تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

‹‹100 يىللىق پورت›› نىڭ قىياپىتى يېڭىلاندى

  ـــ تورغات پورتىدا كۆرگەن–ئاڭلىغانلىرىمىز

  مۇخبىرلىرىمىز يەن شياۋجۈەن، گەي يوۋجۈن

  توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇرغان ئاپتوموبىل ئېقىمى، ئەشيا ئوبوروت ئېقىمى، ئادەملەر ئېقىمى...

  ۋەتىنىمىزنىڭ ئەڭ غەربىي چېتىگە جايلاشقان تورغات پورتى ئالدىراشلىققا چۆمگەن، ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى.

  ‹‹چىلان رەڭ داۋان›› ‹‹باغچە پورت››قا ئايلاندى

  قەشقەر – ئەركەشتام يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنى بويلاپ تورغات پورتىغا كەلگىنىمىزدە، كۆز ئالدىمىز بىردىنلا يورۇپ كەتتى: ئازادە، تەكشى پورت رايونىدا، يول تورى ھەممە تەرەپكە تۇتاشقان، ھەممە يەر يېشىللىققا پۈركەنگەن، دەل – دەرەخلەر بىلەن ئورالغان بولۇپ، پورت يولىدا چەت ئەللىك سودىگەرلەر ياكى يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىنى ئۇچراتقىلى بولاتتى... بۇ جايغا كەلگەن نۇرغۇن كىشى بۇ پورتنى ‹‹باغچە پورت›› دەپ ئاتىشىدۇ.

  تورغات قىرغىزچە ‹‹چىلان رەڭ داۋان›› دېگەن مەنىدە بولۇپ، قەدىمدىن تارتىپ سودا يولى بولۇپ كەلگەن. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى بۇ ‹‹100 يىللىق پورت››قا يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى.

  9 – ئاينىڭ 3 – كۈنى، تورغات پورت باشقۇرۇش كومىتېتىدىكى بىر مەسئۇل كىشى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: پورت ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى پۇرسىتىنى پائال چىڭ تۇتۇپ، پورتنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى سىجىل زورايتتى. 2014 – يىلى، تاموژنىغا مەلۇم قىلىش، تەكشۈرۈشكە مەلۇم قىلىش ئۇنىۋېرسال بىناسى، پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى قاتارلىقلار قۇرۇلدى. 2017 – يىلى، پورت بىرلەشمە تەكشۈرۈش بىناسى، پورتنى كۆكەرتىش، پورت رايونى يولى قاتارلىق يەتتە چوڭ قۇرۇلۇش تەڭ ئالغا سىلجىتىلدى ھەم قۇرۇلۇش ئوڭۇشلۇق تاماملاندى.

  كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى پورتقا 149 مىڭ 300 كىۋادرات مېتىرلىق يېشىللىق پەيدا قىلدى، پورت يولىدا، S309 لىنىيەسىنىڭ ئىككى قاسنىقىدا قەد كۆتۈرگەن ئىھاتە ئورمىنى خۇددى ھۆرمەت قاراۋۇللىرىدەك سەپ تۈزۈپ پورتقا كىرىپ – چىقىۋاتقان ھەر بىر جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك سودىگەر ھەم ساياھەتچىنى قارشى ئېلىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى.

  تورغات پورت باشقۇرۇش كومىتېتى تەرەققىيات – ئىسلاھات ۋە ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈش بۆلۈمىدىكى مەسئۇل كىشى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېڭى بىرلەشمە تەكشۈرۈش زالى بۇلتۇر 12 – ئاينىڭ 25 – كۈنى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلدى، زالنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى ئەسلىدىكى بىرلەشمە تەكشۈرۈش زالىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن كۆپرەككە توغرا كېلىدۇ، ساياھەتچىلەر چېگرادىن كىرىش – چىقىش يولى، تۆت مال كىرگۈزۈش – چىقىرىش يولى تەسىس قىلىنغان. پورت يىللىق مال كىرگۈزۈش – چىقىرىش مىقدارى 1 مىليون توننا، چېگرادىن ئۆتىدىغان ساياھەتچى 500 مىڭ ئادەم (قېتىم) قىلىپ لايىھەلەنگەن بولۇپ، پورتنىڭ ئىقتىدارى بارغانسېرى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى.

   ‹‹بۇ يەردە يۈك ئوبوروتى ئىنتايىن تېز››

  9 – ئاينىڭ 3 – كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5تە، قىرغىزىستاندىن كەلگەن شوپۇر ئەزىز ئاق رەڭلىك يۈك ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ چېگرادىن چىقىش ئېغىزىدا ئۆچرەت ساقلاۋاتاتتى، كابىنكىدا ئولتۇرغان ئەزىز بىزگە مۇنداق دېدى: ھازىر چېگرادىن چىقىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش ئىنتايىن قولايلىق، ئادەتتە ئۈچ مىنۇتتىلا بېجىرىپ بولغىلى بولىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، يېڭى بىرلەشمە تەكشۈرۈش زالىدا يولۇچى، يۈكنىڭ بىرلا ۋاقىتتا تاموژنىدىن ئۆتۈشى ئىشقا ئاشۇرۇلغان، يولۇچىلارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش ۋاقتى 45 سېكۇنتتىن 15 سېكۇنتقا قىسقارغان، يۈكنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش ئۈنۈمى %20 ئۆسكەن.

  شۇ كۈنى چۈشتە، پورتتا مۇنداق بىر قاينام – تاشقىنلىق مەنزىرىنى كۆردۇق: خېيلۇڭجياڭ، سىچۈەن قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن كونتېينېرلىق ئاپتوموبىللار، ئۈرۈمچى ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، مېتال بۇيۇملار، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ماشىنىسازلىق ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىقلار پورتتىكى ھەر قايسى ئامبارلارغا توشۇلۇۋاتاتتى؛ پورتقا تۇتىشىدىغان دوستلۇق يولى، بىنخې يولىدا تاموژنىدىن چىقماقچى بولغان ئاپتوموبىللار ئۇزۇن ئۆچرەت بولۇپ كەتكەنىدى.

  5 – نومۇرلۇق ئامبار پورتتىكى ئەڭ چوڭ ئامبار ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئامبارنىڭ دىرېكتورى جاۋ يى كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: يۈك ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ بۇ يەردە بىر كۈن توختاپلا تاموژنىدىن چىقىدۇ، يۈك ئوبوروتى ئىنتايىن تېز.

  2015 – يىلى 12 – ئاينىڭ 16 – كۈنى، تورغات پورتى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزىدىغان ‹‹راۋان يول››نى ئاچقاندىن كېيىن، جۇڭگو – قىرغىزىستان ئىككى تەرەپ 63 ئېكسپورت تۈرى، 35 ئىمپورت تۈرىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ‹‹راۋان يول››غا كىرگۈزدى.

  جاۋ يى مۇنداق دېدى: ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ مېۋە – چېۋە، كۆكتاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجى ئىزچىل ئېشىۋاتىدۇ. خەينەننىڭ شياڭجياۋسى، شەندۇڭنىڭ ئالمىسى بىلەن نەشپۈتى، فۇجيەننىڭ چېڭزىسى، سىچۈەننىڭ جۈزىسى بۇ يەردىن قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەككە توختىماي توشۇلۇپ تۇرىدۇ. تاموژنا ئېكسپورت سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ پورتتا ھەر يىلى ئېكسپورت قىلىنىدىغان مېۋە – چېۋىلەر ئېكسپورت قىلىنىدىغان مالنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىكەن.

  ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى توپلىنىش رايونى

  بۇ يىل 2 – ئاينىڭ 6 – كۈنى، بەش تۈركۈم (قېتىم)دە 89.77 توننا، مال قىممىتى 29 مىڭ 600 دوللارلىق قىرغىزىستان سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت گازى ئاپتوموبىل ئارقىلىق تۇنجى قېتىم تورغات پورتى تاموژنىسىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلدى، بۇ، مەزكۇر پورتتا رەسمىي ھالدا ئېنېرگىيە ئىمپورت يولىنىڭ ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، 2017 – يىلى بۇ پورتنىڭ ئىمپورت – ئېكسپورت مال مىقدارى 410 مىڭ توننا، سودا سوممىسى 3 مىليارد 830 مىليون دوللار بولغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %19.6 ئاشقان. بۇ يىل 1 – ئايدىن 8 – ئايغىچە، پورت ئىمپورت – ئېكسپورت مال مىقدارى 314 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.7 ئاشقان، مال قىممىتى 3 مىليارد 210 مىليون دوللار بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.2 ئاشقان.

  سىجىل، مۇقىم تەرەققىي قىلىۋاتقان پورت ئىقتىسادى شۇ يەردىكى پۇقرالارنىڭ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى. 22 ياشلىق بەختىيار ئادىل پورتتا ‹‹چېگرادىن كىرگۈزۈلگەن تاۋارلارنى چۈشىنىش دۇكىنى›› ئاچقان بولۇپ، ئاساسلىقى چېگرا سىرتىدىن كىرگۈزۈلگەن قىزىل ھاراق ۋە گىرىم بۇيۇملىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، يىللىق كىرىمى نەچچە ئون مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ.

  جۇغراپىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ يەر ھازىر ئىقتىسادىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئېگىزلىككە ئايلاندى. تورغات پورت باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پورت ئىقتىسادى سىجىل، تېز، ساغلام تەرەققىي قىلدى. بۇنىڭدىن كېيىن، تورغات پورت باشقۇرۇش كومىتېتى دۆلەتلىك 1 – دەرىجىلىك پورت ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دېڭىز بويى رايونلىرىدىكى كەسىپلەرنى پەلەمپەيسىمان يۆتكىلىشكە جەلپ قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى توپلىنىش رايونى بەرپا قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى