تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

بۆجەن بېقىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېن شىشىن فوتوسى، خەۋىرى

6- ئاينىڭ 5- كۈنى، توشۇلۇش ئالدىدا تۇرغان بۆجەنلەرگە قاراپ، توختىمەمەتنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچى تولۇپ تاشتى.

6- ئاينىڭ 7- كۈنى، توشقان بېقىپ پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرگەن كۆپلىگەن كەنت ئاھالىسى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنى ئىزدەپ، توشقان بېقىشقا تىزىملاتتى.

پۇرچاقچى يېزىسىنىڭ كاسا شاخلىق كەنتىدە، باشلامچى كارخانىلار توشقان بورداش كاتىكىدىن 14نى قۇردى، كاتەكتىكى نەسىللىك توشقان 110 مىڭدىن ئاشتى. (6- ئاينىڭ 7- كۈنى تارتىلغان).

  «بۇ توشقانلار بىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشتىكى گۆھىرىمىز.» 6- ئاينىڭ 5- كۈنى، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ پۇرچاقچى يېزىسى كاسا شاخلىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى توختىمەمەت مەخپىز، بىر تەرەپتىن قاما توشقىنىنىڭ چوڭ بولۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي كۆرگەچ، بىر تەرەپتىن مۇخبىرغا شۇنداق دېدى.

  توختىمەمەت كاسا شاخلىق كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە. 2018- يىلى 7- ئايدا، قاراقاش ناھىيەسى ئىچكىرىدىن زامانىۋى چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق كارخانىسىنى كىرگۈزدى. بۇ كارخانا كەنت ئاھالىلىرىنى نەسىللىك توشقان، يەم - خەشەك ۋە باقمىچىلىق تېخنىكىسى قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى. خوتەن ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك رادىيو - تېلېۋىزىيە مەكتىپىنىڭ كاسا شاخلىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، بۇلتۇر 10- ئايدا، توختىمەمەت 55 نەسىللىك توشقان باقتى.

  توختىمەمەت مۇنداق دېدى: «بۆجەن 50 كۈن بېقىلغاندىن كېيىن سېتىۋېلىش تەلىپىگە يېتىدۇ، ھازىرغا قەدەر ئالتە تۈركۈم بۆجەن سېتىپ، 5000 يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلدىم.»

  نۆۋەتتە، قاراقاش ناھىيەسى تۆت يېزا - بازاردا توشقان باقمىچىلىق بازىسى قۇرۇپ، باقمىچىلىق پارنىكىدىن 150نى سالدى، پۈتۈن ناھىيەدىكى 1200دىن ئارتۇق نامرات ئائىلە بۇنىڭغا قاتناشتى. قاراقاش ناھىيەسى بۇنىڭدىن كېيىن باشلامچى كارخانىلارنى داۋاملىق يۆلەپ، قاما توشقىنى كەسپىنىڭ ئىنچىكە پىششىقلاش كەسىپ زەنجىرىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئائىلىنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ