تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش

نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق كىرېدىتىنى باشقۇرۇش يەنىمۇ كۈچەيتىلىدۇ

ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «پىكىر» ئېلان قىلدى

نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق كىرېدىتىنى باشقۇرۇش يەنىمۇ كۈچەيتىلىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېي خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق كىرېدىتىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق كىرېدىتىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق كىرېدىتىنى ئىشلىتىش جەھەتتە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى قەتئىي توسۇپ، نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق كىرېدىت كەسپىنىڭ ساغلام، قېلىپلاشقان تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

«پىكىر»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: نۆۋەتتە نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق كىرېدىتىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇشتا چوقۇم ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، يەنى بىر قولدا دەل جايىدا قەرز بېرىشنى تۇتۇپ، قەرز بېرىشكە بولىدىغانلىرىغا تولۇق قەرز بېرىپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ھەمدەم بولۇش؛ بىر قولدا باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق كىرېدىتىدە ئاساسلىقى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرگە مەدەت بېرىلىدۇ، بۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نامرات ئاھالىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىدە نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق كىرېدىتى ھەم داۋاملىق قەرز ئېلىش ۋە مۇددىتىنى ئۇزارتىشتىكى تۈرلۈك سىياسەتلەر ئۆزگەرمەي ساقلاپ قېلىنىدۇ. ئومۇمەن ئالاقىدار شەرتكە ئۇيغۇن كەلسە، قەرز بېرىشنى ئۈستىگە ئالغان بانكا ئاپپاراتى نامرات ئاھالىلەر ئۈچۈن قەرز ئېلىش، داۋاملىق قەرز ئېلىش ۋە مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى بېجىرىپ بېرىپ، نامرات ئاھالىلەرگە كۆپ قېتىم نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق كىرېدىتى تارقىتىپ، قەرز بېرىشكە بولىدىغانلىرىغا تولۇق قەرز بېرىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلسا بولىدۇ.

«پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: قەرزنى چىقىم قىلىش دائىرىسىنى چىڭىتىش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق كىرېدىتىدە ئاھالە قەرز ئېلىش، ئاھالە ئىشلىتىش، ئاھالە قايتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نامرات ئاھالىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇشىغا دەل جايىدا ئىشلىتىش كېرەك، توي قىلىش، ئۆي سېلىش، روزغارچىلىق، ئائىلە لازىمەتلىكلىرىنى سېتىۋېلىش قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىشتىن باشقا چىقىمغا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، ھۆكۈمەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇپىسى، ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت كارخانىلىرى قاتارلىقلارغا مەركەزلىك ئىشلىتىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ. نامرات ئاھالە ئۆزى ئىختىيار قىلغان ۋە تىجارەتكە قاتناشقان ئەھۋالدا، ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش شەكلىنى قوللىنىپ، نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق كىرېدىت مەبلىغىنى نامرات ئاھالىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولىدىغان خاس ئەۋزەل كەسىپلەرگە ئىشلىتىپ، نامرات ئاھالىنى كەسىپ تەرەققىياتىغا سىڭدۈرۈشكە ھەم ئۇزاققىچە نەپكە ئېرىشتۈرۈشكە بولىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ياردەمچىسى تيەن دى مۇنداق دېدى: «پىكىر» قەرز بېرىشتىن ئىلگىرى ئۈچ دەرىجىلىك بىرلىشىپ تەكشۈرۈشنى چىڭىتىش، قەرز پۇل تارقىتىشنى چىڭىتىش، قەرز بەرگەندىن كېيىنكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى چىڭىتىش، خەۋپ - خەتەرنى كونترول قىلىشنى چىڭىتىشتىن ئىبارەت تۆت بۆلەك 18 ھالقا ئارقىلىق، ھەرقايسى قاتلام، دەرىجە، ھەرقايسى ھالقىلارنىڭ ۋەزىپە ۋە مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق كىرېدىتىنى ئىلتىماس قىلىش، تەكشۈرۈپ بېكىتىش، تارقىتىشتىن تارتىپ قەرز بەرگەندىن كېيىنكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، قەرزنى قايتۇرۇۋېلىش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشقىچە بولغان يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش