تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلارنى يۆلەش

بىر كەسىپنى يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشكە تۈرتكە بولۇش

__ سېلىنما–تەرەققىيات گۇرۇھىنىڭ كەپتەر باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى توغرىسىدا

 جاڭ لېي

قەشقەر شەھىرىنىڭ يېڭىئۆستەڭ يېزىسى دۆڭئېرىق كەنتىدىكى ياش قەيسەر قۇرباندا قىسقىغىنە يېرىم يىلدا زور ئۆزگىرىش بولدى. ئىلگىرى ئۇنىڭ مۇقىم خىزمىتى ۋە كىرىمى بولمىغاچقا، ئۇنىڭغا نىسبەتەن كەلگۈسى ناھايىتى قاراڭغۇ ئىدى، شۇڭا ئۇنىڭ كاللىسىغا ئۆزىنى كەمسىتىش ئويى كىرىۋالغانىدى. ھازىر ئۇ كەنتتىكى كەپتەر باقمىچىلىق شىركىتىدە ئىشلەپ، ئېيىغا 3000 – 4000 يۈەن كىرىم قىلغاندىن باشقا، يەنە تېخنىكىمۇ ئۆگىنىپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ ۋە غەيرەتكە تولدى.

شۇ كەنتتىكى ئون نەچچە ياش ۋە 300 گە يېقىن نامرات ئائىلىنىڭ ئەھۋالى قەيسەرنىڭكىگە ئوخشاپ كېتەتتى. بۇ ئۆزگىرىشلەر شىنجاڭ سېلىنما – تەرەققىيات (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش تەدبىرىنىڭ نەتىجىسىدىن بولدى. بۇ يىلدىن بۇيان شىنجاڭ سېلىنما – تەرەققىيات (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن كەپتەر باقمىچىلىقىنى بۇ كەنت ۋە ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىدىكى مۇھىم يول قىلىپ تاللاپ، قىسقىغىنا ۋاقىتتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن نامراتلارنى يۆلەش كەسپى بېكىتىلدى

قەشقەر شەھىرىنىڭ يېڭىئۆستەڭ يېزىسى دۆڭئېرىق كەنتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تىپىك نامرات كەنت بولۇپ، نوپۇسى كۆپ، يېرى ئاز، تەبىئىي شارائىتقا تايىنىپ كۈن كەچۈرىدۇ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ شۇ يەرنىڭ ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان كىرىم ئاشۇرۇش يولى يوق.

شىنجاڭ سېلىنما – تەرەققىيات(گۇرۇھى)چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۈچ تۈركۈم خىزمەت ئەترىتى ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ بۇ كەنتتە تۇرۇپ خىزمەت قىلدى. ئالدىنقى ئىككى يىللىق كەنتتە تۇرۇپ خىزمەت قىلىش نەتىجىسىدە دۆڭئېرىق كەنتىنىڭ ئۇل ئەسلىھە، كەنت قىياپىتىدىن تارتىپ مەدەنىيەت تۇرمۇشى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق قاتارلىق جەھەتلەردە تۈپ ئۆزگىرىش بولدى. لېكىن ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەھەتتە، كۆپ خىل ئامىللارنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن بۇ كەنتتىكى يېرىمدىن كۆپرەك دېھقان ھازىرغىچە نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىيالمىدى.

كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، شىنجاڭ سېلىنما – تەرەققىيات(گۇرۇھى)چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جېڭ دۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ كەنتتىكى ئەڭ چوڭ قىيىن مەسىلە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، شىنجاڭ سېلىنما – تەرەققىيات(گۇرۇھى)چەكلىك شىركىتىنىڭ 3 – تۈركۈمدىكى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى خىزمەتكە چۈشكەندىن كېيىن، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىردەك كەنتتە تۇرۇش مەزگىلىدىكى خىزمەت ۋەزىپىسىنى تولۇق تاماملاش ئۈچۈن چوقۇم بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشىمىز كېرەك، دەپ قارىدى.

دۆڭئېرىق كەنتىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى كىيىۋاتقىنىغا ئۇزاق بولغاچقا، بۇ ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئاسان ئەمەس ئىدى. ئىشنى نەدىن باشلاش كېرەك؟ دەسلەپتە جېڭ دۇڭ بىلەن كۆپچىلىك سەل گاڭگىرىدى. بىر مەزگىل ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق جېڭ دۇڭ بۇ يەردىكى ھەممە ئائىلىنىڭ دېگۈدەك ئاز بولغاندا ئون نەچچە، كۆپ بولغاندا 100 دىن ئارتۇق كەپتەر بېقىپ، مۇشۇنداق تارقاق كەپتەر بېقىش شەكلىدە ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىدىغانلىقىنى ھەم كەپتەر ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق ئوزۇقلۇق تولۇقلايدىغانلىقىنى بايقىدى.

نېمىشقا كەپتەر باقمىچىلىقىنى كەسىپ سۈپىتىدە تەرەققىي قىلدۇرمايمىز؟ جېڭ دۇڭنىڭ كاللىسىدا ئاستا – ئاستا مۇشۇنداق ئوي پەيدا بولۇشقا باشلىدى. جېڭ دۇڭ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق كەپتەر باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يولغا قويۇشقا بولىدىغان چارە دەپ قارىدى.

‹‹بىرىنچىدىن، دۆڭئېرىق كەنتى پۈتۈن جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىغا ئوخشاش كەپتەر بېقىش ئەنئەنىسىگە، ھەممە ئائىلە كەپتەر بېقىشقا دائىر ئازدۇر – كۆپتۇر ساۋاتقا ئىگە؛ ئىككىنچىدىن، گۆش كەپتىرىنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتى ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان گۆش كەپتىرىنى ئىستېمال قىلىش بارغانسېرى ئومۇملاشتى، كەپتەر گۆشى مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازىرىمۇ ئىتتىك، بازار ئىستىقبالى كەڭ››. جېڭ دۇڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ گۆش كەپتىرى بازىرىنىڭ ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، دېڭىز ياقىسى رايونىدىكى بىر ئۆلكىدىلا يىلىغا نەچچە مىليون گۆش كەپتىرى ئىستېمال قىلىنىدىغانلىقىنى ئىگىلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا كەپتەر گۆشى، كەپتەرنىڭ ئىچكى ئەزالىرى، كەپتەر تۇخۇمى، ھەتتا كەپتەر مايىقىمۇ ناھايىتى قىممەتلىك.

‹‹قىسقىسى، كەپتەر باقمىچىلىقى ھەقىقەتەن چوڭ كەسىپ. ئەگەر بۇ كەسىپنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرساق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش ھېچ گەپ ئەمەس›› دېدى جېڭ دۇڭ قەتئىي ئىشەنچ بىلەن.

ئەندىزىدە يېڭىلىق يارىتىلىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ئىلگىرى سۈرۈلدى

دېمەك ئاسان، قىلماق تەس. يىرىك كەپتەر باقمىچىلىق ئەنئەنىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەيدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرۇش ئاسان ئىش ئەمەس.

جېڭ دۇڭ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى دۆڭئېرىق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالىسى بىلەن توختىماي پىكىرلىشىش ئارقىلىق، ئۇزاق مۇددەتلىك ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېپىپ چىقماقچى بولدى. ئۇلار دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى يولىدا ماڭماستىن، ئىشنى يۇقىرى سەۋىيەدە قىلىشنى قارار قىلدى.

شىنجاڭ سېلىنما – تەرەققىيات (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى بىۋاسىتە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان ئۆلكە دەرىجىلىك دۆلەت مەبلەغ سېلىش شىركىتى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم ھۆكۈمەت سېلىنمىسى سۇبيېكتى بولۇپ، مەبلەغ سېلىش – يۈرۈشتۈرۈش ۋە كارخانا باشقۇرۇش جەھەتتە كەسپىي ئەۋزەللىككە ئىگە. جېڭ دۇڭ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى كەسىپ جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىنى جايىدا جارى قىلدۇرۇپ، دۆڭئېرىق كەنتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئارىلاشما مۈلۈكچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەڭ ماس كېلىدۇ دەپ قارىدى.

جېڭ دۇڭ ‹‹كاپىتال يۈرۈشتۈرۈش›› ئارقىلىق كوللېكتىپ قۇرۇپ، تەرەققىيات تەسەۋۋۇرىنى بېكىتتى: يەنى كەنت پارتىيە ياچېيكىسى باشلامچى بولۇپ، يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەش تەجرىبىسىگە بىر كارخانىچىنى تاللاپ مەبلەغ سالغۇچى قىلىپ، پۈتۈن كەنتتىكى نامرات ئائىلىنى پايچىك قىلىپ، كەپتەر باقمىچىلىق شىركىتى قۇرماقچى بولدى.

بۇ ئەندىزىدە، مەبلەغ سالغۇچى ئەڭ چوڭ پايچىك بولۇش سۈپىتىدە شىركەتنىڭ بارلىق ئىشىغا مەسئۇل بولدى، نامرات پايچىكلارنىڭ پاي قوشۇش مەبلىغىنى شىنجاڭ سېلىنما – تەرەققىيات گۇرۇھى ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەر ياردەم بېرىش شەكلىدە ئۆتنىگە بېرىپ، ھەر ئائىلىگە پاي دەسمايىسى سۈپىتىدە 2373 يۈەن نورما بېكىتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بارلىق كەنت ئاھالىسىنىڭ ئاكتىپ پاي قوشۇشىنى قارشى ئالدى. بۇنىڭ بىلەن بۇ شىركەت ھەم ‹‹خوجايىن››نىڭ ھەم پۈتۈن كەنت ئاھالىسىنىڭ بولۇپ، ئورتاق بېيىيدىغان سۇپا بەرپا قىلىشقا تىرىشتى.

شىركەت قۇرۇلۇپ، كېيىنكى ئىگىلىك باشقۇرۇش خىزمەتلىرى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلدى. شاڭخەيدىن نەسىللىك كەپتەر ۋە باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى كىرگۈزدى، گۇاڭدۇڭ، سىچۇەن قاتارلىق جايلارنىڭ بازارلىرىغا بېرىپ، سېتىش يوللىرىنى تەكشۈرۈپ، ھەمكارلاشقۇچى ئىزدىدى، يەرلىكتىكى ئەستايىدىل، ئەمەلىي ئىشلەيدىغان ياشلارنى زاپاس تېخنىك سۈپىتىدە تەربىيەلىدى... كەپتەر باقمىچىلىق شىركىتىنىڭ ھەممە ئىشىغا جېڭ دۇڭ ۋە خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر پۈتۈن كۈچى بىلەن قاتنىشىپ، ئۆگىتىپ قويۇپلا بولدى قىلماي، يەنە بىر مەزگىل يېتەكلىدى.

بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، كەپتەر باقمىچىلىق شىركىتىنىڭ تىجارىتى ئاساسەن ئىزىغا چۈشتى. ئۇلار كىرگۈزگەن 8000 دانە ‹‹ئاق پەيلىك كەپتەر شاھى›› نەسىللىك كەپتىرى كۆنۈپ باچكا چىقىرىشقا باشلىدى، قەيسەر قۇربان قاتارلىق ياشلار شىركەتكە قوبۇل قىلىنىپ، ئىشلىگەچ تېخنىكا ئۆگەندى، 300 گە يېقىن نامرات ئائىلىمۇ ‹‹ئۆزلىرىنىڭ كەپتەرلىرى››گە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى، كۆپچىلىك ‹‹نامراتلارنى يۆلەش كەپتەرلىرى›› ئارقىلىق يېڭى تۇرمۇشقا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلدى.

ئەمەلىي ئىشلەپ ئۈنۈم يارىتىش ئارقىلىق ئۈلگىلىك كەسىپ شەكىللەندۈرۈلدى

قەشقەر شەھەرلىك ئالتە تاش تۈگمەن كەپتەر باقمىچىلىق شىركىتىنىڭ فېرمىسىدا 12 – ئاينىڭ 10 – كۈنى جۈپ – جۈپ نەسىللىك كەپتەرلەر قەپەز ئىچىدە دانلاپ، تۇخۇم چىقىرىپ، باچكىلىرىنى بېقىۋاتاتتى، يېڭىدىن تۇخۇمدىن چىققان باچكىلار تېز چوڭ بولماقتا ئىدى، ئىشچىلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، باچكىلارغا قاراۋاتاتتى.

كەپتەر باقمىچىلىق شىركىتىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى، مەبلەغ سالغۇچى جاڭ ۋېن مۇنداق دېدى: دەسلەپ كىرگۈزۈلگەن 8000 نەسىللىك كەپتەر كۆپىيىپ 14 مىڭغا يېقىنلاشتى، ئۈنۈمى ياخشى بولۇۋاتىدۇ. ھازىرقى كۆپىيىش سۈرئىتى تېخى كۆلەملىك ئىشلەپچىقىرىش تەلىپىنى قاندۇرالمايدۇ، كېيىنكى قەدەمدىكى نىشانىمىز بېقىلىۋاتقان كەپتەرنى 100 مىڭغا يەتكۈزۈش.

جاڭ ۋېن كەپتە بېقىش ئۈنۈمى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: قەپەزدە بېقىلىۋاتقان ‹‹ئاق پەيلىك كەپتەر شاھى›› نەسىللىك كەپتىرىنىڭ بىر جۈپى يىلىغا سەككىز ئۇۋا باچكا چىقىرىدۇ، نەسىللىك كەپتەر ۋە تېخنىكا بىلەن تەمىنلەپ يۆلەپ كېلىۋاتقان شاڭخەي گۆش كەپتىرى ساھەسى جەمئىيىتى 22 يۈەنلىك ئەڭ تۆۋەن يەككە باھا بويىچە ئۆلچەمگە يەتكەن باچكىلارنى سېتىۋالىدۇ، كەپتەر پېيى، كەپتەر قېنى، كەپتەر ئىچكى ئەزالىرىنىڭمۇ بازىرى بار، كەپتەر مايىقىنىڭ توننىسىنىمۇ 1000 يۈەندىن يۇقىرى باھادا ساتقىلى بولىدۇ.

ھەممە يېرى گۆھەر بولغان كەپتەر قىسقىغىنە يېرىم يىلدىلا دۆڭئېرىق كەنتىدىكى پايچىكلارغا نەپ يەتكۈزدى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە جاڭ ۋېن، كەنت پارتىيە ياچېيكىسى، كەنت مەھەللە كومىتېتىدىكىلەر مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، كەپتەرچىلىك شىركىتىنىڭ پايدىسىنى كۆپچىلىككە تەقسىم قىلىپ بېرىشنى قارار قىلدى.

دۆڭئېرىق كەنتى ئاھالە كومىتېتىنىڭ ھويلىسىدا 12 – ئاينىڭ 11 – كۈنى پايدا تەقسىملەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ھەممە نامرات ئائىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 300 دىن ئارتۇق پايچىك 160 مىڭ يۈەن پايدا تەقسىمات پۇلىدىن بەھرىمەن بولدى، ھەر بىر كىشىگە 470 يۈەندىن ئارتۇق پايدا تەقسىم قىلىندى. جاڭ ۋېن ئەڭ چوڭ پايچىك ۋە مەبلەغ سالغۇچى سۈپىتىدە ئۆزىگە پايدا تەقسىملەش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى.

دۆڭئېرىق كەنتىدىكى نامرات ئائىلە ساۋۇتجان سەيدىن پايدا تەقسىمات پۇلىنى ئېلىپ مۇنداق دېدى: 2000 يۈەندىن كۆپرەك پاي قوشۇپ، يېرىم يىلدىلا بىر پاقلاننىڭ پۇلىنى پايدا ئالدىم، بۇنىڭدىن ئارتۇق پايدا بولمايدۇ. كەپتەر باقمىچىلىق شىركىتىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ قوللايمەن، يەنە ئىلمىي كەپتەر بېقىش تېخنىكىسىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، ھويلا – ئاران ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىپ كىرىمىمنى يەنىمۇ ئاشۇرىمەن.

مۇشۇنداق ئويدىكى كەنت ئاھالىسى خېلى كۆپ، ھەتتا ئەتراپتىكى كەنتتىكىلەرمۇ داڭقىنى ئاڭلاپ بۇ يەرگە كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىپ ئۆگەندى. كەپتەر باقمىچىلىق شىركىتى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە بارلىق دېھقان ئائىلىلىرى ئارىسىدا كەپتەر باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىمىز، كەپتەر باقمىچىلىق شىركىتى نەسىللىك كەپتەر، تېخنىكا ۋە سېتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، كۆپچىلىكنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەندە، بۇ ئەندىزىنى ئېھتىياجلىق يېزا، كەنتلەرگە كېڭەيتىپ، ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئورتاق كۆپەيتىپ، بېيىشىغا تۈرتكە بولىمىز.

ھازىر گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى شىنجاڭ سېلىنما – تەرەققىيات گۇرۇھىنىڭ ‹‹نامراتلارنى يۆلەش كەپتەرلىرى›› گە قىزىقىپ قالدى، بۇ ئىككى جاي كەپتەر ئىستېمالى چوڭ رايونى بولۇپ، يىلدا نەچچە يۈز مىليون كەپتەر ئىستېمال قىلىدۇ. بۇ ئىككى جايدىكىلەر بازارنى قوللاپ، شىنجاڭنىڭ ‹‹نامراتلارنى يۆلەش كەپتەرلىرى›› ئۈچۈن سېتىش يولى ئېچىپ، كەپتەر باقمىچىلىق كەسپىنىڭ يەنىمۇ زورىيىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ