تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېشىل رەڭدە بوياپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى مەنزىرىسىنى سىزىش

− قۇتۇبى ناھىيەسى ناھىيە ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى

مۇخبىرلىرىمىز گەي يوۋجۈن، پەرىزات

6- ئايدىكى قۇتۇبىنىڭ ھەممە يېرى يېشىللىققا پۈركەنگەنىدى.

6- ئاينىڭ 27- كۈنى، ناھىيە بازىرىغا جايلاشقان شىنجاڭ شىيۈچۈن سۈتچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ يېشىل سېخىدا، خالتا - خالتا ئېكولوگىيەلىك سۈت ئاپتوماتلاشقان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە يەتكۈزۈلۈۋاتاتتى؛ بۇ ناھىيەنىڭ ئەرشىلدەن بازىرىدىكى كۆچەت بازىسىدا ئىشچىلار كۆچەتلەرنى قىرقىپ شەكىل چىقىرىۋاتاتتى، بۇ تۈركۈم كۆچەتلەر قازاقىستانغا ئېكسپورت قىلىناتتى...

يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، قۇتۇبى ناھىيەسى يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قەتئىي شاللاپ، يېشىل يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى «يەڭگىللىتىپ»، تەرەققىيات ئەندىزىسىنى «يېشىللاشتۇرۇپ»، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى «ئەلالاشتۇردى».

كەسىپ قۇرۇلمىسىنى «يەڭگىللىتىش»

«قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاش، ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر - سەنئىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، بازار ئېھتىياجلىق بولغان ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىلىك مەھسۇلاتلارنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىدى، ئۈنۈمى يىلسېرى ئاشتى.» 6- ئاينىڭ 22- كۈنى شىنجاڭ شىنئەن تېگاڭ چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋاڭ ليەنچياڭ پولات تاۋلاش زاۋۇتىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان كونترول ئىشخانىسىدا ھاياجانلانغان ھالدا شۇنداق دېدى.

شىنئەن تېگاڭ شىركىتى قۇتۇبى ناھىيەسىدىكى نۇقتىلىق كارخانا، 2014- يىلى، بۇ شىركەت مەبلەغ سېلىپ قۇرغان ئىككى يۈرۈش 40 توننىلىق ئوتتۇرا چاستوتىلىق پېچ ۋە ئىككى يۈرۈش 75 توننىلىق ئېلېكتىرلىك يايسىمان پېچتا پولات تاۋلاش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى. 2017- يىلى، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ پولات - تۆمۈر ساھەسىدە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش تەلىپىگە ئاساسەن، شىنئەن تېگاڭ شىركىتى ئىككى يۈرۈش 40 توننىلىق ئوتتۇرا چاستوتىلىق پېچنى چۇۋۇپ تاشلاپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى 500 مىڭ توننا كېمەيتتى.

«جەزمەن تىپنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات بوشلۇقىنى ئېچىش كېرەك» دېدى ۋاڭ ليەنچياڭ. 2017- يىلى، شىنئەن تېگاڭ شىركىتى 250 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى كەسىپلەر ئىچىدە ئىلغار سەۋىيەدە تۇرىدىغان يېڭى تىپتىكى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى قۇرۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك ئارقا - ئارقىدىن قۇيۇش، ئارقا - ئارقىدىن پېروكاتلاش يېڭى ھۈنەر - سەنئىتىنى قوللىنىپ، نۇقتىلىق ھالدا بىرقەدەر يۇقىرى ئاشۇرما قىممەتكە ئىگە توم سىم، تاياقچە ماتېرىياللار ۋە قېلىپلاشقان ماتېرىياللارنى ئىشلەپچىقىرىپ، ھۈنەر - سەنئەتتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە مەھسۇلات قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشتە بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق كارخانىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

2017- يىلى، بۇ شىركەت 563 مىليون يۈەن ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى يارىتىپ، 87 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پايدا - باجنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇلتۇر، بۇ شىركەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى، پايدا - باجدا يەنە يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىپ، پۈتۈن يىلدا 770 مىليون يۈەن ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى يارىتىپ، 120 مىليون يۈەن پايدا - باجنى ئىشقا ئاشۇردى.

«يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇش − قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى. بىز كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاشتا <ئېلىش ئەمىلى>نى قەتئىي قوللىنىپ، يېشىل يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈشتە <قوشۇش ئەمىلى>نى پائال قوللىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى <يەڭگىللىتىش>نى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇردۇق» دېدى قۇتۇبى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى دىڭ يەنمىڭ.

2016- يىلى ۋە 2017- يىلى، قۇتۇبى ناھىيەسى پولات - تۆمۈر كەسپىدىكى قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىن جەمئىي 1 مىليون 400 مىڭ توننىنى شاللىدى، بۇ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ پولات - تۆمۈر كەسپىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى تۈگىتىلگەن ئومۇمىي مىقدارنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلىدى؛ كۆمۈرچىلىك ساھەسىدە قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىن 270 مىڭ توننىنى شاللىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، قۇتۇبى ناھىيەسى يېشىل يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇشتا «قوشۇش ئەمىلى»نى پائال قوللاندى. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش، سودا ئەشيا ئوبوروتى، كۆچەت، گۈل - گىياھ، زامانىۋى چارۋىچىلىق، ساياھەتچىلىك قاتارلىق كەسىپلەرنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مەھسۇلاتلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىشىشكە قاراپ راۋاجلىنىشى، مەھسۇلاتلارنىڭ يۇقىرى ئاشۇرما قىممەتكە قاراپ ئۇزىرىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇلتۇرلا ناھىيە بويىچە 19 تېخنىكا ئۆزگەرتىش تۈرىدە قۇرۇلۇش پۈتۈپ، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى، كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانىدىن تۆتى يېڭىدىن كۆپەيدى، بىر تۈركۈم كەسىپلەر توپىنىڭ تەرەققىياتى تېزلىتىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى بوشلۇقى كېڭەيتىلدى.

تەرەققىيات ئەندىزىسى «يېشىللاشتۇرۇلدى»

6- ئاينىڭ 27- كۈنى، تيەنفۇ كۆچەت تىكىش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كۆچەت يېتىشتۈرۈش بازىسىدا، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى نيۇ جەنجياڭ ئىشچىلار بىلەن بىللە كۆچەتلەرنى چاتاۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى تۇتاش كەتكەن كۆچەتلەر خۇددى يېشىل دېڭىزغا ئوخشايتتى. «قۇتۇبى كۆچەت بىلەن يېشىللاشتى، دېھقانلارمۇ كۆچەت بىلەن بېيىدى» دېدى نيۇ جەنجياڭ.

قۇتۇبىدا يېشىل رەڭ مۇھىت ۋە ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي رەڭگى.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش مۇساپىسىدە، قۇتۇبى ناھىيەسى ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، يېشىل ئىقتىسادنىڭ تېز قەد كۆتۈرۈشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدى.

قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ نۆۋەتتىكى كۆچەت ئۆستۈرۈش كۆلىمى 150 مىڭ موغا يېتىپ، يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ، دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخ قاتارلىق يەتتە چوڭ يۈرۈشلۈك 300دىن كۆپرەك كۆچەت سورتى شەكىللەندى، پۈتۈن ناھىيە بويىچە 30 مىڭغا يېقىن دېھقان كۆچەت ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، يىلىغا تۈرلۈك كۆچەت، گۈل - گىياھتىن 150 مىليون تۈپ ساتتى، سېتىش سوممىسى 1 مىليارد 400 مىليون يۈەن بولدى. بۇنىڭ بىلەن قۇتۇبى ناھىيەسى غەربىي شىمالدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، سېتىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ بولغان كۆچەت، گۈل - گىياھ ئىشلەپچىقىرىش، يىغىش - تارقىتىش بازىسىغا ئايلىنىپ، «غەربىي رايوندىكى كۆچەت مەركىزى» دەپ ئاتالدى.

يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بىر تۈركۈم يېشىل يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق يېشىل يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر قۇتۇبى ناھىيەسىدە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى.

«ئېكولوگىيەلىك باغ - ئورمان شەھىرى، كۆچەت، گۈل - گىياھ مەركىزى» نىشانى بويىچە، قۇتۇبى ناھىيەسى «ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ كىرىشىنى قاتتىق چەكلەپ، بۇلتۇرلا 32 «ئۈچ يۇقىرى» تۈرنىڭ كىرىشىنى چەكلىدى. يېقىنقى ئىككى يىلدا، قۇتۇبى ناھىيەسى 181 ئېلېكتىر قۇدۇقنى تاقىدى، يەر ئاستى سۈيىنى ئىشلىتىش مىقدارىنى جەمئىي 130 مىليون كۇب مېتىر كېمەيتتى؛ كۆمۈر قالايدىغان 282 پار قازاننى چېقىۋەتتى، 65 مىڭ 500 كىۋادرات مېتىر يەرنى توك بىلەن ئىسسىتىشقا ئۆزگەرتىشنى تاماملىدى؛ 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، دافېڭ سانائەت باغچە رايونىدىكى پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى ۋە ۋۇتۇڭگوۋ، يەنچىۋەن نېيترال سۇ ئامبىرى تۈرى قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى.

2012- يىلى، قۇتۇبى ناھىيە بازىرىدىكى قۇرۇلۇش پۈتكەن رايوننىڭ كۆلىمى 10.1 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %38.2كە يەتتى؛ بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، ناھىيە بازىرىدىكى قۇرۇلۇش پۈتكەن رايوننىڭ كۆلىمى 14 كىۋادرات كىلومېتىرغا كېڭىيىپ، قۇرۇلۇش پۈتكەن رايوننىڭ يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %39.9كە ئۆستى.

قۇتۇبى ناھىيەسىمۇ بۇنىڭ بىلەن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مەملىكەت بويىچە ئون ياخشى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى شەھىرى ۋە مەبلەغ سېلىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئەڭ ئىگە ئالاھىدە ناھىيە بولۇپ باھالاندى.

ئىقتىسادنىڭ سۈپىتى «ئەلالاشتۇرۇلدى»

«بىز ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىنىشنى تۈزەشنى تەكىتلەپ، <ئېكولوگىيە بوسۇغىسى>نى قاتتىق ساقلىدۇق، تەرەققىي قىلمايمىز ياكى ئاستا تەرەققىي قىلىمىز ئەمەس، بەلكى يېشىل تەرەققىي قىلىمىز، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىمىز» دەپ قارىدى قۇتۇبى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم دىڭ دامىڭ.

قۇتۇبى ناھىيەسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن مىقدارنى كېمەيتىش، ساقلانمىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە ئېشىش مىقدارىنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئىشنى پائال ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈردى.

قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللىۋېتىش ئاساسىدا، قۇتۇبى ناھىيەسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن مىقدارنى ئازايتىشتا چىڭ تۇردى. ئېنېرگىيە سەرپىياتىنىڭ كۈچلۈكلۈكى ۋە ئېنېرگىيە ئىستېمال ئومۇمىي مىقدارىغا قارىتا «قوش تىزگىنلەپ» باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن، بازار ئىستىقبالى يوق كارخانا ۋە تۈرلەرنى چېكىنىپ چىقىش ياكى تىپىنى ئۆزگەرتىشكە يېتەكلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ساقلانمىنى پائال ئەلالاشتۇرۇپ، ھازىر بار بولغان كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش، يېشىللىشىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا كۈچەپ تۈرتكە بولدى، بايلىق تىپىدىكى كارخانىلار يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى، ئۈنۈم تىپىدىكى كارخانىلارغا قاراپ تىپىنى ئۆزگەرتتى.

ئىقتىسادنىڭ ئېشىش مىقدارىنى كېڭەيتىش جەھەتتە، قۇتۇبى ناھىيەسى ئومۇمىيەتنى كۆزلەپ پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېشىل يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇردى.

بۇ يىل 1- ئايدا، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى جۇڭلەن كىيىم - كېچەك ۋە زىبۇ - زىننەت ئىشلەپچىقىرىش چەكلىك شىركىتى قۇتۇبى ناھىيەسىدە رويخەتكە ئېلىنىپ قۇرۇلدى، شۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ ئايدىلا، كارخانا ئوڭۇشلۇق ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى، پىلان بويىچە يىلىغا 1 مىليون 500 مىڭ قۇر كىيىم - كېچەك ئىشلەپچىقىرىپ، يىلىغا 300 مىليون يۈەن ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى يارىتىدۇ، مەھسۇلاتلار ئاساسلىقى ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىغا ئېكسپورت قىلىنىدۇ.

قۇتۇبى ناھىيەسىدە، قۇرۇلما تەڭشەشتە ئاددىيلا ھالدا بىرقانچە كارخانا شاللىنىپ ياكى كىرگۈزۈلۈپلا قالماي، بەلكى ئۆز جايىنىڭ ئەۋزەل بايلىقىغا تايىنىپ، ئۈچ كەسىپ زەنجىرى زور كۈچ بىلەن زورايتىلدى: 1- كەسىپتە يېشىل ئورگانىك يېزا ئىگىلىكى، ئەلا سۈپەتلىك سۈت، گۆش، كۆچەت، گۈل - گىياھ قاتارلىق كەسىپلەر نۇقتىلىق راۋاجلاندۇرۇلدى؛ 2- كەسىپتە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە، چوڭقۇر پىششىقلاش قاتارلىق كەسىپلەر نۇقتىلىق راۋاجلاندۇرۇلدى؛ 3- كەسىپتە سودا، ئەشيا ئوبوروتى، مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىق كەسىپلەر نۇقتىلىق راۋاجلاندۇرۇلدى. بۇنىڭ بىلەن، يېزا ئىگىلىكىدە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، سانائەتتە تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە مۇلازىمەتچىلىكتە ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تېز ئالغا سىلجىتىلدى.

تەرەققىيات شەكلى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشتىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئۆزگەردى، كەسىپ ھالىتى ئەنئەنىۋى كەسىپلەردىن يېشىل يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرگە ئۆزگەردى، تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى بايلىققا تايىنىشتىن ئىجادىيەتلىك قوزغىتىشقا ئۆزگەردى، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولماقتا.

2018- يىلى، قۇتۇبى ناھىيەسى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى 13مىليارد 838 مىليون يۈەن ئورۇنداپ، %7.5 ئاشۇردى؛ شەھەر - بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 31 مىڭ 760 يۈەنگە يېتىپ %8 ئاشتى، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 20 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ