تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى

سۈرەتتە: شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى بۇغداي سورتى يېتىشتۈرۈش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ پوسكام بازىسىدىكى 100 مولۇق يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىنىڭ ئەمەلىي ئېلىنغان ھوسۇلىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش نەق مەيدانى (6-ئاينىڭ 29-كۈنى تارتىلغان). شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى تاللاپ يېتىشتۈرگەن كۈزگى بۇغداي يېڭى سورتى شىندۇڭ 60- نومۇرنىڭ يېقىندا پوسكام ناھىيەسىدە ئەمەلىي ئېلىنغان بىرلىك ھوسۇلى 731.3 كىلوگىرامغا يېتىپ، 2018-يىلىدىكى شىنجاڭنىڭ كۈزگى بۇغدايدىن ئەمەلىي ئېلىنغان 724 كىلوگىراملىق بىرلىك ھوسۇل رېكورتىنى يېڭىلىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (لېي جۈنجيې فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 7-ئاينىڭ 4-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر لى جىخاۋ) تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالى دەل يازلىق ئاشلىقتىن ھوسۇل ئېلىش پەسلىگە كىردى. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى تاللاپ يېتىشتۈرگەن كۈزگى بۇغداينىڭ يېڭى سورتى شىندۇڭ 60-نومۇرنىڭ يېقىندا پوسكام ناھىيەسىدە ئەمەلىي ئېلىنغان بىرلىك ھوسۇلى 731.3 كىلوگىرامغا يېتىپ، 2018-يىلىدىكى شىنجاڭنىڭ كۈزگى بۇغدايدىن ئەمەلىي ئېلىنغان 724 كىلوگىراملىق بىرلىك ھوسۇل رېكورتىنى يېڭىلىدى.

يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقى بۇغداي مۇتەخەسسىسلىرى يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى يېقىندا شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى بۇغداي سورتى يېتىشتۈرۈش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ پوسكام بازىسىدىكى 100 مولۇق يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىغا كېلىپ، كۈزگى بۇغداينىڭ يېڭى سورتى شىندۇڭ 60-نومۇرنىڭ نەق مەيداندا ئەمەلىي ئېلىنغان ھوسۇلىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالدى.

مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى نەق مەيدانغا بېرىپ بۇغداينىڭ ئېتىزدىكى ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆرگەندىن كېيىن، «پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئاشلىقتىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش بويىچە ھوسۇلنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش چارىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئۆلچەش، ماشىنا بىلەن يىغىپ دېنىنى ئايرىش، ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش، سۇ تەركىبىنى ئۆلچەپ بېكىتىش، ئەۋرىشكە ئېلىپ ئارىلاشما نىسبىتىنى ئۆلچەپ بېكىتىش قاتارلىق ھالقىلار ئارقىلىق، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش پىكرىنى شەكىللەندۈردى.

مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئىختىيارىي تاللىغان بىرتۇتاش ئەمەلىي ھوسۇل ئېلىش كۆلىمى 3.18 مو، ئېلىنغان بۇغداي دېنىنىڭ ساپ ئېغىرلىقى 2346 كىلوگىرام، ئارىلاشما نىسبىتى %0.1، ئوتتۇرىچە سۇ تەركىبى مىقدارى %13.68 بولۇپ، %13لىك ئۆلچەملىك سۇ تەركىبى مىقدارى بويىچە سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا، شىندۇڭ 60-نومۇرنىڭ مو بېشى ھوسۇلى 731.3 كىلوگىرامغا يەتكەن. ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتىنىڭ بېكىتىشىچە، بۇ، شىنجاڭنىڭ كۈزگى بۇغدايدىن ئەمەلىي ئېلىنغان بىرلىك ھوسۇل رېكورتىنى يېڭىلىغان.

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ بۇغداي يېتىشتۈرۈش مۇتەخەسسىسى لېي جۈنجيې مۇنداق دېدى: بۇ ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىدا سۈپەتلىك ئۇرۇققا ياخشى ئۇسۇلنى يانداشتۇرۇش، سۇ بىلەن ئوغۇت بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ تېمىتىپ سۇغىرىش، بىر قېتىم دورا پۈركۈش ئارقىلىق كۆپ خىل ئالدىنى ئېلىش، سۇ تېجەپ ئوغۇت-دورا مىقدارىنى ئازايتىش قاتارلىق كۆپ خىل يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسى كۆجۈملەشتۈرۈپ قوللىنىلىپ، يۇقىرى ھوسۇللۇق-يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش، ئوغۇت-دورا مىقدارىنى ئازايتىش، ھوسۇلنى يېشىل ئاشۇرۇش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلغان. يۇقىرى ھوسۇل رېكورتىنىڭ يېڭىلىنىشى بۇغداينىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدا يەنىلا بىرقەدەر يۇقىرى مول ھوسۇل ئېلىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، يېڭى سورتنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش شىنجاڭنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى