تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش شىنجاڭنىڭ مائارىپ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى

6-ئاينىڭ 13-كۈنى،  تيەنجىن سىفەن داشۆسىنىڭ مائارىپقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن ئوقۇغۇچىسى جاڭ شىن كېرىيە ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ باشلانغۇچ بۆلۈمىنىڭ ئوقۇغۇچىسىغا دەرس تەكرار قىلىپ بەرمەكتە. (فا يۈ فوتوسى)

9-ئاينىڭ 1-كۈنى، خوتەن شەھىرىدىكى بېيجىڭ خەيديەن باشلانغۇچ مەكتىپى (يەسلىسى) دە ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە. (ۋاڭ روخۇڭ فوتوسى)

    شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى. مائارىپ خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەڭ چوڭ ئىش، قەلبلەرنى ياشارتىدىغان كەسىپ.

    «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى» دىكى مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يېڭى ئەندىزىسىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر مەكتەپ، سىنىپلارنى ۋەكالىتەن باشقۇرۇپ، ياردەمگە ئېرىشكەن جايلارنىڭ مائارىپ سەۋىيەسى ۋە سۈپىتىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈردى.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى مائارىپ ئاساسى نىسبەتەن ئاجىز بولغان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا قارىتىلدى، مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرى يەسلى، مەكتەپ، تەجرىبىخانا، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش مەركىزى قۇرۇش قاتارلىقلارغا چېتىلدى.

      بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق تۆت مىنىستىرلىق «ئونمىڭ ئوقۇتقۇچى شىزاڭ، شىنجاڭنىڭ مائارىپىغا ياردەم بېرىش پىلانى» نى قوزغاتتى، بۇ يىل شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەر بۇ پىلانغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، جەمئىي 3180 دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچىنى شىنجاڭنىڭ مائارىپىغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى