تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

خېجىڭ ناھىيەسى: ھويلا-ئاران كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى «گۆھەر جاي»غا ئايلاندى

  «بۇ پارنىكىمدىن 4 توننا ئەتراپىدا يوۋبەسەي چىقىدۇ، مۆلچەرىمچە، يەنە بىر ھەپتە ئۆتسىلا بازارغا سالغىلى بولىدۇ، بازاردىكى توپ سېتىش باھاسى بويىچە ھەر كىلوگىرامىنى ئۈچ يۈەندىن ھېسابلىغاندا، ئومۇمىي كىرىم 12 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ.» 4-ئاينىڭ 16-كۈنى، خېجىڭ ناھىيەسى خېجىڭ بازىرى چاغانتوڭگۇ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ۋاڭ ئەيجۈن پارنىكتا ياۋا ئوت-چۆپلەرنى يۇلغاچ خۇشال ھالدا شۇنداق دېدى.

  ۋاڭ ئەيجۈن ئەسلىدە كەنتتىكى نۇقتىلىق يۆلەش ئوبيېكتى ئىدى. ئۇنىڭ ھويلىسىنىڭ كۆلىمى چوڭراق بولسىمۇ، لېكىن يېرىم تاشلاندۇق ھالەتتە بولۇپ، ئۆزى تەرەپ-تەرەپتە ئىشلەمچىلىك قىلىپ بىر ئائىلىنىڭ تۇرمۇشىنى قامدايتتى، ئايالىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولمىغانلىقتىن، كۈنلىرى جاپالىق ئىدى. 2018-يىلى، خېجىڭ ناھىيەلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، ۋاڭ ئەيجۈن ھويلىسىغا تەخمىنەن 7 پۇڭ چوڭلۇقتىكى بىر پارنىك قۇردى ھەمدە سىناق تەرىقىسىىدە قول سېلىپ يوۋبەسەي تېرىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، چاغانتوڭگۇ كەنتىدە ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولۇپ، چەكلىك يەردىن ئەڭ زور ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى يەرلەرنى تۈزەش، ئېتىزلارنى چاسا قىلىش، يوللارنى تۇتاشتۇرۇش، ئۆستەڭلەرنى تۇتاشتۇرۇش، دەرەخلەرنى رەتلەش ئارقىلىق ئۈنۈملۈك تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنى ئاشۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن، كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشىك ئالدىدىكى قالدۇرۇق يەرلەرنى پارنىك قىلىپ ئۆزگەرتىپ، ۋاقىت پەرقىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىلغان زىرائەتلەرنى ياخشى باھادا سېتىشقا سەپەرۋەر قىلدى.

  كەنتنىڭ 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى تۇرغۇن قاسىم مۇنداق دېدى: ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، پارنىك كۆكتاتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ۋە ئىستىقبالى زور، ئەگەر كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى ھويلا-ئارانلىرىنى ياخشى پىلانلاپ، ياخشى پايدىلانسا، ھويلا-ئاران تامامەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى «گۆھەر جاي»غا ئايلىنىدۇ. (بايىنغولىن ئوبلاستلىق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش»بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىشخانىسىدىن تاڭ يۈ، ۋېي ليەنشياڭ خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ