تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئائىلە ئايالىدىن كارخانا ئىگىسىگىچە

  شىنجاڭ گېزىتىنىڭ سانجى مۇخبىرلار پونكىتىدىن ليۇ چيەن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ياڭ چيەن

  ۋاڭ يەنمىن 12 يىل ئىلگىرى ئادەتتىكى بىر دېھقان بولۇپ، ئېرى بىلەن بىللە ئىشلەمچىلىك قىلىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى؛ 12 يىلدىن كېيىن ئۇ ئىككى شىركىتى، بىر ھەمكارلىق كوپىراتىپى بار، 1000 دىن ئارتۇق دېھقان – چارۋىچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ئىگىلىك تىكلەش چولپىنىغا ئايلاندى.

  بۇ يىل 45 ياشقا كىرگەن ۋاڭ يەنمىن مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى ‹‹پېڭفېي›› ئەمگەكچى چىقىرىش شىركىتى، مورى ‹‹ئالتۇن بارماق›› ئۆي – زېمىن مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، يەنە مورى ‹‹رۇڭتو›› چىغ سۈپۈرگە ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى.

  مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى جاۋبىشەن يېزىسىنىڭ خېبايەن كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ۋاڭ يەنمىن كەمسۆز، كىشىگە ئېغىر – بېسىق، ئىشچان تەسىر بېرىدىغان ئايال.

  ۋاڭ يەنمىن 2006 – يىلىدىن ئىلگىرى ئوچاق بېشىدىلا چۈرگىلەپ يۈرۈيدىغان ئائىلە ئايالى بولۇپ، ئائىلىسىنى بىر نەچچە مو يەر، ئىشلەمچىلىك قىلىپ تاپقان ئازغىنە پۇلغا تايىنىپ باقاتتى. ئۆمۈر بويى نامرات ئۆتۈشكە تەن بەرمىگەن ۋاڭ يەنمىندە سىرتقا چىقىپ ئىگىلىك تىكلەش ئويى پەيدا بولدى.

  ۋاڭ يەنمىن مۇنداق دېدى: گۇچۇڭ ناھىيەسىدە ئەمگەكچى قىس ئىكەنلىكىنى بايقىدىم، مورىدا نۇرغۇن ئارتۇق ئەمگەكچى ئىش تاپالماي بىكار يۈرەتتى، شۇنىڭ بىلەن مەندە ئەمگەكچى چىقىرىش قوشۇنى قۇرۇش ئويى تۇغۇلدى.

  ۋاڭ يەنمىن 2006 – يىلى 5 – ئايدا ئەتراپىدىكى 50 نەچچە ئارتۇق ئەمگەكچىنى تەشكىللەپ، دېھقان ئىشلەمچىلەر ئەترىتى قۇرۇپ، ئۇلارنى ھەرقايسى يېزا – بازار، تۈەن – مەيدان، قوشنا ناھىيەلەرگە ئىشلەمچىلىك قىلىپ كىرىم قىلىشقا ئەۋەتتى، شۇ يىلى ئۇلار 350 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى. بۇنىڭدىن ئىلھام ئالغان ۋاڭ يەنمىننىڭ ئىشلىرىنى زورايتىش ئىشەنچى، غەيرىتى ئاشتى، تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇ ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قوللىشى ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى.

  ۋاڭ يەنمىنگە ئەگىشىپ ئىشلەمچىلىك قىلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى، ئىشلەمچىلەر ئەترىتىدىكىلەر نەچچە ئون كىشىدىن كۆپىيىپ نەچچە يۈز كىشىگە يېتىپ، 2007 – يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا 1 مىليون 160 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى. 2007 – يىلى 4 – ئايدا ۋاڭ يەنمىن مەبلەغ توپلاپ بىر ئايروبۇس سېتىۋېلىپ، مەخسۇس ئىشچىلارنى توشىدى.

  ۋاڭ يەنمىن 2008 – يىلى ‹‹پېڭفېي›› ئەمگەكچى چىقىرىش شىركىتىنى قۇردى. 2010 – يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا بۇ شىركەت يۆتكىگەن ئارتۇق ئەمگەكچى 15 مىڭ(قېتىم)گە يېتىپ، 2 مىليون 600 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلدى.

  ۋاڭ يەنمىن ئىزچىل يۇرتى خېبايەن كەنتىگە بىرەر ئىش قىلىپ بېرىشنى ئويلاپ كەلگەنىدى.

  خېبايەن كەنتىدە 185 ئائىلە بار بولۇپ، بۇنىڭ 30ى نامرات ئائىلە ئىدى. سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە خېبايەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى 2017 – يىلى كەنتتىكى %60 ئاھالىنىڭ تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىققا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقى، 32 ئائىلىدىكى ياش، قىران ئەمگەكچىنىڭ دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال ۋاقىتلىرىدا سىرتقا چىقىپ ئىشلەش ئويى بولسىمۇ، ئائىلىسىدىن خاتىرجەم بولالمايۋاتقانلىقىنى ئىگىلىدى. بۇنىڭدىن باشقا، كەنتنىڭ ھەممە يېرىدە چىغ بولۇپ، %70 كەنت ئاھالىسى سۈپۈرگە بوغۇشنى بىلەتتى.

  ۋاڭ يەنمىن خېبايەن كەنتىدە چىغ سۈپۈرگە زاۋۇتى قۇردى، خىزمەت ئەترىتى كەنت ‹‹ئىككى كومېتىتى›› بىلەن بىرلىشىپ، ۋاڭ يەنمىن بىلەن ئەمگەكچى چىقىرىش توختامى تۈزۈپ، كەنتتىكى 20 ياشنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. ۋاڭ يەنمىن كەنتتىكى ھەربىر ئىشچىغا جىسمانىي زەخىملىنىش سۇغۇرتىسى ئېلىپ بەردى، ۋاڭ يەنمىن ئىشچىلارغا: ئۈندىدار ئارقىلىق خىزمەت ئۇقۇشساڭلار بولىدۇ، شىركىتىمىز ئاپتوموبىلدا ئاپىرىپ – ئەكىلىدۇ، ئىش ھەققى كۈن بويىچە ھېسابلىنىدۇ، يېرىم كۈن ۋاقتىڭلار بولسىمۇ، قىلىدىغانغا ئىش چىقىدۇ، دېدى.

  ۋاڭ يەنمىن 2016 –، 2017 – يىللىرى 1 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىپ، مورى ‹‹ئالتۇن بارماق›› ئۆي – زېمىن مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى ۋە مورى ‹‹رۇڭتو›› چىغ سۈپۈرگە ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ، كەنت ۋە ناھىيەدىكى قىيىنچىلىقى بار 150 دىن كۆپرەك كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

  ۋاڭ يەنمىن 12 يىلدىن بۇيان ئىگىلىك تىكلەشتە زور ئىلگىرىلىدى، ئۇنىڭ ئارزۇسى تېخىمۇ قاناتلاندى. ۋاڭ يەنمىن مۇنداق دېدى: ئۆي – زېمىن مۇلازىمەت شىركىتىنى يەنىمۇ روناق تاپقۇزۇپ، ئاھالىلەرگە ياخشى مۇلازىمەت قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • خەينەن سەنيا: تيەنياخەيجياۋنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
  • قومۇل شەھىرى: لوپنۇر كۆلى كالىيلىق تۇز كانىدىكى تۇز كاندۇكلىرى سۈرەتتەك تۈسكە كىردى
  • قىش ئايلىرىدىكى سۈرەتتەك گۈزەل قابا
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى