تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

تاغ - دەريالار ئارا ئۇسسۇلغا چۈشۈش  پۈتۈن رايون ساياھىتى ئارزۇسىغا ئىنتىلىش

ــــ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن، سانجى مۇخبىرلار پونكىتىدىن ليۇ چيەن

  بۇ يەردە ئېتىز - دالا، خۇش پۇراق گۈللەر بار، ھەم كۆكتىكى ئوتلاق، زېمىندىكى ياۋچى كۆلى بار؛ بۇ يەردە تەبىئىي خاس مەنزىرە بىلەن ئىجتىھاتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆزئارا جۇلالىنىپ، بايلىق تەبىئىي شارائىتى بىلەن مەدەنىيەت ئاساسى يۇغۇرۇلۇپ، تىڭجوۋنىڭ گۈزەللىكى چەكسىز سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

  سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى دۆلەتلىك پۈتۈن رايون ساياھىتى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇشنى نىشان قىلىپ، شىنجاڭدىكى ئىستىراھەت - ئارام ئېلىشتا ئالدىن تاللايدىغان جاي، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى ساياھەت كەسپى جۇغلاشقان رايوننى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

  «ساياھەت +» ئارقىلىق پۈتۈن رايون كەسىپ زەنجىرىنى قايتا بەرپا قىلىش

  شىنجاڭدىكى تۇنجى تۈركۈمدە دۆلەت پۈتۈن رايون ساياھىتى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىش قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سانجى ئوبلاستى پۈتۈن كەسىپلەر زەنجىرى، پۈتۈن ئامىللارنى چۆرىدەپ، ساياھەتچىلىك كەسپىنى سەرخىللاشتۇرۇش، كۈچەيتىشنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتتى.

  6- ئاينىڭ 2- كۈنى، ماناس دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسىغا كىرگەندە، يىراققا سوزۇلغان ئەگرى - بۈگرى ياغاچ يول كۆزگە چېلىقاتتى، سۈپسۈزۈك سۇدا قومۇشلار شىلدىرلايتتى، ئۇقارلار پەرۋاز قىلاتتى، ئېگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان قۇش تاماشا قىلىش مۇنارى قۇش تاماشا قىلىش، مەنزىرە كۆرۈش ئۈچۈن كەلگەن ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولغانىدى. ماناس دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسى دۇنيادىكى پەسىل قۇشلىرىنىڭ 3- نومۇرلۇق كۆچۈش لىنىيەسىدىكى مۇھىم ماكانلىشىدىغان جايلارنىڭ بىرى بولۇپ، ھەريىلى نەچچە مىليون پەسىل قۇشى بۇ يەردە ئارام ئالىدۇ.

  بۇ يىلنىڭ 1- پەسلىدە، تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى «تىيانشاندىكى بوغدا كۆلىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىش . ۋۇجياڭ ھەقىقىي <سېلىن> ئارشىڭىغا چۈشۈش» قاتارلىق مەدەنىيەت - ساياھەت باش تېما پائالىيەتلىرىنى يولغا قويدى. بىر روشەن ئالاھىدىلىك شۇكى، شىنجاڭنىڭ سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى ساياھەتچىلەر ئومۇمىي سانىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكنى ئىگىلەپ، سانجى ئوبلاستىدىكى نۇقتىلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

  «بۇ يىل 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، سانجى ئوبلاستى <يىپەك يولىدىكى تىڭجوۋدا كاتتا مەرىكە · سانجى ھەپتە ئاخىرى شادلىق ساياھىتى> پائالىيىتى يولغا قويۇلدى، پۈتۈن يىلدا جەمئىي 80 نەچچە تۈرلۈك بايرام پائالىيىتى ئوتتۇرىغا چىقىرىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ھەپتە ئاخىرىدىكى ئىستىراھەت ساياھەت ئېھتىياجى قاندۇرۇلىدۇ» دەپ تونۇشتۇردى سانجى ئوبلاستلىق مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ زىبىن.

  «ساياھەت+»نى چۆرىدەپ، نۆۋەتتە سانجى ئوبلاستىنىڭ ساياھەتچىلىكى ئەنئەنىۋى ساياھەت كەسىپ ھالىتىدىن مەنزىرە بىلەن شەھەر بىر گەۋدىلىشىش، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن كەسىپ بىر گەۋدىلىشىش، شەھەر بىلەن يېزا بىر گەۋدىلىشىشتەك پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يۈزلىنىپ، پۈتۈن رايون بويىچە ئورتاق بەرپا قىلىنىدىغان، پۈتۈن رايون بويىچە ئورتاق يۇغۇرۇلىدىغان، پۈتۈن رايون بويىچە ئورتاق بەھرىلىنىلىدىغان ساياھەتچىلىك تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلىنماقتا.

  ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيىتىدىن باشقا، سانجى ئوبلاستى بۇ يىل يەنە «ساياھەت + يېزا ئىگىلىكى» «ساياھەت + يېزا - كەنت» «ساياھەت+سانائەت» «ساياھەت + مەدەنىيەت - تەنتەربىيە» قاتارلىق كەسىپلەر يۇغۇرما ساياھەت يېڭى كەسىپ ھالىتىنى نۇقتىلىق يولغا قويۇپ، پۈتۈن رايون ساياھىتى يېڭى ئېكولوگىيە چەمبىرىكى بەرپا قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، «ساياھەت+يېزا ئىگىلىكى»نىڭ كەسىپ ھالىتى ئورۇنلاشتۇرۇشىدا، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ شىجىر بازىرى قاتارلىق 20 خاس ساياھەتچىلىك يېزا - بازىرىنىڭ سۈپىتى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلۈۋاتىدۇ.

  يېڭى كەسىپ ھالىتى سانجى ئوبلاستىنىڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ يىل 1- ئايدىن 4- ئايغىچە، سانجى ئوبلاستى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 5 مىليون 60 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40 ئاشتى، ساياھەت كىرىمى 9 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %39.8 ئاشتى.

  سەرخىل ساياھەت بەرپا قىلىش     سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش

  4- ئاينىڭ 28- كۈنى، ئەتىگەنكى قۇياشنىڭ شەپەق نۇرىدا، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ ئەرشىلدەن بازىرى ئەرشىلدەن كەنتىدىكى 1000 مو يەردىكى تاش ئالما چېچىكى خۇددى چوغدەك جۇلالىناتتى. شۇ كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ 4- نۆۋەتلىك تاش ئالما چېچىكى ۋە يېزا - كەنت مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى بۇ يەردە باشلىنىپ، سانجى ئوبلاستىنىڭ «چېچەك سەيلىسى خەرىتىسى»نىڭ بىر بۇرجىكىنى يورۇتتى.

  سانجى ئوبلاستى سەرخىل مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىسى ۋە سەرخىل ساياھەت پائالىيىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ «قاتتىق ئەمەلىي كۈچى»نى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى، ساياھەتچىلىكنىڭ سۈپىتى سىجىل ئاشتى.

  ھاۋانى تۇمان قاپلاپ، باھار يامغۇرى يېغىۋاتاتتى، گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ جامبۇلاق مەنزىرە رايونىدىكى رەتلىك پەلەمپەيسىمان بۇغداي ئېتىزلىرى تاغ - دەريا رەسىمىنى ھاسىل قىلغانىدى. 5- ئاينىڭ 1- كۈنى، جامبۇلاق مەنزىرە رايونى «تىيانشاندا بۇغداي تېرىش، تېرىقچىلىق مەدەنىيلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش» يۈرۈشلۈك ساياھەت پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، بۇنىڭ ئىچىدە، يەر ھەيدەش بايرىمى نەچچە مىڭ ساياھەتچىنى ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىدىن ھۇزۇرلىنىشقا جەلپ قىلدى.

  سانجى ئوبلاستىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، «سەرخىل مەنزىرە» گۈزەللىك بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ساياھەتچىلىككە مۇناسىۋەتلىك خەلقنى بېيىتىش كەسىپ زەنجىرلىرىنى تېخىمۇ ئۇزارتتى. نۆۋەتتە، سانجى ئوبلاستىدا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يۇلتۇزلۇق دېھقانلار ئارامگاھىدىن 146سى، يېزا - كەنت ساياھىتى پۇقراۋى قونالغۇدىن 165ى قۇرۇلۇپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى.

  بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالماي، سانجى ئوبلاستى يەنە ساياھەت سەرخىل تۈر قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتماقتا.

  بۇلتۇر، سانجى ئوبلاستى ساياھەتكە مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، 15 پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، 46 مىليارد يۈەن ئىناۋەت مەبلىغىگە ئېرىشىپ، ساياھەت سەرخىل تۈرى قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشتى. بۇ يىل، 23 ساياھەت يېڭى قۇرۇلۇش تۈرى، 15 داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرىنى يولغا قويىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، سانجى ئوبلاستى بۇ يىل تىيانشان يۈز چاقىرىملىق دەنشيا مەنزىرە رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش يىرىك پىلانى، سانجى ئوبلاستىنىڭ يېزا - كەنت ساياھىتىنى راۋاجلاندۇرۇش يىرىك پىلانى قاتارلىقلارنى تاماملاپ، نۇقتىلىق ھالدا تىيانشان يۈز چاقىرىملىق دەنشيا مەنزىرە رايونى، مورى تىيانشان يېزا ئىگىلىك باغچىسى ئائىلە ئاپتوموبىل ساياھىتى ئايلانما لىنىيەسى قاتارلىق تۈرلەرنى بەرپا قىلىدۇ ھەم زور كۈچ بىلەن ئون تۈرلۈك ساياھەت كەسىپ ھالىتى، 50 ساياھەت سۈپەتلىك ماركىسىنى يېتىشتۈرۈپ، سەرخىل مەھسۇلات قۇرۇلۇشى ئارقىلىق پۈتۈن ئوبلاستنىڭ پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  «بۇ يىل سانجى ئوبلاستى ساياھەتچىلىكتە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىنى 41 مىليون 340 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكۈزۈپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %43 ئاشۇرۇشنى؛ ساياھەت كىرىمىنى 98 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %100 ئاشۇرۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدۇ» دېدى جاڭ زىبىن.

  «ماركىتېڭ قارتىسى»نى ياخشى ئويناش     جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش

  ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھەم ياخشى مەنزىرە رايونى، ياخشى مەنزىرە نۇقتىسى ۋە ياخشى پائالىيەتلەرنى بەرپا قىلىش، تېخىمۇ مۇھىمى «ماركىتېڭ قارتىسى»نى ياخشى ئويناپ، ساياھەتچىلەرنى كېلىپ ھۇزۇرلىنىشقا تېخىمۇ ياخشى جەلپ قىلىش كېرەك.

  بۇ يىلنىڭ بېشىدا، جىمىسار ناھىيەسى تۇنجى نۆۋەتلىك «چاغانلىق مال سېتىۋېلىش بايرىمى» ئۆتكۈزدى، ئالاقىدار سىنلارنىڭ بۈگۈنكى باش خەۋەر قاتارلىق ھەرقايسى چوڭ تور بېكەتلىرىدىكى چېكىلىش قېتىم سانى 4 مىليون قېتىمدىن ئېشىپ، 16 كۈندە 2 مىليون 540 مىڭ يۈەن ساياھەت كىرىمى يارىتىلدى.

  5- ئاينىڭ 20- كۈنى، تۇنجى نۆۋەتلىك جامبۇلاق كۈركۈمگۈلى 20·5 رومانتىك سەپىرى يۈرۈشلۈك پائالىيىتىدە، دۆلەت ئىچى، شىنجاڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن تاراتقۇ مەنزىرە رايونىغا جەم بولۇپ تەشۋىق قىلىش، خەۋەر قىلىشقا تەكلىپ قىلىندى. بىردىنلا «جامبۇلاق» «كۈركۈمگۈلى» «20·5» قاتارلىقلار توردىكى ئاخبارات قىزىق سۆزىگە ئايلاندى.

  بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى تېڭشۈن بىلەن قول تۇتۇشۇپ، تېڭشۈن ئاقىل مەدەنىيەت - ساياھەت سۇپىسىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ھەمكارلىق مەنزىرە رايونىغا ئايلىنىپ، مەنزىرە رايونىنىڭ داڭقىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى ھەم مەنزىرە رايونىنىڭ باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلدى، كەسپىيلەشتۈردى. يېقىندا، گۇچۇڭ ناھىيەسى شېنجېن جىنشيۇ جۇڭخۇا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى، مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشى، تەشۋىقاتنى كېڭەيتىش، ماركىتېڭ پىلانلاش، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش، يېتەكلەش قاتارلىق جەھەتلەردە قول تۇتۇشۇپ ھەرتەرەپلىمە چوڭقۇر ھەمكارلىشىدۇ.

  بۇ بىرقانچە يىلدا، سانجى ئوبلاستى ساياھەت بازىرىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىپ، ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى سىجىل كۈچەيتىپ، بىر گەۋدىلەشكەن بىرلەشمە ماركىتېڭ تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىخەنزە شەھىرى، تۇرپان شەھىرى قاتارلىق جايلار بىلەن بولغان رايون ھالقىغان ساياھەت ھەمكارلىق مېخانىزمىنى چوڭقۇرلاشتۇردى. بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ سىرتىغا قارىتىلغان ساياھەت تەشۋىقاتى، تونۇشتۇرۇشنى سىجىل كۈچەيتىپ، تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ ساياھەت مەخسۇس پويىزى ۋە ساياھەت ھۆددە ئايروپىلانىنى قولغا كەلتۈردى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سانجى ئوبلاستى فۇجيەنلىك ساياھەتچىلەرنىڭ مۇھىم ساياھەت مەنزىلگاھىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. بۇلتۇر، فۇجيەندىن شىنجاڭغا كەلگەن ساياھەتچى 650 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش يېڭى تۈرىنى ئىلگىرى سۈردى، يىل ئىچىدە، فۇجيەنلىك ساياھەتچىلەر ساياھەت مەخسۇس پويىزى، ساياھەت ھۆددە ئايروپىلانى، ئائىلە ئاپتوموبىل ساياھىتى قاتارلىق شەكىلدە شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىدۇ.

  «سىرتقا سېتىش»نى يەنىمۇ كۈچەيتىش بىلەن بىللە، سانجى ئوبلاستىنىڭ ساياھەتچىلىكى يەنە «ئىچكى گۇمپا»نى جاپالىق مەشىق قىلماقتا.

  «بۇ يىل، سانجى ئوبلاستى مەنزىرە رايونلىرى ۋە ساياھەت لىنىيەلىرىدە يېڭىدىن 40 ئېكولوگىيەلىك ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، 60 خەۋەرلىشىش ئاساسىي پونكىتى، 20 ماي قاچىلاش پونكىتى قۇرۇپ، 300 ساياھەت ھاجەتخانىسىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇپ، ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش، ماي قاچىلاش قىيىن بولۇش، ھاجەتخانا تېپىش قىيىن بولۇش ۋە خەۋەرلىشىش سىگنالى راۋان بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك ئۇل ئەسلىھە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ساياھەت تۇيغۇسىنى ئۆستۈرىدۇ» دېدى جاڭ زىبىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى