تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالتە تۈرلۈك تەدبىرى

ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مەۋقەنى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ساياھەت باھاسىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش قاتارلىق فۇنكسىيەلەرگە قويۇپ، ئالتە تۈرلۈك تەدبىر ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچەپ تۈرتكە بولغان.

مەدەنىيەت، ساياھەت تۈرلىرىنى قوللاش سالمىقى ئىزچىل ئاشۇرۇلغان. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مەدەنىيەت، ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، مەركەز، ئاپتونوم رايون خامچوت ئىچىدىكى مەبلەغدىن جەمئىي 350 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 36 مەدەنىيەت، ساياھەت تۈرىنى قوللىغان. نۆۋەتتە، تۈر قۇرۇلۇشى باشلىنىشتىن بۇرۇنقى تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىپ، قىسمەن تۈرلەردە ئارقا - ئارقىدىن قۇرۇلۇش باشلانغان.

مەنزىرە رايونى كىرىش بېلىتىنىڭ باھاسىنى بېكىتىش ۋە مەنزىرە رايونى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنىڭ ھەق ئېلىشىنى قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتى ۋاقتىدا قانات يايدۇرۇلغان. «ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ نۇقتىلىق دۆلەت ئىلكىدىكى مەنزىرە رايونلىرىنىڭ كىرىش بېلىتى باھاسىنى تۆۋەنلىتىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» «مەنزىرە رايونلىرىنىڭ كىرىش بېلىتى باھاسى ۋە ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققىنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» بېسىپ تارقىتىلىپ، مەنزىرە رايونلىرىنىڭ كىرىش بېلىتى باھاسى ۋە مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئىچى ۋە ئەتراپىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىشقا قالايمىقان ھەق ئېلىش قىلمىشلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدا كونكرېت تەلەپ ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ھەرقايسى جايلاردىكى ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرى ھۆكۈمەت باھاسىنى بېكىتكەن مەنزىرە رايونلىرىنىڭ كىرىش بېلىتى ۋە يانداش مۇلازىمەت ھەققى تىزىملىكى، باھا ئۆلچىمىنى جەمئىيەتكە مەركەزلىك ئېلان قىلغان.

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر ئاپتونوم رايونىمىز ساياھىتىنى تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇلغان ۋە يېتەكلەنگەن. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنى «مېھمانلارنى شىنجاڭغا يەتكۈزۈش» سالمىقىنى سىجىل ئاشۇرۇشقا ماسلاشتۇرۇپ، نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ ئەسقاتىدىغان، ماھارەت تىپىدىكى ساياھەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشى پائال كۈچەيتىلىدىكەن. جىلىن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى دۆلەت جۇغراپىيە ژۇرنىلىنى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە مىللىي ئۆرپ - ئادەت باش تېما قىلىنغان قوشۇمچە ساننى نەشر قىلىشقا ماسلاشتۇرغان ھەم ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆزگىچە قار - مۇز ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىشىغا پائال ھەمكارلاشقان؛ جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى چاڭجياڭ دېلتىسى ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ھەم جەنۇبىي شىنجاڭغا ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش يىغىنىنى ماسلاشتۇرۇپ ئېچىپ، «جېجياڭ - ئاقسۇ مەنزىرىسى» ناملىق ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بويىچە ھۆددە ئايروپىلانىنى قاتناتقان؛ خۇبېي ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مەدەنىيەت، ساياھىتىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەخسۇس كۇرسى قاتارلىقلارنى ئاچقان.

ساياھەت قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىگە كاپالەتلىك قىلىش سالمىقى ئۈزلۈكسىز زورايتىلغان. كورلا - ئاقسۇ - قەشقەر تۆمۈريولىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىش، ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش، G218 لىنىيەسىدىكى دۆڭمازار - نارات 1- دەرىجىلىك تاشيولى، ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق بىر تۈركۈم قۇرۇلۇۋاتقان قاتناش ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى تېزلىتىلگەن؛ موڭغۇلكۈرە ئايرودۇرۇمى، كېرىيە ئايرودۇرۇمى قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىلىپ، يىل ئىچىدە قۇرۇلۇش باشلاش تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈلىدىكەن؛ غۇلجا - ئاقسۇ تۆمۈريولى قاتارلىق تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرى پۇختا قەدەم بىلەن قانات يايدۇرۇلۇۋېتىپتۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يېزا تاشيول قۇرۇلۇشى پائال ئالغا سىلجىتىلىپ، يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكى كەسپىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىنغان.

ساياھەت تەرەققىياتىنى سىياسەت - تەدبىرلەر ئارقىلىق قوللاش يەنىمۇ كۈچەيتىلگەن. يېزا - كەنت ساياھەت يولى ۋە ئاپتوموبىل توختىتىش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش، يېزا - كەنت ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەت ئۆلچىمى قاتارلىق يېزا - كەنت ساياھەت تەرەققىياتىدىكى ئاجىز ھالقىلار چۆرىدىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە «يېزا - كەنت ساياھەت تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتى، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يولغا قويۇش لايىھەسى (2019- يىلىدىن 2020- يىلىغىچە)» تۈزۈلۈپ ۋە بېسىپ تارقىتىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەيدىغان ئامىللارنى ھەل قىلىدىغان خىزمەت تەدبىرلىرى ۋە ۋەزىپە تەقسىماتى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان.

بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ 14- بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى تۈزۈشنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەتقىقات خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، قىسمەن تەتقىقات خىراجىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، مەدەنىيەت، ساياھەتنىڭ «14- بەش يىللىق» تەرەققىيات يۆنىلىشى توغرىسىدىكى مۇھىم، زور تېما تەتقىقاتىغا مەدەت بېرىلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ