تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

‹‹نامراتلارنى يۆلەش كەپتىرى›› نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئارزۇسىغا يەتكۈزدى

 جېن شىشىن

  10 – ئاينىڭ 18 – كۈنى، نىلقا ناھىيەسىنىڭ سۇپتاي يېزىسى كىچىك سۇپتاي كەنتىدىكى گۆش كەپتىرى باقمىچىلىق كۆپەيتىش ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشلەيدىغان ئىلنۇر توختى كەپتەرلەرنىڭ يېتىلىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي كۆزەتكەچ ماڭا مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك بۇ كەپتەرلەرنى گۆھەر بىلىپ، ئۇلارنى ‹‹نامراتلارنى يۆلەش كەپتىرى›› دەپ ئاتايدۇ.

  ئىلنۇر توختى كىچىك سۇپتاي كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مالىيە – سودا مەكتىپىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، ئۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كېلىپ ئىشلىدى، خىزمەت ئەترىتى يەنە ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ 10 مىڭ يۈەن ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل ھەل قىلىپ بەردى، ئۇ 25 جۈپ نەسىللىك كەپتەر تەننەرخى بىلەن ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا پاي قوشتى، ئۈچ يىلدىن كېيىن تەننەرخى قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ. كەنتتە يەنە 45 نامرات ئائىلە ئىلنۇر توختىغا ئوخشاش ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل شەكلى ئارقىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا پاي قوشتى، بۇنىڭ ئىچىدە 11 كىشى ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشلىدى.

  سۇپتاي يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ خۈەيچىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ نامرات ئائىلىلەرنىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى ئايلىق مائاشى 1800 يۈەن ئىكەن. ھەمكارلىق كوپىراتىپى يەنە مەخسۇس مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ باقمىچىلىققا يېتەكچىلىك قىلىدىكەن. ئىلنۇر توختى مۇنداق دېدى: ئۆينىڭ ئالدىدىلا ئىشلىسەم، ئۆيدىن خەۋەر ئېلىپلا قالماي، يەنە تېخنىكا ئۆگىنەلەيدىكەنمەن، مۇھىمى مۇقىم كىرىمىم بار بولدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئەمدى قۇرۇق خىيال ئەمەس.

  ئىگىلىشىمچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نىلقا ناھىيەسى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى تۇتقا قىلىپ، تېخنىكىسى بارلارنى باشلامچىلىق بىلەن كەسىپنى راۋاجلاندۇرغۇزۇپ، ‹‹ھەمكارلىق كوپىراتىپى+نامرات ئائىلە››دىن ئىبارەت نامراتلارنى يۆلەش باغلىما ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ كەسىپكە تايىنىپ كىرىمىنى كۆپەيتىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى