش پائالىيىتى تۈرىدىن 3ى، مىللىي ئۆرپ-ئادەت پائالىيىتى تۈرىدىن 35ى ، تەنتەربىيە پائالىيىتى تۈرىدىن 27سى ، ساغلاملىق ۋە كۈتۈنۈش تۈرىدىن 3ى ، تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش پائالىيىتى تۈرىدىن 3ى، ئائىلە ئاپتوموبىلى ساياھىتى تۈرىدىن 9ى ، دەم ئېلىش ئىستىراھەت پائالىيىتى تۈرىدىن 22 سى بار بولۇپ، بۇ پائالىيەتلەر شىنجاڭنىڭ 2018-يىللىق قىشلىق ساياھىتىنى موللاشتۇردى.

  ئالتاي ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسى تەشۋىقاتنى ئىلگىرى سۈرۈش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى نيې پىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ساياھەت بايلىقى مول، تۈرى تولۇق بولۇپ، قاناس، كۆكتوقاي، ئاقكۆل قاتارلىق 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن ئۈچى، شۇنداقلا دۇنيا دەرىجىلىك يۇقىرى سۈپەتلىك ساياھەت بايلىقى ئورنىدىن 200ى بار.

  سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خې ۋېن مۇنداق دېدى: 2018-يىلى قىش پەسلىدە شۇنداقلا 2019-يىلى ئەتىياز پەسلىدە، قار-مۇز + ئارشاڭ ساياھىتى؛ 100 مەنزىرە رايونى (مەنزىرە نۇقتىسى)دا ئىشىك بېلىتى كەچۈرۈم قىلىش؛ <غەربىي يۇرتقا قايتىش> تۇغقانلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش قاتارلىق ئۈچ چوڭ ساياھەت مەھسۇلاتىنى نۇقتىلىق يولغا قويىمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خوۋ خەنمىن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى تونۇشتۇرۇش يىغىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھىتىگە قاتناشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرگە ئارشاڭ، ئائىلە ئاپتوموبىلى ساياھىتى، قار تېيلىش، قار تاماشاسى قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. بۇ مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى شىنجاڭغا كېلىشكە جەلپ قىلىپ، ئۆزگىچە قىشلىق ساياھەتنى ھېس قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

(ماتېرىيال سۈرەت)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئۈرۈمچىدە قار تېيىلىش سورۇنلىرى تىجارەت باشلىدى
  • چاغانتوقاي ناھىيەسىدە چارۋىلار قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانىغا كۆچۈرۈلدى
  • جامبۇلاق تۇنجى نۆۋەتلىك قار-مۇز بايرىمى پىيادە مېڭىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى