تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

بايىنغولىننىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئايروپىلاندا پۈتۈن مەملىكەتكە توشۇلدى

    شىنجاڭ گېزىتى ئىختىيارىي مۇخبىرى ليۇ ۋېنخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 9-ئاينىڭ 21-كۈنى، كورلا شەھەرلىك بەنمۇيۈەن ئورگانىك دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ جۇڭجۈن مۇنداق دېدى: بۈگۈن ئۈزۈلگەن ئورگانىك شوخلىلار ئەتىلا خېرىدارلارنىڭ داستىخىنىغا چىقىدۇ.

    بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى مەخسۇس توشۇيدىغان ‹‹ئالقات››، ‹‹قوغۇن›› ناملىق مەخسۇس نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنىشىنى يولغا قويغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ۋاڭ جۇڭجۈن تەشەببۇسكارلىق بىلەن بايىنغولىن ئوبلاستلىق بوشلۇق ئىقتىسادى ئىشخانىسىغا كېلىپ، بوشلۇق ئىقتىسادىغا تايىنىپ شىركەتنىڭ تەرەققىياتىنى زورايتىش ئۈستىدە ئىزدەندى، ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى ئارقىلىق، شىركىتىمىز كۈندە بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ قاتارلىق جايلارغا ئىككى توننا ئورگانىك شوخلا ئەۋەتىۋاتىدۇ.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بايىنغولىن ئوبلاستى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خاس باغ-ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، خاس باغ-ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرى سۈپىتىنىڭ ئاممىبابلىشىشتىن سەرخىللىشىش، مەخسۇسلىشىش، ئالاھىدىلىشىش يۆنىلىشىگە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. تېخىمۇ تېز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بوشلۇق ئەشيا ئوبوروت يولى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، بايىنغولىن ئوبلاستى خاس يېڭى مەھسۇلاتلارنىڭ ئىچكىرىدىكى بازارلارغا كىرىشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بوغما ھالەتنى ئۈزلۈكسىز بۇزۇپ، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئىچكىرىدىكى بازارلارغا يەتكۈزۈپ، ئىستېمالچىلارنى ئېتىز بېشىدىلا ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى تېتىۋاتقاندەك تۇيغۇغا ئىگە قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خېرىدارلارغا ‹‹شىنجاڭ تەمى››نى ھەقىقىي تېتىتقۇزدى.
    نۆۋەتتە بېيجىڭ، شاڭخەي بازارلىرىنى غەينۇلا بىلەن تەمىنلەۋاتقان تيەنخاڭ لىدا يۈك تىرانسپورت ۋاكالەتچىلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى خۇاڭ لىپىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى مەخسۇس نۆۋەتچى ئايروپىلانى بايىنغولىن غەينۇلاسىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئىچكىرىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بازارلارغا كىرىش ۋاقىتچانلىقىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپلا قالماي، مېۋە-چېۋىلەرنى يېڭى پېتى ساقلاش مەسىلىسىنىمۇ ياخشى ھەل قىلدى. خۇاڭ لىپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ غەينۇلالار يېڭى، پىششىق پېتى ھالەتتە ئىچكىرىدىكى بازارلارغا كىرگۈزۈلگەچكە، سېتىلىش باھاسى يۇقىرى بولسىمۇ، يەنىلا خېرىدارلارنىڭ ناھايىتى ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. ئاۋىياتسىيە توشۇش ھەققى ھەر كىلوگىرامىنىڭ تۆت يۈەن بولۇپ، ئاپتوموبىل ئەشيا ئوبوروتىنىڭ 1.4 يۈەن ئەتراپىدىكى باھاسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تەننەرخى يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن ئەرزىيدۇ. شىركىتىمىز كېيىنكى قەدەمدە «بايىنغولىن تەمى»گە ئىگە كۈزلۈك چىلان، ئۈزۈملەرنى ئىچكىرىدىكى بازارلارغا ساتماقچى.   
    بايىنغولىن ئوبلاستلىق بوشلۇق ئىقتىسادى ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتچىسى نەن خەيلىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ پىشىپ بازارغا سېلىنىش ۋاقىت تۈگۈنى ۋە دەۋرىيلىك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، يەنە ھەرقايسى ئالاقىدار ناھىيە، شەھەر، تارماقلار ۋە كارخانىلارنىڭ ئاكتىپلىقى داۋاملىق قوزغىتىلىپ، «كورلا نەشپۈتى»، «چاقىلىق چىلىنى»، «يەنجى ئويمانلىقى ئۈزۈمى» ناملىق بىر قاتار ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت مەخسۇس نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرى كەينى-كەينىدىن قاتنايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى