تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

باركۆل يېزا ـ كەنت ساياھەتچىلىكى ئەلا سۈپەتلىك ئېكولوگىيەنى ‹‹پۇل قىلدى››

مۇخبىرىمىز سۈي يۈنيەن

    سۈرەتكە تارتىش، ئات مىنىش، ئوتلاق، سۇلۇق يەر، ئاسما يولدا سەيلە قىلىش، سۇ ئۈستى ئويۇنلىرىنى ئويناش، دېھقانلارنىڭ يەرلىك قورۇمىلىرىنى تېتىش... 8 – ئايدا باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى باركۆل كۆلى مەنزىرە رايونى ۋە گاۋجياخۇ سۇلۇق يەر مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولدى، كىشىلەر گۈزەل مەنزىرە ئىچىدە تەبىئەت ئاتا قىلغان ئېكولوگىيە كاتتا زىياپىتىدىن ھۇزۇرلاندى.

   باركۆل كۆلى مەنزىرە رايونىدىكى ئۆي ئاپتوموبىلى بارگاھىدا، 20دىن ئارتۇق ئۆي ئاپتوموبىلى ۋە دالا ئاپتوموبىلى توختىتىلغان بولۇپ، ساياھەتچىلەر جېجياڭ، جياڭسۇ، گۇاڭدۇڭ، بېيجىڭ، سەنشى، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق جايلاردىن كەلگەنىدى. نەنجىڭ شەھىرىدىكى پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچى سۈي خۇڭگۇاڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئۆي ئاپتوموبىلى ھەيدەپ، 7 – ئاينىڭ 16 – كۈنى نەنجىڭ شەھىرىدىن يولغا چىقىپ شىنجاڭغا كەلدى، باركۆل ئۇلارنىڭ تۇنجى بېكىتى بولۇپ، ئۇلار ئىككى ئاي ۋاقىتتا پۈتۈن شىنجاڭنى ئايلىنىپ چىقىشنى پىلانلىدى. شېنجېندىن كەلگەن ئائىلە ئاپتوموبىل ساياھىتى دالا ئاپتوموبىلى ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى دا لىن مۇنداق دېدى: ئاپتوموبىل ئەترىتىمىزدە جەمئىي تۆت ئاپتوموبىل، چوڭلار ۋە بالىلاردىن بولۇپ 17 كىشى بار، كىچىك دوستلار ناھايىتى ھاياجانلاندى، بۇ قېتىملىق سەپەر ئۈچۈن يازلىق لاگېرىنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتتى. باركۆل كۆلىنىڭ مەنزىرىسى ناھايىتى گۈزەل ئىكەن، مېۋىلىرى بىلەن قوي گۆشى قالتىس ئىكەن!

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باركۆل يېزا – كەنت تەبىئىي ئېكولوگىيە ساياھەتچىلىكىنى پائال يولغا قويۇپ، باركۆل كۆلى مەنزىرە رايونىغىلا ئۇدا ئۈچ يىل 40 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ، كۆلنى ئايلىنىش تاشيولى، ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، ياغاچ ئاسما يول، چىتلاق، ھاجەتخانا، تاماشا قىلىش سۇپىسى قاتارلىقلارنى ياسىدى. باركۆل ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چاڭ سەيشيا مۇنداق دېدى: مەنزىرە رايونىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق يېزا – كەنت ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش نەتىجىسىنى ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇردۇق.

   گۈزەل سۇلۇق يەر مەنزىرىسى، ئۆزگىچە مىللىي ئۆرپ – ئادەت، مۇكەممەل ئۇل ئەسلىھە ۋە راھەت سەھرا تۇرمۇشى تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. بۇلتۇر، باركۆلنى ساياھەت قىلغانلار 1 مىليون 200 مىڭ ئادەم(قېتىم)گە، ساياھەتچىلىك كىرىمى 270 مىليون يۈەنگە يەتتى. بۇ يىل يىل بېشىدىن 7 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ساياھەت قىلغانلار 740 مىڭ ئادەم(قېتىم)گە، كىرىم 170 مىليون يۈەنگە يەتتى.

   باركۆل ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چېن جيەنرۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى شىنجاڭ ئىچىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەتراپتىكى قومۇل شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە تۇرپان شەھىرىدىن كېلەتتى، شىنجاڭ سىرتىدىكى ئائىلە ئاپتوموبىل ساياھىتى قىلغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى گەنسۇ قاتارلىق جايلاردىن كېلەتتى، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ۋە مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، بېيجىڭ – شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، بۇ يىل بېيجىڭ ۋە ئىچكى موڭغۇلدىن ئائىلە ئاپتوموبىلى ھەيدەپ كەلگەنلەر روشەن كۆپەيدى.

   جانلانغان يېزا – كەنت ساياھىتى ئەلا سۈپەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ‹‹پۇل قىلدى››. باركۆل كۆلى مەنزىرە رايونىدىكى كازىخۇ مەنزىرە نۇقتىسى يەرلىكتىكى 200 دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. ئىگىلىشىمچە، يېمەك – ئىچمەك رايونىدا ئاشخانا، دۇكان ئېچىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان كىچىك ياغاچ ئۆي قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىپ قۇرغان بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن ھەقسىز تەمىنلىگەن. كۆلياقا يېزىسىنىڭ قارا چەڭزى كەنتىدىكى 52 ياشلىق كەنت ئاھالىسى ئادال مەڭلىك 2016 – يىلىدىن باشلاپ ئاشخانا ئېچىپ، شۇ يىلىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلغان، ئۇ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىگە رەھمەت، ھازىر تۇرمۇشىمىز يىلدىن – يىلغا ياخشىلىنىۋاتىدۇ.

   گاۋجياخۇ سۇلۇق يەر مەنزىرە رايونىدا، جياڭشىدىن كەلگەن ياڭ تاۋ شۇ جايدىكى تۇغقىنى بىلەن بىللە بېلىق، قىسقۇچپاقا باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللاندى. بۇ يىل يەنە سۇ ئۈستىدە ۋېلىسىپىت مىنىش، دومىلىما توپ ئويناش، قولۋاق ھەيدەش قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، كۈنىگە نەچچە ئون ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى، بۇنىڭغا بېلىق، قىسقۇچپاقىدىن قىلغان كىرىمى قوشۇلۇپ بىر ئائىلە كىشىلىرى باياشات تۇرمۇش كەچۈردى.

   مەنزىرە رايونىدىكى ئائىلىۋى ياتاق ۋە دېھقانلار ئارامگاھى ساياھەتچىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. 8 – ئاينىڭ 8 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، ‹‹ئاچا – سىڭىللار بۇلاق بېلىقى ئارامگاھى››نى ئاچقان تىجارەتچى ئەن شۈيىن بېلىق تورىنى يىغىشتۇردى، خوتۇنى ھېلىلا تۇتۇپ كەلگەن كىچىك تاپانبېلىقنى پىشۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئەن شۈيىن مۇنداق دېدى: ئەتە ئىلىدىن كېلىدىغان 60 تىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالىمىز، مېنىڭ بۇ 200 كىۋادرات مېتىرلىق ھويلامدا، ئالتە ئۈستەل بار، مېھمانلارغا دەل يېتىدۇ. بۇ يازدا دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ تىجارىتى ياخشى بولۇپ، ئومۇمىي كىرىم 100 مىڭ يۈەنگە يەتتى، كېلەر يىلى تېرىلغۇ يەرنى ئوبوروت قىلىشقا بېرىپ، كۆڭۈل قويۇپ تىجارەت قىلىمىز.

   ناھىيە بازىرىدىن كەلگەن يەككە تىجارەتچى شاۋ چيۇشيا ساياھەت پۇرسىتىنى پەملەپ، بۇ يىل 2 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ توپلاپ، گاۋجياخۇ مەنزىرە رايونىدا ئالىي دەرىجىلىك ئائىلىۋى ياتاق سالدى، قونالغۇدا 11 ئېغىز چوڭ سۇپىلىق ئۆي ۋە ئون ئۆلچەملىك ياتاق بار بولۇپ، سىپتا، نەپىس بېزەلگەنىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ساياھەت بازىرى بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، دەسمايەمنى قايتۇرۇۋېلىشىمدا گەپ يوق.

   چېن جيەنرۇڭ مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ قارىشى ئۆزگەردى ھەم تىجارەت ئېڭى بارغانسېرى شەكىللىنىشكە باشلىدى. گاۋجياخۇ سۇلۇق يەر مەنزىرە رايونىدىكى چارۋىچى بازان قاسىمقان ئىلگىرى شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، جەنۇبىي شىنجاڭغا بېرىپ، دېھقانلار ئارامگاھىنى كۆرۈپ، ناھايىتى زور ئىلھام ئالغانىدى، قايتىپ كېلىپ، ئۆزىمۇ دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىپ، ئون كۈن تىجارەت قىلدى، كۈندە سودا بولۇپ تۇردى. ئۇنىڭدىن پۇل تېپىپ ئەڭ بۇرۇن نېمە سېتىۋالماقچى ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمدا، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ: كۆلەمنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپقۇم بار، دېدى. باركۆل مەنزىرە رايونىدا كىچىك دۇكان ئاچقان جاكىش تۇسقان ئانا ئەسلىدە ئۆزى ياسىغان قۇرۇتنىلا ساتماقچى بولغانىدى، كېيىن تەمىنلەشنىڭ ئېھتىياجنى قاندۇرالمايۋاتقانلىقىنى بايقاپ، ئۆزى ياساشتىن ۋاز كېچىپ، يۇرتداشلارنىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ھەقلىق ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ساياھەتچىلەرگە ساتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى