تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قۇرۇلۇشىدا نامايان بولغان شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئەمەلىيىتى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قۇرۇلۇشىدا نامايان بولغان شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئەمەلىيىتى

خەن چىنيەن

     مەخسۇس ماقالە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قىسمى (2)

يادرولۇق ئەسكەرتمە: ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىدا: شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار ئۆزىنى شىنجاڭدىكى كادىرلارنىڭ بىر ئەزاسى، دەپ ھېسابلاپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن سەمىمىي سىردىشىپ، دوستلىشىپ، ئالاقىلىشىپ، ئالماشتۇرۇپ، بىر گەۋدە بولۇپ ئۇيۇشۇپ، ئىچقويۇن – تاشقويۇن بولۇشۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات – تەربىيەسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە ئىلغار ئورۇن بەرپا قىلىش پائالىيىتىگە پائال قاتنىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئالدىدا مېڭىپ، ئۈلگە بولۇشى؛ مۇقىملىق ئومۇمىيىتىنى قوغداشنى كۆزلەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىگە پائال قاتنىشىپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئەقىل كۆرسىتىپ، تۆھپە قوشۇشى كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

‹‹شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىدىغان قۇرۇلۇش قىلىپ چىقىش كېرەك››، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان چوڭقۇر مەزمۇنلۇق بۇ ھاۋالىسى 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم پىرىنسىپتۇر. ئۈچ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن سىردىشىپ، دوستلىشىپ، ئالاقىلىشىپ، ئالماشتۇرۇپ، بىر گەۋدە بولۇپ ئۇيۇشۇپ، ئىچقويۇن – تاشقويۇن بولۇشۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتى بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

قەلبلەر بىر – بىرىگە مەھكەم باغلاندى

‹‹بىزگە ساۋاقداشلىرىڭىز بىلەن بىللە دەرستىن سىرتقى كىتاب سوۋغا قىلغىنىڭىزغا رەھمەت، بىز گەرچە كۆرۈشمىگەن بولساقمۇ، ئۆزئارا ھەدىيە قىلىشقان كىتابلار قەلبىمىزنى مەھكەم باغلىدى››.

بۇ، ئاتۇش شەھەرلىك ‹‹كۈنشەن›› ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ 3 – يىللىق 6 – سىنىپ ئوقۇغۇچىسى نەفىسە غۇلامنىڭ نەنجىڭ شەھەرلىك ‹‹فاڭساۋيۈەن›› باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى جۇ شىنرۈي دېگەن دوستىغا يازغان خېتىدىكى بىر جۈملە سۆز.

‹‹فاڭساۋيۈەن›› باشلانغۇچ مەكتىپى ئىككى جايدىكى ئوقۇغۇچىلارغا پىكىر ئالماشتۇرۇش سەھنىسى ھازىرلاپ بېرىش ئۈچۈن، ‹‹كۈنشەن›› ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش مەكتىپىگە 5000 پارچىدىن كۆپرەك كىتاب ھەدىيە قىلىش بىلەن بىللە، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى شيې شياۋفۇ ۋە بالىلار كىتاب ئوقۇشنى ئومۇملاشتۇرۇش مەركىزىدىكى ئالتە ئوقۇتقۇچىنى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا ئەۋەتىپ، ئوقۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش دەرسى ئۆتۈش، ئوقۇتقۇچىلارنى باسقۇچقا بۆلۈپ تەربىيەلەش، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئىككى جاينىڭ ئالاقىسى، ئالماشتۇرۇشىنى دائىملاشتۇردى.

شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان جياڭسۇلۇق كادىر كۇڭ شياڭپېي مۇنداق دېدى: ھازىر قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى جياڭسۇدىكى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەر بىلەن قوشماقلاشتى، قوشماقلىشىش نىسبىتى %100كە يەتتى.

جياڭسۇ ئۆلكىسى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق شىتابىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى يەن فويۈەن مۇنداق دېدى: ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا، مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ، شۇڭا جەزمەن قەلبلەرنى يېقىنلاشتۇرۇپ، ئاقتۇ خەلقىگە بىزنىڭ سەمىمىيىتىمىز ۋە دوستلۇقىمىزنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرىمىز.

خېفېي شەھەرلىك بالىلار پېداگوگىكا مەكتىپىدە ئوقۇيدىغان گۇمىلىق قىز قەلبىنۇر مەمەتتوختى 2015 – يىلىنىڭ بېشىدا ئېھتىياتسىزلىقتىن پۇتىنى سۇندۇرۇۋالغاندا، ئاتا – ئانىسى يېنىدا بولمىسىمۇ، ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ ياردىمىدە يالغۇزلۇق ھېس قىلمىدى. ھازىرغىچە، ئەنخۈي ئۇنىۋېرسىتېتى، ئەنخۈي ئۆلكىسىدىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋېتىپ ياردەمگە ئېرىشكەن گۇمىلىق ئوقۇغۇچى 620دىن ئاشتى.

خۇبېي ئۆلكىسى ‹‹ئىككى جايدىكىلەر قوشماقلىشىپ، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈش›› پائالىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرغاندا، ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى باشلامچىلىق بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى. ھازىر خۇبېي ئۆلكىسىدىكىلەر ياردەمگە ئېرىشكەن جايدىكى 1175 كىشى بىلەن تۇغقان بولدى. خېبېي، شەندۇڭ قاتارلىق ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ‹‹بەشتە ياخشى ئائىلە›› ۋە شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئائىلىسى بىلەن قوشماقلىشىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ياردەمگە ئېرىشكەن جايدىكى ئاياللارنى كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەپ، ئائىلە ئاياللىرى ۋە ئاياللار ۋەكىللىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئېكسكۇرسىيە، تەكشۈرۈشكە ئۇيۇشتۇردى.

بېرىش – كېلىش قىلىش، ھەمتۈرتكە بولۇش بارغانسېرى كۆپەيدى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ 3000دىن كۆپرەك ئوقۇتقۇچىنى شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىپ، ئىلغار ئوقۇتۇش ئىدىيەسى، ئۇسۇلى ۋە باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى يەتكۈزۈپلا قالماي، ياردەمگە ئېرىشكەن جايلارنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى ۋە باشقۇرۇش ئۇنىۋېرسال سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.

ئەنخۈي ئۆلكىسى زامانىۋىلاشقان يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش ۋاسىتىسى ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن ئىجادىي پايدىلىنىپ، ئەنخۈي ئۆلكىسىدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى گۇما ناھىيەسىدىكى مەكتەپلەردە دەرس ئۆتۈشكە ئۇيۇشتۇردى. گۇما ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى نىياز مۇنداق دېدى: بىز توردا يىراق مۇساپىلىك تەربىيەلىنىشنى قوبۇل قىلدۇق، بۇنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدىكەن.

جياڭسۇدا ئۆگىنىشكە قاتناشقان ئۈچ ئاي ھاياتىمدىكى قەدىرلەشكە ۋە ئەسلەشكە ئەرزىيدىغان مۇھىم مەزگىل، تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇ مەزگىل مېنىڭ ئۆگىنىش، خىزمىتىمنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ قالدى، – دېدى ئىلگىرى جياڭسۇ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئۆگىنىشكە قاتناشقان قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق 3 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ياش ئوقۇتقۇچىسى تويۇنباي مامەتتوختى.

يەرلىكتىكى تېخىمۇ كۆپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇش ماھارىتىنى ئىگىلىشى ئۈچۈن، جياڭسۇ ئۆلكىسى مەبلەغ سېلىپ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش مەكتىپى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق قوش تىل يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش تورى سۇپىسىنى قۇردى، ‹‹ئەۋەتىش››، ‹‹تەكلىپ قىلىش›› ئارقىلىق تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتتى.

‹‹قوشماقلىشىش، تۇغقان بولۇش، دوستلىشىش، قول تۇتۇشۇش›› قاتارلىق پائالىيەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ھەر مىللەت خەلق بارغانسېرى كۆپ بېرىش – كېلىش قىلىپ، ھەمتۈرتكە بولدى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم ۋاسىتىگە ئايلاندى.

شىنجاڭغا مەدەنىيەت جەھەتتە ياردەم بېرىلدى

ئاقچى ناھىيەلىك ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىدىكىلەر جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى ۋۇشى ئويۇن قويۇش گۇرۇھى بىلەن بىرلىشىپ ئىشلىگەن چوڭ تىپتىكى مىللىيچە ئۇسسۇللۇق تىياتىر ‹‹قەھرىمان. ماناس›› قىرغىزلارنىڭ سەنئەت گۆھىرىنى شىنجاڭدىن دۇنياغا يۈزلەندۈردى.

شۈجۇ شەھىرى 30 مىليون يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ سۈرەتكە ئالغان كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ‹‹مەلىكە جيېيۇ›› 2016 – يىلى چاغان مەزگىلىدە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا قويۇلدى، بۇنىڭ بىلەن 2000 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زور تۆھپە قوشقان بۇ خەنزۇ مەلىكە كىشىلەرگە تونۇلدى.

شۈجۇ شەھىرى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ياڭ مىڭ مۇنداق دېدى: مەلىكە جيېيۇ سەۋەبلىك نۇرغۇن قازاق خەلقى شۈجۇلۇقلارنى ‹‹تۇغقىنىم›› دەپ ئاتايدىغان بولدى، ياڭ مىڭنىڭ قارىشىچە، مەدەنىيەت ئۈن – تىنسىز ئالاقە قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش رولىغا ئىگە ئىكەن.

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ھەر يىلى مەدەنىيەت پىدائىيلىرىنىڭ شىنجاڭ سەپىرى ‹‹باھار يامغۇرى قۇرۇلۇشى›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قەشقەردىكى كادىرلار، ئاممىغا ‹‹لىڭنەن مەدەنىيىتى››نى تونۇشتۇردى. ئۈچ يىلدىن بۇيان، مەدەنىيەت، سودىنىڭ تۈرتكىسىدە، گۇاڭدۇڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئۈزۈلمىدى، ھەر خىل پائالىيەتلەردە 18 مىڭ ئادەم (قېتىم) كۈتۈۋېلىندى.

خېنەن ئۆلكىسى مەدەنىيەت بايلىقى مول ئۆلكە بولۇش سۈپىتى بىلەن، داڭلىق تېلېۋىزىيە پىروگراممىسى ‹‹خەنزۇچە خەت تېپىش ماھىرى››، ‹‹شاپتۇللۇق باغدىكى باھار››، ‹‹چامباشچىلىق سەھنىسى›› قاتارلىقلارنى قومۇل ۋە بىڭتۈەنگە ئېلىپ كىردى، چوڭ تىپتىكى زامانىۋى يۈجۈ تىياتىرى ‹‹ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئوپچە سۈرىتى›› ۋە كىلاسسىك يۈجۈ تىياتىرى ‹‹چاۋياڭگۇ›› شىنجاڭدا سەييارە قويۇلدى.

مول مەزمۇنلۇق، تۈرلۈك شەكىلدىكى ئەدەبىيات – سەنئەت نومۇرلىرىنى سەييارە كۆرسىتىش، كىنو – تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى قويۇش، گۈزەل سەنئەت، تەنتەربىيە، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى قوش يۆنىلىشلىك ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.

لياۋنىڭ، بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلەر مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەدەبىيات – سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىش ئۆمەكلىرىنى ياردەم بېرىلىدىغان جايلارغا ھال سوراش ئويۇنى قويۇشقا ئەۋەتتى؛ خۇنەن، تيەنجىن قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆرپ – ئادىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كىنو ‹‹قوش شەھەر خاتىرىسى››، ‹‹تۇرپان ئۈزۈمى پىشتى››، ‹‹پۇتبولچى بالا››نى سۈرەتكە ئېلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭراتتى.

مەدەنىيەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ئىدىيە ئالماشتۇرۇش، ئادىمىيەت ئالاقىسى، ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى