تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يېڭى دەۋردىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ باش تۇتقىسىق قىلايلى

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى

يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يېڭى دەۋردىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ باش تۇتقىسىق قىلايلى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6-ئاينىڭ 1-كۈنى تېلېگراممىسى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى نەشردىن چىققان 11-سان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يېڭى دەۋردىكى <يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار> خىزمىتىنىڭ باش تۇتقىسى قىلايلى» ماۋزۇلۇق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

  ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور ئىستراتېگىيە، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئومۇمىي ۋەزىيەت خاراكتېرلىك، تارىخىي خاراكتېرلىك ۋەزىپە، يېڭى دەۋردىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ باش تۇتقىسى. بىز بۇ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەگە بولغان چۈشەنچىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى باشتىن-ئاخىر پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدە مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، پىكىر يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خىزمەتنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، يېزىلارنى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرۇش، دېھقانلارنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار زامانىۋىلاشمىسا، پۈتكۈل دۆلەتنىڭ زامانىۋىلىشىشى بولمايدۇ. زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە، ئىشچىلار-دېھقانلار مۇناسىۋىتى، شەھەر، يېزا مۇناسىۋىتىنى قانداق ياخشى بىر تەرەپ قىلىش مۇئەييەن دەرىجىدە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ غەلىبە قىلىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. دۆلىتىمىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جەزمەن ئىشچىلار-دېھقانلار مۇناسىۋىتى، شەھەر، يېزا مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا، شارائىتىغا ئىگە بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ باش نىشانى، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشنىڭ باش فاڭجېنى، كەسىپلەر گۈللەنگەن، ئېكولوگىيەسى ياشاشقا باب كېلىدىغان، يېزا ئىستىلى مەدەنىي، ئىدارە قىلىنىشى ئۈنۈملۈك، تۇرمۇش باياشات بولۇشنىڭ باش تەلىپى، شەھەر، يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە - مېخانىزمى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ تۈزۈم كاپالىتى.

  ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا، ئالدى بىلەن قانۇنىيەت بويىچە ئىش قىلىش كېرەك. دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانىدىن ئىبارەت يېزا ئىگىلىكىدىكى ئىككى تۈرلۈك ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتىنى راۋاجلاندۇرۇشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، قوش قاتلاملىق ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى يېڭى ماھىيەتلىك مەزمۇنغا ئىگە قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك؛ ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قائىدە - يوسۇن دۆلىتى، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ۋە قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ بىر - بىرىنى تولۇقلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ شەھەر، يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، شەھەر، يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە - مېخانىزمى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى تېز ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ ئالدىنقى ۋەزىپىسى.

  ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە پارتىيە تەشكىلاتلىرى جەزمەن رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا تۆۋەندىكى مۇناسىۋەتلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك: بىرىنچى، ئۇزاق مەزگىللىك نىشان بىلەن قىسقا مەزگىللىك نىشاننىڭ مۇناسىۋىتى؛ ئىككىنچى، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش بىلەن ئاساسىي قاتلامدىن ئىزدىنىشىنىڭ مۇناسىۋىتى؛ ئۈچىنچى، بازارنىڭ ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتى؛ تۆتىنچى، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش بىلەن تەرەققىيات باسقۇچىغا ماسلىشىشنىڭ مۇناسىۋىتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.