تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش باھارىدا «بارچە گۈللەر» ھۈپپىدە ئېچىلدى

  مۇخبىرىمىز جاڭ شياۋيەن، پىراكتىكانت گاۋ تيەن

  «6- ئاينىڭ 20- كۈنى، شىنجاڭ بەيخۇاسۈن پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى رەسمىي جاكارلاندى. يىغىندا شىركەت نىزامنامىسى قاراپ چىقىلىپ ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى ھەم بېلەت تاشلاش ئارقىلىق شىركەت مۇدىرى، نازارەتچىسى سايلاپ چىقىلدى، شىركەتنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مۇدىرىيىتى ۋە نازارەتچىلىك كومىتېتى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلدى. شىركەتنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىپ سودىلىشىش تەكلىپ لايىھەسى ماقۇللاندى.» بۇ، 1996- يىلى 6- ئاينىڭ 21- كۈنىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 1- بېتىدە بېسىلغان «شىنجاڭ بەيخۇاسۈن پاي چەكلىك شىركىتى قۇرۇلدى» دېگەن خەۋەرنىڭ قىسمەن مەزمۇنى. خەۋەر ئېلان قىلىنىپ بەش كۈندىن كېيىن، يەنى 1996- يىلى 6- ئاينىڭ 26- كۈنى، شاڭخەي ئاكسىيە بېرژىسىنىڭ پاي سودىسى چوڭ ئېكرانىدا يېڭى پاي ۋاكالەت نومۇرى «600721» كۆرۈندى. بۇ پاي «بەيخۇاسۈن» دەپ ئاتالدى. شۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭنىڭ يېمەك- ئىچمەك كەسپىدىكى كونا كارخانا- شىنجاڭ بەيخۇاسۈن پاي چەكلىك شىركىتى «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى بويىچە پېيى بازارغا سېلىنغان تۇنجى كارخانا»غا ئايلاندى. شۇنىڭدىن باشلاپ، بەيخۇاسۈننىڭ «بارچە گۈللەر»ى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش باھارىدا ھۈپپىدە ئېچىلدى.

  1959- يىلى ئۈرۈمچىنىڭ ئاۋات يېرىدە چوڭ تىپتىكى يېمەك- ئىچمەك ئورنى قۇرۇلدى، بۇ جاي ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئېسىل تائاملىرىنىڭ ئۆزگىچە تىجارەت ئۇسلۇبىنى مۇجەسسەملىگەنلىكتىن، «بەيخۇاسۈن» دېگەن بۇ نام تېزلا تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا تارالدى.

  20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنىڭ باشلىرىدا، بەيخۇاسۈن مېھمانخانىسى بىناسى ئۈرۈمچىدە قەد كۆتۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىنكى ئۈرۈمچىنىڭ بەلگىسىگە ئايلاندى. بۇنى پۇرسەت قىلىپ، بەيخۇاسۈننىڭ كەسپىي تىجارەت دائىرىسىمۇ يېمەك- ئىچمەك مۇلازىمەتچىلىكىدىن سۈرەتچىلىك، سودا، مېھمانخانا قاتارلىق ساھەلەرگە كېڭەيدى.

  1983- يىلى 8- ئاينىڭ 11- كۈنىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 1- بېتىگە بېسىلغان «بەيخۇاسۈن مېھمانخانىسى پۈتتى» دېگەن خەۋەردە: شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن سالغان بەيخۇاسۈن مېھمانخانىسى 8- ئاينىڭ 10- كۈنى پۈتتى. مېھمانخانا يەر ئاستى ئۆيىنى قوشقاندا جەمئىي ئون قەۋەت بولۇپ، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدىكى ئەڭ ئېگىز بىنا ھېسابلىنىدۇ، دېيىلگەن.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش دولقۇنىغا ئۇيغۇنلىشىپ، بەيخۇاسۈننىڭ كارخانا ئىسلاھاتى دادىل يولغا قويۇلدى، بەيخۇاسۈن مېھمانخانىسىنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئىش ھەققى ئومۇمىي سوممىسى بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى چېتىش يولغا قويۇلۇپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ مەنپەئىتى كارخانىنىڭ ئۈنۈمى بىلەن باغلىنىپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپلىقى ئۈنۈملۈك قوزغىتىلدى.

  ئىسلاھات يېڭى كەيپىيات ئېلىپ كەلدى- شۇ يىلى 27 ياشلىق مۇلازىم لۇ چاڭرۈي مېھمانخانا ساراي بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا سايلاندى. ساراي بۆلۈمىدىكى 50 مۇلازىمەتچىنىڭ ھەممىسىگە توختاملىق ئىشچى تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، بىرتۇتاش ئىمتىھان ئېلىنىپ، ئەلالىرى تاللاپ قوبۇل قىلىندى. «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 1984- يىلى 7- ئاينىڭ 8- كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان «بەيخۇاسۈن مېھمانخانىسى ساراي بۆلۈمى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلدى» دېگەن تېمىدا مەخسۇس خەۋەر بېرىلگەن.

  20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا، ئىسلاھات بوران- چاپقۇنى تازا ئەۋجىگە چىقتى- يېڭى تىجارەت ئەندىزىسى ئورنىتىپ بازار ئىگىلىكى دولقۇنىدا ئۈزۈش بەيخۇاسۈنلىكلەرنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاللىشىغا ئايلاندى.

  2018- يىلى كۈزدە، ئىسلاھات بوران- چاپقۇنىنى باشتىن كەچۈرگەن شىركەتنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لۈ جېڭتيەن بىزگە مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا، مەملىكەت بويىچە پاي تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىش تېخى ئىزدىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، شىنجاڭدا تېخى بىرمۇ دۆلەت كارخانىسى پاي تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىشنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويمىغانىدى. لېكىن بىڭتۈەنلىكلەر باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىش جاسارىتى بىلەن قەتئىي ھالدا بەيخۇاسۈننى پاي تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىش ئىسلاھاتىغا قەدەم تاشلىدى.

  1993- يىلى، ئاپتونوم رايوندىكى تۇنجى تۈركۈمدە پاي تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلغان ئورۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ بەيخۇاسۈن پاي چەكلىك شىركىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەشكىللەندى. 1996- يىلى شىنجاڭ بەيخۇاسۈن پاي چەكلىك شىركىتى بىڭتۈەن بويىچە تۇنجى، شىنجاڭ بويىچە ئۈچىنچى بولۇپ پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتكە ئايلاندى.

  «شىنجاڭ بەيخۇاسۈن پاي چەكلىك شىركىتى بىڭتۈەن بويىچە پېيى بازارغا سېلىنغان تۇنجى شىركەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىڭتۈەندىكى دۆلەت كارخانىلىرى ئىچىدە پاي تۈزۈمىگە ئۆزگىرىپ ئاشكارا پاي تارقىتىشنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى.» بۇ، 1996- يىلى 5- ئاينىڭ 30- كۈنىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى»گە بېسىلغان «بىڭتۈەن بويىچە تۇنجى پاي- <بەيخۇاسۈن> پىيى بازارغا سېلىنىدۇ» دېگەن خەۋەردىكى مەزمۇن. بەيخۇاسۈن پېيىنىڭ بازارغا سېلىنىشى بىڭتۈەن كارخانىلىرىنىڭ تېخىمۇ كەڭ كاپىتال بازىرى ۋە تېخىمۇ زور كەسىپ بوشلۇقىدا تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدەنگەنلىكىدىن دېرەك بەردى، شۇنداقلا بۇ، بىڭتۈەننىڭ ئالاھىدە تۈزۈلمە بىلەن بازار مېخانىزمىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتقانلىقىنىڭ ئابىدىسى.

  ھالبۇكى، ئىسلاھات ئوڭۇشلۇق بولۇۋەرمەيدۇ، 1998- يىلىدىن 2000- يىلىغىچە، بەيخۇاسۈن يىلمۇيىل زىيان تارتتى، ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئاساسەن، 2000- يىلى 4- ئاينىڭ ئاخىرى پېيىنى بازارغا سېلىش ۋاقتىنچە توختىتىلدى.

  بەيخۇاسۈنلىكلەر ئۆتكەنكى قايغۇ- ھەسرەتلىرىنى ئەسلەپ، ئاۋۋال كۆپ مەنبەلىك مەبلەغ سېلىش سۇبيېكتىنى كىرگۈزۈپ، بىر قىسىم دۆلەت ئىلكىدىكى قانۇنىي ئىگە پېيىنى بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردىكى ئۈچ گۇرۇھ شىركەتكە ئۆتۈنۈپ بېرىپ، دۆلەت ئىلكىدىكى، كوللېكتىپ، پۇقراۋى ۋە ئىجتىمائىي ئاممىۋى سېلىنمىسى قاتارلىق كۆپ خىل مۈلۈكچىلىك قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، بازار ئىگىلىكى تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان قانۇنىي ئىگە ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنى ئورناتتى.

  بەيخۇاسۈن يەنە ئىسلاھاتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پىلانلىق ئىگىلىك تەپەككۇر ئەندىزىسىنى تەلتۆكۈس بۇزۇپ تاشلاپ، بازار ئىگىلىكى قارىشى ۋە كۈچلۈك ئېچىۋېتىش رىقابەت ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاخىر جاسارىتىنى قايتا نامايان قىلدى- 2002- يىلى 3- ئاينىڭ 29- كۈنىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى»گە «يىلمۇيىل زىيان تارتىش پاتقىقىدىن بۆسۈپ چىقىش- بەيخۇاسۈن پېيىنى قايتا بازارغا سېلىشنى ئىلتىماس قىلدى» دېگەن ماقالە بېسىلغانىدى.

  «7- ئاينىڭ 10- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نۇرلۇق يولىدىكى <شېنيىن ۋەنگو> ئاكسىيە سودا زالىدىكى چوڭ ئېكراندا <بەيخۇاسۈن> پېيىنىڭ دەسلەپكى باھاسى 14.49 يۈەن دەپ كۆرسىتىلگەندە، پايچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى بىردىنلا ياڭرىدى. 2002- يىلى 7- ئاينىڭ 11- كۈنى «شىنجاڭ گېزىتى»گە بېسىلغان «بەيخۇاسۈن پېيىنى بازارغا سېلىپ سودىلىشىش ئەسلىگە كەلدى» دېگەن ماقالىدە شۇ چاغدىكى قىزغىن كۆرۈنۈش تەسۋىرلەنگەن.

  21- ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، بەيخۇاسۈن مۇھىم، زور تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئاساسىي كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر، ئۇچۇر كەسىپلىرىگە يۆتكەلدى.

  2001- يىلى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، بەيخۇاسۈن يۇمشاق دېتال باغچىسى چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ ئۇچۇر كەسپى تەرەققىياتىدىكى بوشلۇق تولدۇرۇلدى. بەيخۇاسۈن يۇمشاق دېتال باغچىسى يۇمشاق، قاتتىق ماتېرىيال تەتقىقاتى، ئېلېكتىرون ئۇچۇر مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش ۋە سېتىش مۇلازىمىتىدىن ئىبارەت يۈرۈشلۈك كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭ بويىچە ئۇچۇر كەسپى توپلاشقان جايغا ۋە ئۇچۇر كارخانىلىرىنى «يېتىشتۈرگۈچ»كە ئايلاندى.

  2002- يىلى 1- ئاينىڭ 29- كۈنىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى»گە بېسىلغان «بەيخۇاسۈن يۇمشاق دېتال باغچىسى ئېچىلدى» دېگەن ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ئىلگىرى يېمەك- ئىچمەك بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىچى ۋە سىرتىغا تونۇلغان شىنجاڭ بەيخۇاسۈن شىركىتى شىنجاڭنىڭ ئۇچۇر كەسپىدىكى ئاۋىياماتكىغا ئايلىنىش ئىجادىيىتى بىلەن يەنە بىر قېتىم نام چىقاردى.»

  2002- يىلى 4- ئاينىڭ 4- كۈنىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى»گە بېسىلغان «بەيخۇاسۈن IT ئاۋىياماتكىسى بەرپا قىلدى» دېگەن ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ليەنشياڭ، فاڭجېڭ، خەيئېر، TCL، كاڭبو قاتارلىق دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى 100 خىلغا يېقىن داڭلىق ماركىلىق كومپيۇتېر ۋە يۇمشاق دېتال مەھسۇلاتلىرى يېقىندا ئارقا- ئارقىدىن شىنجاڭ بەيخۇاسۈن يۇمشاق دېتال باغچىسىغا توپلاشتى، بەيخۇاسۈن بەرپا قىلماقچى بولغان شىنجاڭ IT ئاۋىياماتكا شەكلى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.»

  يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان، بەيخۇاسۈن تەرەققىياتى بىرقەدەر ياخشى بولغان تېببىي دورا تەتقىقات مۇلازىمىتى كارخانىلىرىنىڭ مۈلكىنى كىرگۈزۈپ، نەنجىڭ خۇاۋېي داۋالاش ۋە تېببىي دورا شىركىتىنىڭ %100 پاي ھوقۇقىنى سېتىۋېلىپ، قايتىدىن تەشكىللەشنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى، ئاساسىي تىجارەت كەسپىنىڭ تىپىنى تېببىي دورا تەتقىقات مۇلازىمىتى ۋە بىيو دورا ياساشقا ئۆزگەرتتى. 2016- يىلى 6- ئايدا، بەيخۇاسۈننىڭ زور مال- مۈلۈكنى قايتا تەشكىللەش لايىھەسى جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىك- باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ قوشۇۋېلىشى، قايتا تەشكىللىشىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشىدە شەرتلىك ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈشى زور مۈلۈكنى قايتا تەشكىللەشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىدىن دېرەك بەردى.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش دولقۇنىغا ئەگىشىپ، بەيخۇاسۈن بوران- چاپقۇنلارنى بېشىدىن كەچۈردى، بولۇپمۇ پېيى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، ئەگرى- توقاي تەرەققىيات يولىنى بېسىپ ئۆتتى. بۈگۈنكى كۈندە، بەيخۇاسۈن ئۇنىۋېرسال گۇرۇھ شىركەتكە ئايلاندى.

  «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، بەيخۇاسۈن بوشاشماي ئىزدىنىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى، بۈگۈنكى كۈندە <بارچە گۈللەر> ھۈپپىدە ئېچىلدى» دېدى شىنجاڭ بەيخۇاسۈن پاي چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جېڭ سەيخۇڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ