تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ھەممەيلەن بەس–بەستە ئىلگىرىلىدى

يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدا كۈچلۈك دولقۇن مەۋج ئۇرماقتا
تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ھەممەيلەن بەس–بەستە ئىلگىرىلىدى
مۇخبىرىمىز جاۋ گۇاڭپىڭ

  5– ئاينىڭ 26 – كۈنى ئالاھىدە تىرانسفورموتور شىركىتىنىڭ ئىشچى–خىزمەتچىلىرى 800 ± كىلوۋولتلۇق توك ئالماشتۇرۇش تىرانسفورموتورىنى تەڭشىمەكتە. ئالاھىدە تىرانسفورموتور شىركىتى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلېكتىر تورى، شەھەر – يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش، دۇنيا ئېنېرگىيە ئالاقە تورى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، بازارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن مەھسۇلاتلىرىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇردى ھەم ئۆز ئالدىغا يېڭى مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ، ئاچقۇچلۇق تېخنىكا ئۈسكۈنىلەردە يېڭىلىق يارىتىپ، شىنجاڭغا ئالاھىدە تۆھپە قوشتى. تيەن يۈەن فوتوسى

  40 يىل ئۆتتى، بۇ 40 يىلدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش دولقۇنىغا ئەگىشىپ، پامىر ئېگىزلىكىدىن تارتىپ ئالتاي تېغىغىچە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغىچە ھەممەيلەن بەس – بەستە ئىلگىرىلەپ، كونىنىڭ ئورنىنى يېڭى ئالغان تەرەققىيات مۆجىزىلىرى مەيدانغا كەلدى، بىز قاينام – تاشقىنلىققا چۆمۈپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان مۇساپىگە گۇۋاھ بولدۇق.

   ئۆز يېرىگە قاراپ ئىش كۆرۈپ، ھەر كىم ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇردى

  بىپايان شىنجاڭ تىپىك بوستانلىق ئىگىلىكى بولۇپ، يەككە، بۆلۈنۈپ كەتكەن ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئاساسىي ئەندىزىسى رايونلار ئارا ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەرەققىياتىدىكى پەرقنىڭ بىر قەدەر چوڭ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەم ئوخشاش بولمىغان تەرەققىيات ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلغان. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆز يېرىگە قاراپ ئىش كۆرۈپ، تەشەببۇسكارلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيىتى ئارقىلىق مول تەرەققىيات تەجرىبىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۆز ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغان تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈردى.

  سانائەتكە، سودىغا، يېزا ئىگىلىكىگە، چارۋىچىلىققا ماس كېلىش... ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى شىنجاڭدا ھەرقايسى جايلار ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، ئۆز يېرىگە قاراپ ئىش كۆرۈپ، ھەر كىم ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر كىم ئۆز تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، تەرەققىيات ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلدى، يېزا – بازار كارخانىلىرىدا يېڭى كۈچلەر پەيدا بولدى، پورت ئىقتىسادى كىشىنى خۇشال قىلدى، مېۋە – چېۋە ماكانى بارغانسېرى كۆپەيدى، پاختىچىلىق سىجىل راۋاجلاندى... ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى ئۆزگىچە بولغان كۈن نۇرى، سۇ، تۇپراق بايلىقى شىنجاڭغا نۇرغۇن تەبىئىي بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئاتا قىلغان بولسىمۇ، بۇ ئەۋزەللىكلەر تولۇق جارى قىلدۇرۇلمىغانىدى.

  ‹‹پاختا – نېفىت›› ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئۆز يېرىگە قاراپ ئىش كۆرۈش تەرەققىيات يولىدىكى مۇقەررەر تاللاش.

  ئىلى، بورتالا، تارباغاتاي، قەشقەر، قىزىلسۇ ئەتراپىدىكى رايونلار غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى پورت بولۇش ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، پورت ئىقتىسادىنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلقئارا، دۆلەت ئىچىدىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىق، شەرق بىلەن بىرلىشىپ، غەربكە چىقىرىش، غەربتىن كىرگۈزۈپ، شەرققە چىقىرىش پۇرسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، رايون ئەمەلىي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتتى.ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، ئېنېرگىيە، كان مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ئەۋزەللىككە ئىگە بايلىققا تاياندى، سانجى، بايىنغولىن، تۇرپان، قومۇل، ئاقسۇ، قەشقەردىن ئىبارەت ئالتە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش، توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كۆلىمى ئوخشاش بولمىغان كەسىپ توپىنى شەكىللەندۈردى.

   رايونلار ھەمتۈرتكە بولدى، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇدى

  ئىسلاھات ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى بولۇپ، ھەمىشە تۈزۈلمە – مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتتىكى بوغما ھالەتنى بۆسۈپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرى رايون ئىقتىسادى يۇغۇرۇلغان، ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىدىغان ئىسلاھات تەجرىبە ئېتىزىغا ئايلاندى.

  2011– يىلى 1 – ئايدا، ئۈرۈمچى ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونى بىلەن تۇدۇڭخابا رايونى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى بىلەن يېڭىشەھەر رايونى بىرلا ۋاقىتتا ‹‹رايونلۇق ھۆكۈمەتنى بىرلەشتۈرۈش›› ئىسلاھاتىنى يولغا قويدى. ئەۋزەل بايلىقنى ياخشى تەقسىملەش ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، بىرگە بىرنى قوشسا ئىككىدىن چوڭ بولۇش ئۈنۈمى ھاسىل بولدى. بۈگۈنكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى كۈنسېرى مۇكەممەللىشىپ، كەسىپ – شەھەر يۇغۇرما تەرەققىياتى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  ئۈرۈمچى، سانجىدا قاتناش، كەسىپ، ئۇچۇر، بايلىق بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن تەرەققىيات يولغا قويۇلغان 13 يىلدىن بۇيان، ئەۋزەللىكلەرنى ئۆزئارا تولۇقلاش ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، ئىككى جاينىڭ دۆلەت دەرىجىلىك ئېكىسپورت پىششىقلاش رايونى، تەرەققىيات رايونى ۋە سانائەت رايونى تەرەققىياتىدا ئۆزئارا ماسلىشىشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلۈپ، ئۇچقاندەك ئالغا باستى.

  پائال ئىزدىنىش بايىنغولىن ئوبلاستىدىمۇ ئېلىپ بېرىلدى، كورلا – لوپنۇر بىر گەۋدىلەشكەن، كورلا مەركەز قىلىنغان بىر سائەتلىك ئىقتىساد چەمبىرىكى بەرپا قىلىنىپ، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان، ماس تەرەققىي قىلىدىغان يېڭى ئەندىزە شەكىللەندى.

  تارماق ۋە مەمۇرىي رايونغا ئايرىش چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، رايون ئىچكى ئىقتىسادىي يۇغۇرما تەرەققىيات، ھەمتۈرتكە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى چوڭ يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى.

  قاراماي شەھىرى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار قارالمىلارنى چۆرىدەپ، ئۇدا بىر نەچچە يىل باشلىقلار مۇنبىرى ئۆتكۈزۈپ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسىم رايونىنىڭ ھەمتۈرتكە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قۇدرەتلىك ئەقلىي كۈچ بىلەن قوللاپ، كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى ھەم رايون ھەمكارلىقىنى ئەمەلىي ئىلگىرى سۈرۈشتە كۆپ ساھەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلدى.

  ئۈرۈمچى، سانجى، شىخەنزە، قومۇل قاتارلىق جايلاردىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر رايونى بىلەن تەرەققىيات رايونى ماس تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتتى.

   ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەپ، ئەۋزەل رايون بارلىققا كەلدى

  ئالدىن، تېز تەرەققىي قىلدۇرۇلغان تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ئىقتىساد بەلبېغى ھازىر شىنجاڭدىكى ئىقتىساد ئەڭ تەرەققىي قىلغان، كەسىپ ئەڭ مەركەزلەشكەن، ئىختىساسلىقلار ئەڭ توپلاشقان، بىپايان شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى ئەۋزەل رايونغا، شۇنداقلا ئىككى ياندىكى ۋە شىنجاڭ ئىچىدىكى باشقا رايونلارنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا ئايلاندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 2017 – يىلى ئېلان قىلغان ‹‹تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يېتەكلەش – ھالقىش ھەرىكەت پىلانى›› (2016 – يىلىدىن 2020 – يىلىغىچە) دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ‹‹13 – بەش يىل›› مەزگىلىدە تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ئىقتىساد بەلبېغى رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى غەربىي رايون بويىچە ئالدىنقى قاتاردا ساقلاپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى شەرقىي قىسىم دېڭىز بويى رايونلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈش، يېشىل GDP نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش، شەھەر – بازارلاشتۇرۇش نىسبىتىنى %70كە يەتكۈزۈش كېرەك.

  ئۈرۈمچى، سانجى، شىخەنزە قاتارلىق جايلاردا شامال ئېلېكتىرى، فوتوۋولت، توك يەتكۈزۈش – بېسىم ئۆزگەرتىش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى قاتارلىق جابدۇق ياسىمىچىلىق رايونى شەكىللىنىپ، كەسىپلەرنىڭ مەركەزلىشىش دەرىجىسى %90تىن ئاشتى، بولۇپمۇ ئۈرۈمچىدىكى دۆلەت دەرىجىلىك ئۈچ تەرەققىيات رايونىنىڭ يېتەكچىلىك رولى روشەن بولۇپ، ئىلغار ياسىمىچىلىق، ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تېز تەرەققىي قىلىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا، يۇمشاق دېتال ئۇچۇرى، تور پۇل مۇئامىلىسى قاتارلىق گۈللەنمە كەسىپلەر تېز توپلىنىپ، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى تېز راۋاجلىنىپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى.

  تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ئىقتىساد بەلبېغى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئۈلگە بولۇشى ھەم تۈرتكىسىدە، ھەرقايسى جايلار بەس – بەستە تەدبىر قوللىنىپ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، 1 – كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، 2 – كەسىپتە مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش، 3 – كەسىپنى كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. ئىلى، ئالتاي، تۇرپان، قەشقەر قاتارلىق جايلارنىڭ ساياھەتچىلىكى ۋەكىللىكىدىكى 3 – كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولدى. ھازىر، مۇلازىمەت كەسپى ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى.

   بەسلىشىش، ئۆگىنىش، يېتىشىۋېلىش، ياردەم بېرىش ئارقىلىق بەس – بەستە ئىلگىرىلىدى

  5 – ئاينىڭ 27 – كۈنى يۇرۇڭقاش دەرياسى بويىدىكى شىنجاڭ ‹‹جىڭخې›› توقۇمىچىلىق پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ زاۋۇت ئۆيىدە ئىشچىلار ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى، ئىككى يىل بۇرۇن خوتەنگە ماكانلىشىپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان بېيجىڭنىڭ بۇ كارخانىسى ئىشلەپچىقارغان ھەرخىل يۇقىرى پەن – تېخنىكىلىق كەسىپلەرگە كېرەكلىك توقۇلمىلار مەملىكەت ئىچى – سىرتىغا تېز سېتىلدى ھەم 910 نامرات ئاھالىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.

  شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش ھەرىكىتى داۋاملىشىپلا قالماستىن، ھەرقايسى جايلارمۇ سۇبيېكتلىق رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەپ، نامراتلار بىلەن تۇغقانلىشىپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇپ، نامراتلىق يىلتىزىنى يۇلۇپ تاشلاپ، ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىسىگە ئالدى.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش كۈچلۈك دولقۇنىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جايلار نۇقتا بەلگىلەپ، يۇقىرى ئورۇندىن تەرەققىياتنى پىلانلىدى، ئىلغارلارغا سېلىشتۇرۇپ، پەرقنى تېپىپ چىقتى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا بەسلىشىش، ئۆگىنىش، يېتىشىۋېلىش، ياردەم بېرىش كەيپىياتى بارغانسېرى قويۇقلىشىپ، بەسلىشىپ ئىلگىرىلەشتەك ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياتىي كۈچ نامايان قىلىندى، بولۇپمۇ جايلار يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى تارىخىي پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشى بىلەن جىپسىلاشتۇردى.

  ‹‹بەش پورت سەككىز دۆلەتكە، بىر يول ياۋروپا – ئاسىياغا تۇتىشىش››تەك ئالاھىدە رايون ئەۋزەللىكىگە ئىگە قەشقەر يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىدىكى مۇھىم تۈگۈنلۈك، جۇڭگو – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىلىق رايون ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇردى، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشى ۋە شەرق بىلەن بىرلىشىپ، غەربكە چىقىرىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، كەسىپلەرنىڭ توپلىشىشى، ئايروپورتلارنىڭ ئۇلاپ توشۇشنى ئىلگىرى سۈردى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون، ئايروپورت ئەتراپى ئىقتىسادىي رايونىنىڭ ئۈلگىلىك، تۈرتكىلىك ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇردى، ئىچكى تەرەققىيات بىلەن سىرتقا ئېچىۋېتىش بىر – بىرىگە تۈرتكە بولىدىغان، قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى.

  ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئىلى رايون خاراكتېرلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا سىڭدۈرۈپ، زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشى دەسلەپكى قەدەمدە كۆلەملەشتى، جۇڭگو – قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى جۇڭگو تەرەپ يانداش رايونى ۋە قەشقەر، ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى پورت پېچىتى بىلەن توشۇشنى يولغا قويدى. ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى قۇرۇلۇشى تاشيول – تۆمۈريول – دېڭىز يولى ئۇلاپ توشۇشنى ئومۇميۈزلۈك باشلاپ، تۇنجى قېتىم يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بىلەن 21 – ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  چۆلدىكى مەرۋايىت شىخەنزىدىن تارتىپ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قۇرۇلغان ۋۇجياچۈ، ئارال، تۇمشۇق، بېيتۈن، باش ئەگىم، قوشئۆگۈز، كۆكدالا قاتارلىق بىڭتۈەننىڭ گۈللەنمە شەھەرلىرى قەد كۆتۈرگىچە، جەنۇبىي شىنجاڭ، شىمالىي شىنجاڭغا تارقالغان بىڭتۈەن شەھەر توپى قۇرۇلۇشى بىڭتۈەننىڭ مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق، چوڭ پېچلىق، ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىلىق ئالاھىدە رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇردى، شۇنداقلا بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى، بەسلىشىش، ئۆگىنىش، يېتىشىۋېلىش، ياردەم بېرىشىنىڭ يېڭى سەھنىسىگە ئايلىنىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك چېگرا رايوننى تەڭ قوغداش، ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىكتە بەرپا قىلىش، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ئەۋزەللىكلىرى ئارقىلىق بىر – بىرىنى تولۇقلاش، ئورتاق گۈللىنىشتەك يېڭى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى