تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرى شىخۇ شەھىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى

  مۇخبىرىمىز لى يەنرۇڭ خەۋىرى. شىخۇ شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپ جەنۇبىي مەكتەپ رايونى 7-يىللىق سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى تيەن شۆ 25 ساۋاقدىشى بىلەن ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ياڭ خۇڭمېينىڭ يېتەكلىشىدە شۇ سائەتلىك دەرسنى ئۆگىنىش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى.

  ياڭ خۇڭمېي: «سىنىپىمىزدا جەمئىي 26 ئوقۇغۇچى بار، ھەممىسى مەكتەپنىڭ ئەتراپىدا تۇرىدۇ، بالىلارنىڭ مەكتەپكە كېلىشى قولايلاشتى»، دېدى.

  تيەن شۆنىڭ ئۆيى شىخۇ شەھىرىنىڭ جەنۇبىي رايونىدىكى «جىنسۈييۈەن» مەھەللىسىدە بولۇپ، پىيادە 10 مىنۇتتىلا مەكتەپكە بارالايدۇ.

  ئۇ: «مەكتەپ ئۆيۈمگە بەك يېقىن، مەكتەپكە بېرىشىم بەك قولايلىق. مەكتەپتىكى تۈرلۈك ئەسلىھەلەرمۇ تولۇق، مەكتىپىمنى ياخشى كۆرىمەن»، دېدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، شىخۇ شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپ جەنۇبىي مەكتەپ رايونىنىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمى 123 مو، قۇرۇلۇش كۆلىمى 26 مىڭ 800 كىۋادرات مېتىر كېلىدىكەن، بۇ مەكتەپ قۇرۇلۇشى 2016-يىلى 7-ئايدا باشلىنىپ، بۇلتۇر 9-ئايدا پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇش تۈرىگە جەمئىي 80 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغى 59 مىليون 100 مىڭ يۈەن بولۇپ، قۇرۇلۇش مەكتەپ مەيدانى، تەجرىبە بىناسى، ئۇنىۋېرسال بىنا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  شىخۇ شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپ جەنۇبىي مەكتەپ رايونى قۇرۇلۇشى پەقەت لياۋنىڭ ئۆلكىسى يىڭكوۋ شەھىرىنىڭ شىخۇ شەھىرىدىكى ئاھالىلەر تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن قىلغان ياردەملىرىنىڭ بىرى.

  مۇخبىرنىڭ يىڭكوۋ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئىگىلىشىچە، 2017-يىلىدا 11 تۈردە شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ، جەمئىي 77 مىليون 200 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى 60 مىليون 230 مىڭ يۈەن مەبلەغ شەھەر-يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرى تۈرى، مائارىپ تۈرى، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ياردەم بېرىش ۋە تەربىيەلەش-يېتىشتۈرۈش قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  يىڭكوۋ شەھىرى شىخۇ شەھىرىنىڭ يېتەكچى كەسپىنى چۆرىدەپ، سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىشنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدى. شىخۇ شەھىرىدىكى «532» كەسىپلەر تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە ئاساسەن، يىڭكوۋ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن «سىرتقا چىقىرىش، سىرتتىن تەكلىپ قىلىش» ئۇسۇلى ئارقىلىق، 2017-يىلى سودىگەر چاقىرىش پائالىيىتىنى ئالتە قېتىم تەشكىللەپ، شىئەن، خاڭجۇ، ۋېنجۇ، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە تۈر تونۇشتۇرۇش كېڭىشى ئېلىپ بېرىپ، 21 تۈركۈم زىيارەتكە كەلگەن سودىگەرلەرنى كۈتۈۋالدى.

  شىخۇ شەھىرىدىكى يىڭكوۋ ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلار ئىگىلىك تىكلەش باغچىسى شىخۇ شەھىرىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ بىرى، شىخۇ شەھىرىدە كەسىپلەر دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ياردەم بېرىدىغان مۇھىم ۋاسىتە، بۇنىڭغا جەمئىي 490 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قۇرۇلۇش مەبلىغى 170 مىليون يۈەن، بۇ ئىگىلىك تىكلەش باغچىسىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 635 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇ يەرگە ئۆلچەملىك زاۋۇت بىناسىدىن 72 كورپۇس سېلىنغان. 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، باغچە رايونىغا 25 كارخانا ئورۇنلاشقان بولۇپ، مۇقىم مۈلۈككە 375 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملىنىپ، 226 مىليون يۈەن سېتىش كىرىمى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، 1162 كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، يىڭكوۋ شەھىرى بۇ يىل يەنە خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپ، داۋالاش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرىدىن توققۇزنى يولغا قويۇشنى پىلانلىغان، بۇلارغا جەمئىي 39 مىليون 100 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغى 28 مىليون 540 مىڭ يۈەن ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • خەينەن سەنيا: تيەنياخەيجياۋنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
  • قومۇل شەھىرى: لوپنۇر كۆلى كالىيلىق تۇز كانىدىكى تۇز كاندۇكلىرى سۈرەتتەك تۈسكە كىردى
  • قىش ئايلىرىدىكى سۈرەتتەك گۈزەل قابا
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى