جاڭ جىلى
بىز كۇچا ناھىيەسىنىڭ چىمەن بازىرىدىكى نىڭبو - كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىگە كەلگىنىمىزدە، قاتار - قاتار سېلىنغان قىزىل ئۆگزىلىك، ئاق تاملىق تۇرالغۇلاردىن، ئانار دانىسى مەيدانىغا تۇتىشىدىغان ئۈزۈم كارىدورىدىن، پىلانلاپ قۇرۇلغان ھەربىر ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسىدىن، كەنت ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە روھىي قىياپىتىدىن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ تومۇر سوقۇشىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق.
ھەرقانداق بىر دېھقاننىڭ ئۆيىگە كىرسىڭىز، ھەرقانداق بىر كەنت ئاھالىسىنى زىيارەت قىلسىڭىز، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكى تۆت ئەۋلاد كىشىلەردىن كەنتنىڭ 60 نەچچە يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات جەريانىنى ئېنىق بىلەلەيسىز، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى ئاڭلىيالايسىز.
كەنتتىكى تۇنجى ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ چۆل - باياۋاندا يىلتىز تارتىپ، سۇ باشلاپ بوز يەر ئېچىش تارىخىدىن بىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن پېشقەدەم بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش روھىنى كۆردۇق؛ 2- ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ كوللېكتىپ ئەمگەككە قاتنىشىش، مەھسۇلاتنى ئائىلىلەرگىچە كۆتۈرە بېرىشتىن نەپ ئېلىش كەچۈرمىشىدىن بىز پۇقرالارنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىنكى تۇرمۇشى ۋە روھىي قىياپىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆردۇق؛ 3- ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ ئىگىلىك تىكلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش غەيرىتىدىن بىز چېگرا رايونلاردىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنىڭ ئۆسكەنلىكىنى كۆردۇق؛ 4- ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئەۋزەل تۇرمۇش مۇھىتى، مائارىپ مۇھىتىدىن بەھرىلىنىۋاتقان بەختلىك تۇرمۇشىدىن بىز پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىپ، ھەر مىللەت كەنت ئاھالىسىگە بەخت تۇيغۇسى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى كۆردۇق.
بىزنىڭ نۇقتىدا تۇرۇپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىمىز داۋاملىق چوڭقۇر زىيارەت قىلىپ، «ئايىغى چاققان، كۆزى ئۆتكۈر، زېھنى ئوچۇق، قەلىمى كۈچلۈك» بولۇشنى كۈچەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئۆزگىرىشىنى قەلبى، مېھرى بىلەن ھېس قىلىپ، دەۋرنىڭ تومۇر سوقۇشىنى سېزىدۇ.