تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قورغاس: ئەسىرلىك پورت يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلدى

ئاپتوموبىللار جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىدە ئۆچىرەت بىلەن جۇڭگو چېگرىسىغا كىرمەكتە.(12-سېنتەبىر تارتىلغان سۈرەت)

   شىنخۇا تورى خەۋىرى: جۇڭگو-قازاقىستان چېگراسى ھېسابلىنىدىغان قورغاس قەدىمدىن تارتىپلا قەدىمكى «يىپەك يولى»دىكى مۇھىم ئۆتەڭ بولۇپ، 1881-يىلى قورغاس چېگرا ئېغىزىدىن ئۆتۈش رەسمىي يولغا قويۇلغان. 2012-يىلى، ئېلىمىزدىكى تۇنجى چېگرا ھالقىغان چېگىرا ھەمكارلىق رايونى جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. 2014-يىلى، گوۋۇيۈەن ناھىيە دەرىجىلىك قورغاس شەھىرى قۇرۇشنى رەسمىي تەستىقلىغان. بۈگۈنكى كۈندە قورغاس زامانىۋى ئىستېرېئولۇق قاتناش سىستېمىسىغا تايىنىپ، مىسلى كۆرۈلمىگەن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتماقتا. قورغاس تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل يانۋاردىن ئاۋغۇستىقىچە قورغاس رايونىدا ئىمپورت-ئېكىسپورت قىلىنغان تاۋار 19 مىليون 372 مىڭ 700 توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %14.2 ئاشقان، ئىمپورت-ئېكىسپورت سودا سوممىسى 70 مىليارد 179 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %28.87 ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى