تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

خوتەن ۋىلايىتىدە: كۆپ تەرەپ كۈچ چىقىرىپ، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى ئىلگىرى سۈردى

  خوتەن ۋىلايىتىدە: كۆپ تەرەپ كۈچ چىقىرىپ، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى ئىلگىرى سۈردى

  ۋاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى خوتەن ۋىلايەتلىك شۆبىسى كىرېدىت ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ‹‹زاكازلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش›› ئارقىلىق كەسىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىدىغان يېڭى يولنى تاپتى. بۇ بانكا خوتەننىڭ ئەمەلىيىتىگە تولۇق بىرلەشتۈرۈپ، ‹‹ھۆكۈمەت كىرېدىتنى ئاشۇرۇپ بېرىش + زاكازلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش + كېپىللىك تولۇق قاپلاش›› ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى يولغا قويۇپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى دەل جايىدا قوللىدى.

  7 – ئاينىڭ 25 – كۈنى، گۇما ناھىيەسىنىڭ مۇكۇيلا يېزىسىغا جايلاشقان گۇما ناھىيەلىك ‹‹فاڭيۈەن›› يېشىل يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ يەم – خەشەك سېخىدا، ئىشچىلار يەم – خەشەكنى ئېزىش ماشىنىسىغا سېلىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. ئىشچى ئابدۇراخمان ئابدۇقادىر: ھازىر مەن بۇ يەرنىڭ ئىشچىسى، ئېيىغا 4000 يۈەن كىرىم قىلىمەن، دېدى. ئۇ ئەسلىدە گۇما ناھىيەسىنىڭ مۇجى بازىرى كونا بازار كەنتىدىن بولۇپ، ئىككى مو يېرىگە ۋە مەدىكارچىلىققا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى.

  ئابدۇراخمان ئابدۇقادىرنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش يېڭى تۈرى ــــ ‹‹زاكازلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش›› تۈرتكە بولغان. گۇما ناھىيەلىك ‹‹فاڭيۈەن›› يېشىل يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى زى گۇيشىن مۇنداق دېدى: يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى تەمىنلىگەن مەبلەغ شىركىتىمىزنىڭ كۆلەملىك باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشتىكى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى، نەقلەشكەن 5 مىليون يۈەن مەبلەغ بىلەن يەم – خەشەك تەمىناتى كاپالەتكە ئىگە بولدى. بىز كېيىنكى قەدەمدە باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ زاكازنى قولغا كەلتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاھالىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئويلىشىۋاتىمىز.

   ‹‹زاكازلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش››كە تايىنىپ كارخانىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش يالغۇز ‹‹فاڭيۈەن›› شىركىتىگىلا پايدا يەتكۈزۈپ قالماي، يەنە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشىدىكى ئۈنۈملۈك تەدبىرگە ئايلاندى.

  جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى خوتەن ۋىلايەتلىك شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۈ جياڭشەن مۇنداق دېدى: كارخانىلار زاكاز تالونىغا ئاساسەن بانكىدىن قەرز پۇل ئىلتىماس قىلسا، بانكا يەنە بىرلەمچى كارخانىلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇدۇللاشتۇرۇپ، كارخانىلار ئۈچۈن زاپاس مال پۇلىنى تۆلەپ بېرىدۇ، سېتىش مەبلىغى قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن كېيىن، كارخانا زاپاس مال پۇلىنى بانكىغا ئۆز قەرەلىدە قايتۇرۇپ بېرىدۇ. مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق كارخانا بىرقەدەر ئاز مەبلىغى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ ھەم مەبلەغ باشقۇرۇشنى ئەلالاشتۇرالايدۇ.

  مەبلەغنىڭ دەل جايىغا ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ بانكا مەخسۇس كىرېدىت خادىمى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كارخانىلار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ، كارخانا بىر ئادەم ئىشلەتسە بىر ئادەمنى تەكشۈرۈپ، ھەربىر ھالقىدىكى خىزمەتلەرنى ئىنچىكە، ئەمەلىي ئىشلەپ، نامرات ئاھالىلەرنى ئىشلىتىش سانى بىلەن كارخانىنىڭ ئىناۋىتىنى ئۆزئارا باغلىدى.

  شۈ جياڭشەن مۇنداق دېدى: يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى نامراتلارنى يۆلەشتىكى قىسمەن نۇقتىلىق باشلامچى كارخانىلارنىڭ مۇقىم سېتىش زاكاز تالونى ۋە نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتەك ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى كۆزدە تۇتۇپ، قەرز بېرىش ئىجازەت شەرتىنى كېڭەيتىپلا قالماي، تۈپ ئۆسۈم نىسبىتى ئاساسىدا قەرز ئۆسۈم نىسبىتىنى يەنە %10 تۆۋەنلىتىپ، كارخانىلارنى بەھرىمەن بولغان ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى نامراتلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

  جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ دى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى خوتەننىڭ كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش كىرېدىت يېڭى ئەندىزىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا كەسىپلەر ئارقىلىق يۆلەش ۋە كىرېدىت سېلىنمىسى سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى