تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

«كېچىلىك ئىقتىساد» پۈتۈن رايون ساياھىتىنى تېخىمۇ جانلاندۇردى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ

كەچلىك بازار چىراغ نۇرىدا كۈندۈزدەك يورۇپ كەتكەن بولۇپ، ھەممە ياقتىن مەززىلىك پۇراق كېلىپ تۇراتتى، ساياھەت ئويۇنى قويۇلۇۋاتقان نەق مەيداندا ناخشا سادالىرى ياڭراپ، لەرزان ئۇسسۇل ئوينىلىۋاتاتتى، كېچىدىكى مەنزىرە رايونى رەڭدار، گۈزەل تۈسكە كىرگەنىدى... ياز پەسلى كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كەچلىك بازارلار، كېچىلىك ساياھەت ئويۇن قويۇش پائالىيەتلىرى، كېچىدە مەنزىرە رايونىنى ساياھەت قىلىش تۈرلىرى قاتارلىقلار تەدرىجىي كۆپىيىپ، پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىنىڭ «پۈتۈن سوتكىلىق ساياھەت» ئۇقۇمىنى تېخىمۇ تولۇق نامايان قىلدى.

ساياھەت ۋاقتى ئۈنۈملۈك ئۇزارتىلدى، ساياھەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش كۆپەيتىلدى، «كېچىلىك ئىقتىساد» شىنجاڭنىڭ كېچىسىنى تېخىمۇ جانلاندۇردى، ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ موللاشتۇردى.

كەچلىك بازار قىزىدى

«كېچىلىك ئىقتىساد»نى قىزىتتى

6- ئاينىڭ 29- كۈنى كەچ سائەت 10دا، گۇگۇم چۈشۈشى بىلەن ئىسسىق ھاۋا ئاستا - ئاستا سالقىنلىدى. قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى 1- ئىيۇل كەچلىك بازىرىنىڭ ئىشىك ئالدى قىزىپ كەتتى. تاكسى شوپۇرى چېن رۇڭجۈن كەچلىك بازارغا تۆت - بەش قېتىم قاتناپ بولغانىدى، «ھەممىسى قومۇلغا كەلگەن ساياھەتچىلەر» دېدى ئۇ. ياز پەسلىدە كەچ كىرىشى بىلەنلا كەچلىك بازارغا بارىدىغان ساياھەتچىلەر ئۇنىڭ ئاساسلىق خېرىدار مەنبەسى بولۇپ قالاتتى.

كەچلىك بازار چىراغ نۇرىدا كۈندۈزدەك يورۇپ كەتكەن بولۇپ، ھەممە يەر خېرىدار بىلەن لىق تولغانىدى. كاۋاپ، جياۋماجى، سېرىقئاش... يەرلىك مەززىلىك تائاملارنىڭ تۈرى كۆپ، تەملىك ئىدى، مالاشياۋلۇڭشيا، باۋچاۋتيەنلو، مالاتاڭ... باشقا يۇرت تائاملىرىنىڭ مەززىلىك پۇرىقى كىشىنى جەلپ قىلاتتى. ئېۋىرغول رايونىدا ئۈچ كەچلىك بازار بولۇپ، ھەر كۈنى كەچتە ئادەملەر بىلەن لىق تولىدۇ. «ھەربىر جايغا بارغاندا، بىز كەچلىك بازارلارنى ئايلىنىپ، مەززىلىك تائاملارنى تېتىپ، شۇ جاينىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە ئۆرپ - ئادىتىنى ھېس قىلىشنى ئارزۇ قىلىمىز» دېدى ئىچكى موڭغۇللۇق ساياھەتچى زوۋ خۇا كۈلۈپ تۇرۇپ.

بۈگۈنكى كۈندە، كېچىلىك تۇرمۇشنىڭ مۇھىم شەكلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بارغانسېرى كۆپ كەچلىك بازار شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بارلىققا كەلدى: ئۈرۈمچى، سانجى، چۆچەك... بولۇپمۇ خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى كەچلىك بازارلار تېخىمۇ قىزىيدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خوتەننىڭ كەچلىك بازىرى ئەڭ داڭلىق. ھازىر، خوتەننىڭ كونا كەچلىك بازىرى يەنىلا قىزىيدۇ، خوتەن كەچلىك بازىرى (خۇەنخۇديەن)دىمۇ تىجارەت باشلاندى، ئۇنىڭ كۈندىلىك خېرىدار مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغاندا 10 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشىدىغان بولۇپ، شۇ جاينىڭ ئىسىم كارتىسىغا ئايلاندى.

كەچلىك بازار ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپلا قالماي، يەنە شۇ جايدىكى كىشىلەر دەم ئېلىپ سالقىندايدىغان ياخشى جاي. ئاۋات كەچلىك بازار «كېچىلىك ئىقتىساد»قا بىۋاسىتە تۈرتكە بولدى. كاۋاپ يەپ پىۋا ئىچىش شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كەچلىك بازارلارنىڭ «ئۆلچەملىك سەپلىمە»سى. شىخو پىۋىسىنىڭ سېتىلىش مىقدارى مۆلچەرلىنىشىچە 8- ئايغا بارغاندا بۇلتۇرقى پۈتۈن يىللىق 400 مىڭ توننىلىق سېتىلىش مىقدارىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن، بۇ يىل پۈتۈن يىللىق سېتىلىش مىقدارىنىڭ 500 مىڭ توننىدىن ئېشىپ كېتىشىدىن ئۈمىد بار، بۇنىڭ ئىچىدە كەچلىك بازاردا سېتىلىشنىڭ تۆھپىسىگە كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ.

6- ئاينىڭ ئاخىرى تىجارەت باشلىغان قاراماي شەھىرى خۇڭچېڭ يىخاۋفاڭ كەچلىك بازىرىغا سودىگەر چاقىرىش بىر ھەپتىدىلا تاماملاندى، تىجارەت باشلانغان ئالدىنقى ئۈچ كۈندە ھەر كۈنى كەچتىكى ئادەم ئېقىمى 30 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن بولۇپ، ھازىر يەنىلا ھەر كۈنى كەچتە 10 مىڭ ئادەم قېتىملىق ئادەم ئېقىمىنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ.

ئويۇن قىزىدى

كېچىلىك سەھنە جەلپكارلىقنى نامايان قىلدى

ئەگەشمە چىراغ نۇرى قاراڭغۇ كېچىنى يېرىپ ئۆتۈپ، سوزۇلۇپ ياتقان ئېگىز - پەس قۇم بارخانلىرىنى يورۇتۇپ تۇراتتى، تۆگە كارۋىنى، يولۇچىلار قۇم بارخانلىرىدا ئاستا - ئاستا كېتىۋاتاتتى، «كېچىدىكى كىروران» ناملىق چوڭ تىپتىكى ھەقىقىي مەنزىرىلىك ئويۇن قۇمتاغ قۇملۇقىدا باشلاندى. ئاي نۇرى، يۇلتۇزلۇق ئاسمان، قۇم بارخانلىرى، لاگېر، ناخشا - ئۇسسۇل ئۆزئارا گىرەلىشىپ، ساياھەتچىلەرگە ئۆزگىچە ھېس - تۇيغۇ ئېلىپ كەلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا، كېچىدە قويۇلىدىغان چوڭ تىپتىكى ساياھەت ئويۇن قويۇش پائالىيەتلىرى ئەۋجىگە چىقتى، «غەربىي يۇرتقا مىڭ قېتىم قايتىش» «قاناستىكى كاتتا مەرىكە» «شەرققە قايتىش . تەسىرات» «يىپەك يولى كۆرگەزمىسى» قاتارلىق ئويۇنلار تاماشىبىنلارغا ئاۋاز، يورۇقلۇق، ئېلېكتىر، 3D تېخنىكىسى ۋە ناخشا - ئۇسسۇللار ياراتقان كەيپىيات ئىچىدە شىنجاڭنىڭ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدۇردى، ئۇلار يەنە شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە ساياھەت مەھسۇلاتىغا ئايلانماقتا.

شىنجاڭ چوڭ تىياتىرخانىسىنىڭ «غەربىي يۇرتقا مىڭ قېتىم قايتىش» ئويۇنى 2015- يىلىدىن باشلاپ رەسمىي قويۇلغاندىن بۇيان، 1100 مەيدانغا يېقىن قويۇلۇپ، ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 300 مىڭ ئادەم قېتىم تاماشىبىننى كۈتۈۋالدى. شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، كۈتۈۋالغان ساياھەتچى سانى شىددەت بىلەن ئاشتى، «غەربىي يۇرتقا مىڭ قېتىم قايتىش»نى كۆرگەن تاماشىبىنلار سانىمۇ تېز سۈرئەتتە ئاشتى. «بىز ھەر كۈنى كەچتە بىر مەيدان ئويۇن ئورۇنلاشتۇرىمىز، ئەگەر تاماشىبىنلارنىڭ سانى بىر قەدەر كۆپ بولسا، يەنە بىر مەيدان كۆپەيتىمىز. بۇ يىل 4-، 5- ئايلاردىكى خېلى بىر قىسىم ۋاقىتتا، ھەر كۈنى كەچتە بىر مەيدان ئويۇننى كۆپەيتتۇق.» شىنجاڭ چوڭ تىياتىرخانىسىنىڭ مەبلەغ سالغۇچىسى، «غەربىي يۇرتقا مىڭ قېتىم قايتىش»نىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسى چېن جيې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مۆلچەرلىنىشىچە بۇ يىل «غەربىي يۇرتقا مىڭ قېتىم قايتىش»نى كۆرىدىغان تاماشىبىنلار سانى 600 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىشى مۇمكىن.

تۇرپان خۇەنلې شېڭديەن ساياھەت مەدەنىيەت چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لىن جۇڭيىمۇ يىپەك يولى كاتتا مەرىكىسى يۈرۈشلۈك ئويۇنلىرىنىڭ باش فىلىم ئىشلىگۈچىسى. 2010- يىلى ئۇ كىنو - تېلېۋىزىيە ساھەسىدىن كەسىپ ئالماشتۇرۇپ ساياھەت ئويۇن قويۇش كەسپى بىلەن شۇغۇللاندى. 2011- يىلى «تۇرپاندىكى كاتتا مەرىكە» رەسمىي قويۇلدى؛ 2013- يىلى «قاناستىكى كاتتا مەرىكە» رەسمىي قويۇلدى. «شىركەتنىڭ <كاتتا مەرىكە> شىنجاڭ بۆلىكى تاكى بۈگۈنگىچە 1 مىليون ئادەم قېتىمغا يېقىن تاماشىبىننى كۈتۈۋالدى» دېدى لىن جۇڭيى. بۈگۈنكى كۈندە، «قاناستىكى كاتتا مەرىكە» نۇرغۇن ساياھەتچى بۇرچىندا جەزمەن كۆرىدىغان ئويۇنغا ئايلاندى.

نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرى ئىجاد قىلغان «كوئېنلۇندىكى ئۇچرىشىش» ناملىق چوڭ تىپتىكى ھەقىقىي مەنزىرىلىك تىياتىر تاماملىنىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى، تېخىمۇ كۆپ ساياھەت ئويۇن تۈرىمۇ ئىجاد قىلىنىپ، رېپېتىتسىيە قىلىنىۋاتىدۇ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت ئويۇن قويۇش كارخانىلىرىمۇ شىنجاڭدىن پۈتۈن مەملىكەتكە يۈرۈش قىلىۋاتىدۇ. ھازىر، لىن جۇڭيىنىڭ ئىجادىيەت ئەترىتىنىڭ گەنسۇ، نىڭشيا ھەمدە چۇڭچىڭ قاتارلىق جايلاردا ئويۇن قويۇش تۈرلىرىمۇ رەسمىي قويۇلۇۋاتىدۇ.

كېچىلىك ساياھەت تەدرىجىي قىزىدى

«كېچىلىك ئىقتىساد» ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى

كەچ كىرگەندە، تۇرپان كارىز ئۆرپ - ئادەت باغچىسى قايتىدىن قىزىپ كەتتى. كىچىك مەيداندا، ئۇسسۇل ئارتىسلىرى ۋە ساياھەتچىلەر، شەھەر ئاھالىلىرى بىرلىكتە ئۇسسۇلغا چۈشتى؛ كارىز تەشمىسىدىن چىققان سالقىن ھاۋا يۈزگە ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. ساياھەتچىلەر بىر تەرەپتىن سالقىن ھاۋادىن ھۇزۇرلانسا، بىر تەرەپتىن كارىزنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ ئىنتايىن زوقلاندى.

«كۈندۈزى تۇرپاننىڭ تومۇز ئىسسىقىنى ھېس قىلىپ، كەچتە كارىزنىڭ سالقىن ھاۋاسىدىن ھۇزۇرلانسا، بۇ خىل تۇيغۇ بەك ئاجايىپ بولىدىكەن!» دېدى خۇنەنلىك ساياھەتچى لو يۇڭلى.

كارىزنى كېچىدە ساياھەت قىلىش تۈرى بۇ يىل 4- ئايدا يولغا قويۇلغان بولۇپ، زور تۈركۈمدىكى ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، كېچىلىك ساياھەت، كەچلىك بازار قاتارلىقلار تۇرپاننىڭ كېچىسىنى تېخىمۇ جەلپكار قىلدى.

كۈندۈزى تاغ كۆرۈپ، سۇ كۆرۈپ، قۇملۇق كۆرۈپ، قەدىمىي يادىكارلىقلارنى كۆرۈپ، كەچ كىرگەندە سەيلە قىلىش ئىشتىياقى ئاجىزلاشمىغان ساياھەتچىلەر يەنە چوڭ - كىچىك كوچىلار، مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ئايلىنىدۇ... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بارلىققا كەلگەن كېچىلىك ساياھەت تۈرلىرى ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ مەنزىرىسىنى تېخىمۇ تولۇق تاماشا قىلىشىغا، تېخىمۇ ھەقىقىي ھېس قىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ، پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى مەزمۇن ۋە شەكىل قوشتى.

كېچىلىك ساياھەت تۈرلىرى تېخىمۇ ئەۋج ئېلىشقا باشلىدى. قاراماي دۇنيا موگۇيچېڭ مەنزىرە رايونى، قاناس مەنزىرە رايونى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كېچىلىك ساياھەت تۈرىنى پىلانلاۋاتىدۇ، قۇرۇۋاتىدۇ. دۇنيا موگۇيچېڭ مەنزىرە رايونى تەخمىنەن 10 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يارداڭ يەر شەكلى يادرولۇق مەنزىرە رايونىنىڭ 13 كىلومېتىرلىق ساياھەت لىنىيەسى ھەم يول بويىدىكى 20 نەچچە جايدىكى ئوبراز مەنزىرىسىنى كېچىدە چىراغ نۇرىدا يورۇتۇپ، ئىنتايىن كۆركەم يارداڭ يەر شەكلىنىڭ سىرلىق سېھرىي كۈچىنى مەركەزلىك نامايان قىلدى، يەنە 15 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ مەنزىرە رايونىدىكى دىنازاۋۇر جىلغىسىغا چۆكمە شەكىلدىكى ھەرىكەتچان چىراغ نۇرى ئارقىلىق گەۋدىلەندۈرۈش كۆرگەزمە تۈرىنى بەرپا قىلدى.

ئۈرۈمچى شەھىرى قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ يورۇتۇش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇشىغا ئەگىشىپ، «كېچىلىك ئىقتىساد»نىڭ تەرەققىياتى ياخشى ئاساسقا ئىگە بولدى. كەلگۈسىدە زامانىۋى رەقەملىك تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى، ئويۇن كۆرگەزمىسى، سودا كوچىسى كەچلىك بازىرى، يورۇتۇش قۇرۇلۇشى، كېچىلىك مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىش ئارقىلىق ئەنئەنىۋى ساياھەت بايلىقلىرى يەنىمۇ بىرىكتۈرۈلۈپ ۋە دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، ساياھەت مەنزىلگاھى بازىرى مەھسۇلاتلىرىنىڭ كەسىپ زەنجىرى ئۇزارتىلىپ، كېچىلىك ساياھەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدۇ.

«كېچىلىك ساياھەت تۈرلىرى ساياھەتچىلەرنىڭ مەنزىلگاھ بازىرىدا توختاش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، ساياھەت مەنزىلگاھ بازىرىنىڭ ساياھەت ئىستېمالىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولالايدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەتچىلىك جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى، ماركېتىڭ جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى چېن جيەنۋېن. ئۇ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ھەرقايسى جايلار ھازىر بار بولغان بايلىق ئالاھىدىلىكى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئۆزىگە خاس IP قىممىتىگە ئىگە بولغان مەدەنىيەت ئىجادىيەت كېچىلىك ساياھەت تۈرىنى ئېچىپ، يادرولۇق ساياھەت مەھسۇلاتىنى يارىتىشى كېرەك؛ «ساياھەت + مەدەنىيەت + سودا» قاتارلىق كۆپ خىل كەسىپ ھالىتىنى ساھە ھالقىپ يۇغۇرۇپ، تۈر سىستېمىسى، ئەسلىھە سىستېمىسى، مۇلازىمەت سىستېمىسى ۋە بىخەتەرلىك كاپالىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. «يەنە پايدا ئەندىزىسىنى ياخشى لايىھەلەپ، سېلىنما بىلەن ھاسىلاتنىڭ تەڭ نىسبەتتە بولۇشىغا ئىلمىي ھۆكۈم قىلىش كېرەك. تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، ھەم ساياھەتچىلەرنى ئېلىپ قالالايدىغان بولۇش، ھەم شۇ جاينىڭ ئىستېمال ئېھتىياجىغا تەڭ ئېتىبار بېرەلەيدىغان بولۇش، ساھىبخانا بىلەن مېھمان ئورتاق بەھرىلىنىدىغان ئازادە بوشلۇق بەرپا قىلىش كېرەك».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.