قەشقەر گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ئەلى): يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ يەكەن ناھىيەسى خاڭدى بازىرى كونابازار كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئۆز جايىنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، نامراتلىق ئەھۋالىغا ئاساسەن تەدبىر قوللىنىپ، كەسىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىش يولىنى كېڭەيتىپ، نامراتلارنىڭ ئۆز قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
كونابازار كەنتىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگىنى 160 نامرات ئائىلە، 661 كىشى بولۇپ، كەنتتە ئادەم كۆپ، يەر ئاز، نامراتلىق دەرىجىسى ئېغىر، نامراتلىق دائىرىسى كەڭ بولۇشتەك ئەمەلىيىتىگە قارىتا، خىزمەت ئەترىتى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى قىلىپ، تەشۋىقات، تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكلەش، ئىش ئورنى بىلەن ئالاقىلىشىش قاتارلىق كۆپ خىل تەدبىرلەر ئارقىلىق، نامراتلارنىڭ كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىشىگە، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.
خىزمەت ئەترىتى دېھقانلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى چىقىش نۇقتىسى، دېھقانلارنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلىپ، دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلىنى پائال تەڭشەپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش بىلەن ئەمەلىيەت داۋامىدا چېنىقىشنى بىرلەشتۈرۈش، سىياسەت ئۆگىنىش بىلەن ئەمەلىي ماھارەت ئۆگىنىشنى، دۆلەت ئورتاق تىلى ئۆگىنىش بىلەن ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۆگىنىشنى بىرلەشتۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى خاس كەسىپ، خاس تېرىقچىلىق، خاس باقمىچىلىق ۋە ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىغا مېڭىشىغا ياردەم بەردى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، خىزمەت ئەترىتى مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، نامراتلارنى يۆلەشنى ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ماھارەت تەربىيەسىنى دەرسخانىدىن ئېتىز-ئېرىق بېشى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھويلىسىغا كۆچۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆز قەرەلىدە تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلدى؛ دېھقانلار كەچلىك مەكتىپى، ئۆيمۇئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش قاتارلىق پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ، ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش ۋە تەشۋىقات-تەربىيە سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «ساقلاش، تايىنىش، ئېلىش» ئىدىيەسىنى تۈگىتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغاپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت بۇ جەڭگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلاندى.