تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

ئېچىۋېتىشنىڭ يۇقىرى پەللىسى، كەسىپلەر يېڭى شەھىرى

— سانجى دۆلەتلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدا كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرىمىز

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن، سانجى مۇخبىرلار پونكىتىدىن ليۇ شى

  بۇ، ئېچىۋېتىشنىڭ يۇقىرى پەللىسى، بۇ، كەسىپلەر يېڭى شەھىرى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سانجى دۆلەتلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى قۇرۇشنى نىشان قىلىپ، كەسىپلەرنى توپلاشتۇرۇش، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېز ئالغا سىلجىتتى. بىر قاتار يېپيېڭى ئىقتىدارلارنىڭ تۈرتكىسىدە، كېڭىيىش كۈچى يېتەرلىك بولغان، يېڭىلىق يارىتىپ ئىلگىرىلىگەن كەسىپلەر رايونى تەدرىجىي شەكىللەندى، سانجى دۆلەتلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى كەسىپلەرنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ راۋاجلىنىدىغان مۇنبەت تۇپرىقىغا ئايلاندى.

  كەسىپلەر تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يۇقىرى پەللىسىنى يارىتىش

  9-ئاينىڭ 25-كۈنى، سانجى دۆلەتلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ تىرانسفورموتور زاۋۇتى پەۋقۇلئاددە يۇقىرى بېسىملىق ئىشلەپچىقىرىش مەركىزىنىڭ سىم ئوراش سېخىدا، ئىشچىلار ئانگولا، ئېفىيوپىيەگە ئېكسپورت قىلىنىدىغان تىرانسفورموتورلارنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. تېخنىك جاڭ گويۈن بېشىغا كۆك رەڭلىك بىخەتەرلىك قالپىقى كىيىپ، بىر قولىدا قول چىراغ تۇتۇپ، بىر قولىدا يۆگىمە مېتىرنى كۆتۈرگىنىچە، سىم ئوراش قوزىقىنى ئايلىنىپ ئىنچىكە تەكشۈرۈۋاتاتتى.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى گەۋدىلىك تۆھپىسى بار يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىختىساس ئىگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جاڭ گويۈننىڭ ئۆزىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىشخانىسى بار ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: يېڭىلىق يارىتىش ئىشخانىمىزدا ‹‹يۇقىرى كۈچلۈكلۈكتىكى ئۆتكۈزگۈچ سىم›› تۈرىنى تەتقىق قىلىۋاتىمىز، بۇ تۈر ئەڭ ئاخىرقى تەجرىبە باسقۇچىغا كىردى، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن ھەر بىر تىرانسفورموتوردىن 10 مىڭ يۈەنگە يېقىن تەننەرخنى تېجەپ قېلىشتىن ئۈمىد بار.

  ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى پەن-تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ باش نازارەتچى ياردەمچىسى تيەن شىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتىمىز دۇنياۋى نەزەر بىلەن پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەر يىلى سېتىش كىرىمىنىڭ تەخمىنەن %4 ىنى ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش سېلىنمىسى قىلىپ، دۇنيا ئەقىل – پاراسىتىنى توپلاپ، ئوچۇق، ماس پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى.

  بىز سانجى دۆلەتلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىغا كىرگىنىمىزدە، ھەممىلا جايدىكى جۇشقۇنلۇق، قاينام – تاشقىنلىققا تولغان كەيپىياتتىن تەسىرلەندۇق. تەرەققىيات رايونىنىڭ ھەر يىلى سودىگەر-مەبلەغ جەلپ قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرگەن مەبلىغى 20 مىليارد يۈەندىن كۆپ ئىكەن، مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى تېز سۈرئەتتە ئاشقان بولۇپ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %32.2 ئېشىپتۇ. ھازىر، بۇ يەرگە 835 كارخانا ماكانلاشقان بولۇپ، ئالاھىدە تىرانسفورموتور پەن – تېخنىكا شەھىرى، تەكشۈرۈش – ئۆلچەش – بېكىتىش كەسىپلەر رايونى، پەن – تېخنىكا ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش شەھەرچىسى، لەنشەن تۈنخې يېڭى ماتېرىيال كەسىپلەر رايونى، جۇڭگو ئاشلىقى تۈنخې شىنجاڭ شوخلا كەسىپلىرى تەتقىقات مەركىزى، مەيچۈئېر ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقات ئورنى قاتارلىق يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى نۇقتىلىق تۈرىدىن ئونى بۇ يەرگە ماكانلىشىپتۇ.

  ئوچۇق ئىقتىساد ئارقىلىق ‹‹تېز سۈرئەت›› يارىتىش

  9-ئاينىڭ 26-كۈنى، شىنجاڭ شىنلۈي ئاليۇمىنچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن دىرېكتورى شيۇڭ يۇڭ زاۋۇت رايونى دەرۋازىسى ئالدىدا تۇرۇپ، يېقىن جايدىكى زاۋۇتنى كۆرسەتكىنىچە تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ‹‹كارخانىمىز سانجى دۆلەتلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىغا ماكانلاشقاندىن بۇيان، كەسىپلەر زەنجىرىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى شەرقىي جۇڭغاردىن ئىبارەت بۇ خام ئەشيا مول كان ياتمىسىغا تاياندۇق، شۇنىڭ بىلەن بىللە كەسىپلەر رايونى توك، تەبىئىي گاز ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئېتىبار سىياسەتلەرنى بەردى، بۇ شۈبھىسىزكى، كارخانىنىڭ تەرەققىياتىنى ياخشى سۇپىغا ئىگە قىلدى››. شىنجاڭ شىنلۈي ئاليۇمىنچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاساسلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قۇرۇلۇش ئاليۇمىن ماتېرىيالى ۋە ئەينەك ئېكرانلىق تام قاتارلىقلار بار ئىكەن. نۆۋەتتە، شىركەت مەھسۇلاتلىرى قازاقىستانغا سېتىلىپ، ھەر يىللىق ئېكسپورت مىقدارى 1200 توننىدىن ئېشىپ، 30 مىليون يۈەندىن كۆپ مەھسۇلات قىممىتى يارىتىلىۋېتىپتۇ.

  بەش يىل ئىلگىرى، فۇجيەن خېڭئەن گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ بۇ يەرگە ماكانلاشقان بولۇپ، دۆلەتنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى شەرق شامىلىنىڭ تۈرتكىسىدە، كارخانا تېز تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. خېڭئەن(سانجى)قەغەزچىلىك چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ‹‹شىنشياڭيىن›› ئالىي دەرىجىلىك تۇرمۇش قەغىزىنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق، بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئايلىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 200 مىڭ يەشىكتىن كۆپ بولسىمۇ، يەنىلا ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدىكەن.

  خېڭئەن(سانجى)قەغەزچىلىك چەكلىك شىركىتى ھەر يىلى 20 مىڭ توننا ئەتراپىدا قەغەز بوتقىسىغا ئېھتىياجلىق بولۇپ، ئىلگىرى رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلەپچىقىرىپ تەمىنلىگەن قىسقا تالالىق قەغەز بوتقىسى تاختىيىنى خۇنەن، چۇڭچىڭغا ئەۋەتىپ قەغەز قىلىپ ياسىتىپ، ئاندىن يەنە خۇنەن، چۇڭچىڭدىن پىششىقلانمىغان قەغەزنى شىنجاڭغا قايتۇرۇپ كېلىپ قايتا ئىنچىكە پىششىقلايتتى، بىر توننا قەغەز بوتقىسىنىڭ ئەشيا ئوبوروت تەننەرخى تەخمىنەن مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان بولۇپ، 20 مىڭ توننا قەغەز بوتقىسىنىڭ ئەشيا ئوبوروت تەننەرخى 20 مىليون يۈەن ئېشىپ كېتەتتى. ھازىر شىركەت ئالاتاۋ پورتى ئارقىلىق رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيادىن شىنجاڭغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلىدىغان تەمىنلەش لىنىيەسىدىن پايدىلانغاچقا، بىر توننا قەغەز بوتقىسىنىڭ ئەشيا ئوبوروت تەننەرخى ئارانلا 200 يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، قەغەز بوتقىسى ۋە پىششىقلانمىغان قەغەزنىڭ تىرانسپورت تەننەرخى زور دەرىجىدە تېجىلىپتۇ. خېڭئەن (سانجى) قەغەزچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ليۇ چۈەنخۇي مۇنداق دېدى: بۇ يىلنىڭ ئاخىرى، شىركىتىمىز قازاقىستاندا زاۋۇت قۇرۇپ، ئاساسلىقى سالفىتكا قەغىزى ۋە قەغەز قول ياغلىق قاتارلىق تۇرمۇشقا ئىشلىتىلىدىغان ئەلا سۈپەتلىك قەغەز مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلاۋاتىدۇ.

  بۇ ئىككى كۈندە، شىنجاڭ شياۋچۇ يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى قىرغىزىستانغا سېتىلىدىغان 60 توننا تېتىتقۇنى ئالدىراش پىششىقلاۋاتاتتى. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› پۇرسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، بۇ شىركەت ئىشلەپچىقارغان يەتتە خىل تېتىتقۇ يۈرۈشلۈكىنىڭ يۈز نەچچە تۈرلۈك مەھسۇلاتى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە سېتىلغان. بۇلتۇر مەھسۇلات مىقدارى 4600 توننىدىن ئېشىپ، مەھسۇلات قىممىتى 180 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

  سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى سوئالىغا جاۋاب بېرىش

  ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەش يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ‹‹سىرتقا چىقىش››ىدىكى باشلامچىلارنىڭ بىرى بولغان ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى دۇنياغا چوڭقۇر سىڭىشىپ، ھازىر دۇنيا بويىچە 100دىن ئارتۇق ئىش بېجىرىش ئورنى تەسس قىلدى، مەھسۇلاتلىرى ئامېرىكا، ھىندىستان، رۇسىيە، بىرازىلىيە قاتارلىق 70نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا كىردى؛ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 30 نەچچە دۆلەتنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەپ لايىھەلەش، قۇرۇلۇش قىلىش، ئۈسكۈنە بىلەن تەمىنلەش، قۇراشتۇرۇپ تەڭشەش، ئىشلىتىش جەريانىدىكى ئاسراش، تەربىيەلەش مۇلازىمىتى قاتارلىق تۈرلەرنى قاپلىغان بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ھەل قىلىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى. بۇ ئومۇمىي ھۆددىگەرلىك تۈرلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى، 5 مىليارد دوللارلىق جۇڭگو ماشىنىسازلىق-ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىش، نەچچە ئون مىڭ كىشىلىك ئەمگەكچى چىقىرىشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ رىقابەت كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇردى.

  تەرەققىيات رايونى ئىمپورت-ئېكسپورت كەسىپلىرى توپلانما رايونىنى پائال بەرپا قىلىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى ياراتتى. بۇ يىل سانجى دۆلەتلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدىكى پەن-تېخنىكا كوچىسىغا جايلاشقان شىنجاڭ ئەنگېرۈي شوخلا كەسىپلىرى مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى ياۋروپا، ئافرىقا، شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى قاتارلىق خەلقئارا بازارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىپ، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى شوخلا قىيامى ئېكسپورتى 10 مىليون دوللاردىن ئاشقان 2 – كارخانىغا ئايلاندى.

  بۇ يىل 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، سانجى ئوبلاستىدىكى ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنى باشلامچى قىلغان ئىمپورت-ئېكسپورت كارخانىلىرى چېگرا سىرتىغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى زورايتتى، بۇنىڭ بىلەن سىرتقا يۈزلەنگەن قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىكىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %282كە يېتىپ، ئىمپورت – ئېكسپورت سوممىسى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ سىرتقا يۈزلەنگەن قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىكىنىڭ %47ىنى ئىگىلىدى. بەش يىلدىن بۇيان، سانجى دۆلەتلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىغا ماكانلاشقان ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو ئاشلىقى تۈنخې گۇرۇھى، لەنشەن تۈنخې قاتارلىق تايانچ كارخانىلار جەمئىي 2 مىليارد 300 مىليون دوللارلىق ئىمپورت-ئېكسپورتنى تاماملىدى.

  سانجى دۆلەتلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ شياۋۋېي مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە، تەرەققىيات رايونى يېڭىلىق يارىتىشچان كارخانىلارنى سىياسەت، مەبلەغ، سۇپا قاتارلىق جەھەتلەردىن داۋاملىق قوللاپ، پەن-تېخنىكا تىپىدىكى يېڭىلىق يارىتىش كارخانىلىرىنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ سىرتقا چىقىپ، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى