تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى چەكسىز سودا پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى

  بايان قىلغۇچى: شىنجاڭ ‹‹خۇڭجىدا›› خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ۋاكالەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ يىڭ

      زىيارەت قىلىپ رەتلىگۈچى: مۇخبىرىمىز لۇ فېڭباۋ

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كىرگۈزۈش بىلەن چىقىرىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى جەھەتتە ئېچىۋېتىش – ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلىرى بىلەن دېڭىز بويىدىكى رايونلار ئىچكى – تاشقى جەھەتتە ھەمتۈرتكە بولىدىغان، شەرق بىلەن غەرب ئۆزئارا ھەمكارلىشىدىغان ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز غەربكە قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىزنى پائال كۆپەيتتى. 2016 – يىلى 5 – ئاينىڭ 26 – كۈنى جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. 2017 – يىلى چېگرادىن چىقىش قوش لىنىيەسى پۈتۈپ، يېڭىدىن ئېچىلغان لىنىيەلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ قاتناش كۆلىمى سىجىل ئېشىپ، نۆۋەتچى پويىزلار ئەڭ دەسلەپكى ھەپتىدە بىر قېتىمدىن ھازىرقى بىر كۈندە ئۈچ قېتىم دائىملىق قاتنايدىغان بولدى. 2017 – يىلى جەمئىي 710 نۆۋەتچى پويىز قاتنىدى، بۇ يىل يەنە 1400 نۆۋەتچى پويىزنىڭ قاتنايدىغانلىقى پىلانلاندى. غەربكە توشۇلىدىغان يۈكلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدىن توشۇلۇۋاتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭ غەربكە ئەشيا ئوبوروت قىلىنىدىغان يولدىن خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت يىغىلىش – تارقىلىش مەركىزىگە ئايلاندى.

  جاڭ يىڭ خىزمەت ئۈستىدە. ( لۇ فېڭباۋ فوتوسى)

  2007 – يىلى شىركىتىمىز يېڭى قۇرۇلغاندا، جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزى بولمىغاچقا، بىز ھەمىشە ئون نەچچە شىركەت ھەمكارلىشىش ئارقىلىق يۈكلەرنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە يۆتكەيتتۇق. يۈك ئاز بولغاچقا، نۆۋەتچى پويىزغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايتتى، بىزمۇ چەت ئەلدىكى خېرىدارلارغا توشۇش مۆھلىتى توغرىسىدا ۋەدە بېرەلمەيتتۇق.

  ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭ غەربكە قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىزلارنى تېز كۆپەيتتى، ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە، ياۋروپا قاتارلىق جايلارغا قاتنىدى. جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ ياردىمىدە، شىركىتىمىزنىڭ پايدىسىمۇ بارغانسېرى ئاشتى. 2016 – يىلى شىركىتىمىز توشۇغان يۈك 40 مىڭ توننىدىن ئاشتى.

  2017 – يىلى يىغىلىش مەركىزى يەنە چېگرادىن چىقىدىغان قوش لىنىيە ئاچتى، بۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ توشۇش ۋاقتى يەنىمۇ قىسقاردى. ئىلگىرى يۈكنىڭ ئۈرۈمچىدىن قازاقىستاننىڭ ئالمائاتا شەھىرىگە توشۇلۇشىغا بىر ھەپتە ۋاقىت كېتەتتى، ھازىر 48 سائەتلا كېتىدۇ. ئىلگىرى يۈكلەرنىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھىرىگە توشۇلۇشىغا 14 كۈن كېتەتتى، ھازىر يەتتە كۈنلا كېتىدۇ. توشۇلۇش ۋاقتىنىڭ قىسقىرىشى شۇ جاينىڭ بازار ئېھتىياجىغا تۈرتكە بولدى، ئىلگىرى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق توشۇلىدىغان يۈكلەرمۇ تۆمۈريول ئارقىلىق توشۇلۇشقا باشلىدى، بىز ئىش مىقدارىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدۇق. بۇلتۇر شىركىتىمىز ئەۋەتكەن يۈكلەر كۆپىيىپ 100 مىڭ توننىغا يېقىنلاشتى، يۈك تۈرىمۇ تۈرلۈك ماللاردىن قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، پولات ماتېرىياللىرىغىچە كۆپەيدى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن كېيىن، تاشقى سودا ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشىلانغانلىقىنى، سودا پۇرسىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپەيگەنلىكىنى روشەن ھېس قىلدىم. ئىلگىرى يىل بېشىدا تىجارەت ئانچە ياخشى بولمايتتى، ئەمما بۇ يىل 1 – ئايدىن ھازىرغىچە شىركەتنىڭ يۈك چىقىرىش مىقدارى ئىزچىل كۆپەيدى، ھەتتا چاغاندىكى بىرنەچچە كۈندىمۇ ناھايىتى ئالدىراش بولدۇق. بۇ ماڭا تېخىمۇ زور غەيرەت ئاتا قىلدى، مەنمۇ كۈچەپ شىركەت كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە باشلىدىم. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› شەرق شامىلىنىڭ ياردىمىدە، بۇ يىل شىركىتىمىز 150 مىڭ توننا يۈك ئەۋەتىشكە تىرىشىدۇ، شىركەت پايدىسىنىڭ يەنىمۇ ئېشىشىغا ئىشەنچىم بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ