تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

‹‹ناھىيە بازىرىغا سۇ باشلاش›› باي ناھىيەسىنى تېخىمۇ گۈزەل تۈسكە كىرگۈزدى

  ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز گۇڭ شىجيې، يى ۋېيدۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: باي ناھىيەسى ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا باب كېلىش ئۈستىدە ئىزدىنىشنى چۆرىدەپ، ‹‹ناھىيە بازىرىغا سۇ باشلاش›› تۈرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ناھىيە بازىرىنى تېخىمۇ گۈزەل تۈسكە كىرگۈزدى.

  ‹‹باي ناھىيەسىنى ئايلانسىڭىز، ھەممە يەردە سۇ ۋە يېشىللىق كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىكەن، مەنزىرىسى تولىمۇ گۈزەلكەن! مەن 20 يىل بۇرۇن بۇ يەردە ئەسكەر بولغان، ھازىر ئۆزگىرىش بەك زور ئىكەن››. يېقىندا، ھەربىيدىن چېكىنگەن خۇبېيلىق پېڭ تيەنلۇڭ باي ناھىيەسىگە كەلگەندە، بۇ يەردىكى ئۆزگىرىشلەر ئۇنى ھەيران قالدۇردى.

  ‹‹ناھىيە بازىرىغا سۇ باشلاش، سۇغا تايىنىپ مەنزىرە شەكىللەندۈرۈش›› تەپەككۇرى بويىچە، باي ناھىيەسى 1 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، قاپسىلاڭ دەرياسى شىمالىي غول ئۆستىڭىنىڭ ئەسلىدە تىنىپ تاشلىنىپ قالغان 6.9 كىلومېتىرلىق بۆلىكىنى راۋانلاشتۇرۇش ئارقىلىق، دەريا سۈيىنى ناھىيە بازىرىغا باشلاپ، ئەسلىدىكى ئاممىۋى يېشىللىق رايونىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ناھىيە بازىرىنىڭ مەركىزىدە ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2.2كىلومېتىر، كەڭلىكى 40 مېتىردىن 60 مېتىرغىچە كېلىدىغان ‹‹S›› شەكىللىك بىر سۇ مەنزىرە بەلبېغى شەكىللەندۈردى. ياخشى مۇھىت نۇرغۇن قۇشلارنى بۇ يەرگە جەلپ قىلدى، بەخىرامان ئۈزۈپ يۈرگەن جۈپ – جۈپ قوشماق ئۆردەكلەر نۇرغۇن فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرىنى جەلپ قىلدى.

  باي ناھىيەسىنىڭ ناھىيە بازىرىدىكى 15 ئورۇندا كوچا يېشىلزارلىقى، يەتتە كىچىك باغ سەيلىگاھى، بەش باغچە ۋە 17.57 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يېشىل يول، يېشىل كارىدور ياسالدى. ناھىيە بازىرىنىڭ باغ – ئورمان بىلەن كۆكەرتىلىش كۆلىمى 366 گېكتارغا، يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %43كە، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئاممىۋى يېشىللىق 15.5 كىۋادرات مېتىرغا يەتتى.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باي ناھىيەسى سانائەت مەنبەسى، تۇرمۇش مەنبەسى، يېزا ئىگىلىك مەنبەسى، قاتناش مەنبەسى قاتارلىقلاردا بۇلغىمىنى ئازايتىش، تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاتموسفېرا، سۇنىڭ بۇلغىنىشى، قاتتىق تاشلاندۇقلاردىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش سالمىقىنى ئاشۇردى. بۇ ناھىيە مۇھىت ئاسراش ‹‹بوسۇغىسى››نى ئېگىزلىتىپ، بۇلغىشى ئېغىر، ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى ۋە دۆلەتنىڭ كەسىپ سىياسىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان تۈرلەرنىڭ كىرىشىنى رەت قىلدى. بۇ ناھىيەدىكى كۆمۈر – خىمىيە سانائىتى ئېغىر سانائەت رايونى كۆمۈر توزىنىنىڭ سىرتقا تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، شامالدىن مۇداپىئەلىنىپ، توزاننى تىزگىنلەيدىغان ئېگىز ئۈسكۈنە ئارقىلىق كۆمۈرنى قورشىدى ھەم يېشىل رەڭلىك توزاندىن مۇداپىئەلىنىش تورىنى ياپتى. كۆمۈرنى باسقان، چۈشۈرگەندە يەنە سۇ پۈركۈپ توزاننىڭ ئالدىنى ئالدى.

  باي ناھىيەسىنىڭ سۇ بايلىقى مول، سۇلۇق يەر كۆلىمى 17 مىڭ 576 گېكتار، بۇ جايدا جىغان، يۇلغۇن، توغراق قاتارلىقلار، ئۇنىڭدىن باشقا قېرىقىز، چاكاندا، پەربۇن قاتارلىق جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى ئۆسىدۇ، يىلپىز، تاغ ئۆچكىسى قاتارلىق دۆلەت 1 – دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋانلار ھەم ئارقار، جەرەن قاتارلىق نەچچە ئون تۈرلۈك دۆلەت 2 – دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋانلار ياشايدۇ. بۇ ناھىيە تەبىئىي سۇلۇق يەرلەرنى قوغداش، سۇلۇق يەر ئېكولوگىيە ئۈنۈمىگە تولۇقلىما بېرىش، سۇلۇق يەرنى قوغداش قىزىل سىزىقى، سۇلۇق يەر ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى باھالاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار تۈزۈملەرنى تۈزۈپ، سۇلۇق يەرنى قوغداشنىڭ بىر قەدەر مۇكەممەل تۈزۈم رامكىسىنى شەكىللەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەشۋىقات سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، كادىرلار، ئاممىنىڭ سۇلۇق يەرنى قوغداش ئېڭىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، كۆپچىلىكنى تەبىئەتنى ھۆرمەتلەيدىغان، تەبىئەتكە ماسلىشىدىغان، تەبىئەتنى قوغدايدىغان ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قارىشىنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلىدى. مەخسۇس مۇھاپىزەت خادىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، قەرەلسىز چارلاشنى قانات يايدۇرۇپ، ئوغرىلىقچە بوز يەر ئېچىش، ئوغرىلىقچە دەرەخ كېسىش، ئوغرىلىقچە ئوۋ ئوۋلاش قىلمىشلىرىنى قاتتىق جازالاپ، سۇلۇق يەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان قىلمىشلارغا قارىتا ‹‹قىلچە يول قويماسلىق›› پوزىتسىيەسىنى قوللاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى