تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قومۇل سۇ تېجەش ۋاسىتىلىرىدىن ‹‹تولۇق پايدىلاندى››

  سۇ بايلىقى ئۈنۈمىنى ئەڭ زور دەرىجىدە تىرىشىپ جارى قىلدۇردى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: سۇ تازىلاش پونكىتى، كۆمۈرلۈك كېرەكسىز سۇنى بىر تەرەپ قىلىش پونكىتى، سانائەت كېرەكسىز سۈيىنى بىر تەرەپ قىلىش پونكىتى... يېقىندا، مەن قومۇل كۆمۈر ئېلېكتىر چەكلىك شىركىتىنىڭ دانەنخۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا بارغىنىمدا، تۈرلۈك سۇ بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىنى كۆردۈم. مەزكۇر شىركەت ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى پېڭ گۇاڭمىڭ مۇنداق دېدى: كارخانىنىڭ سۇ چىقىرىش ئېغىزى لايىھەلەنمىگەن، سۇ بايلىقىدىن ئايلانما پايدىلىنىدۇ. تۈرلۈك سۇ تېجەش ۋاسىتىلىرىدىن ‹‹تولۇق پايدىلىنىش›› ئارقىلىق، كارخانىنىڭ ھەر يىلى تەكرار ئىشلەتكەن سۇ مىقدارى تەخمىنەن 800 مىڭ كۇب مېتىرغا يەتتى.

  دانەنخۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قومۇلنىڭ سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگەنلىكىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى. قومۇلدا سۇ ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان سۇ بايلىقى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىنىڭ ئاران يېرىمىغا توغرا كېلىدۇ. قومۇل شەھەرلىك سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تيەن يادۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىز ئىنچىكىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىرىشىپ سۇ بايلىقى ئۈنۈمىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇردۇق. قومۇل شەھىرى شۇ جايدىكى ئاساسلىق زىرائەتلەرگە، ئاساسلىق سانائەت مەھسۇلاتلىرىغا، شەھەر تۇرمۇشىدا سۇ ئىشلىتىش نورمىسىنى سىناق قىلىپ، تەھلىل قىلىپ، ئۈزۈم، قوغۇن قاتارلىق توققۇز خىل زىرائەت، ئون ساھەنىڭ 25 چوڭ تۈرىدىكى 199 خىل ئاساسلىق سانائەت مەھسۇلاتى، شۇنداقلا شەھەرنىڭ 22 سۇ ئىشلىتىش تىپىدىكى 35 تۈرلۈك سۇ ئىشلىتىش نورما ئۆلچىمىنى تۈزۈپ چىقىپ يولغا قويدى.

  يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەش جەھەتتە، قومۇل ‹‹يەرنىڭ نورمىسى بولۇش، ئائىلىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى بولۇش››تىن ئىبارەت مىقدارلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، 1 مىليون مو يەرنى مىقدارلاشتۇرۇپ باشقۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى ھەر مو يەرنىڭ ئۇنىۋېرسال سۇغىرىش نورمىسىنى 487 كۇب مېتىرغا تۆۋەنلەتتى. سۇنى كۆپ تەلەپ قىلىدىغان زىرائەتلەرنىڭ كۆلىمىنى قەتئىي كېڭەيتمىدى، قانۇنسىز بوز يەر ئېچىش، قانۇنغا خىلاپ سۇ ئېلىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى ۋە ئۇنىڭغا زەربە بەردى. ئېۋىرغول رايونىنىڭ بۇلۇڭتوغراق يېزىسىدىكى تېرىقچىلىق ئائىلىسى تېڭ ۋېيشىن مۇنداق دېدى: گەرچە سۇ ئىشلىتىش مىقدارى كېمەيتىلگەن بولسىمۇ، سۇ تۈجۈپىلەپ ئشلىتىلگەچكە، زىرائەت ھوسۇلىغا تەسىر يەتمىدى.

  سانائەتتە سۇ تېجەش جەھەتتە، قومۇل ‹‹مەھسۇلاتنىڭ نورمىسى بولۇش، كارخانىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى بولۇش››تىن ئىبارەت مىقدارلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى كۈچەپ كېڭەيتتى. قومۇل شەھەرلىك سۇ مەمۇرىيىتى – سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەسقەر ھەسەن مۇنداق دېدى: قومۇل سۇ بايلىقىنى دەلىللەشتە ‹‹بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش تۈزۈمى››نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈردى، يېڭىدىن قۇرۇلغان سانائەت تۈرىدە چوقۇم دۆلەت ئىچىدىكى ساھەلەرنىڭ سۇ تېجەشتىكى ئىلغار تېخنىكىسى، ئىلغار ھۈنەر – سەنئىتىنى ھازىرلاش شەرت قىلىندى. ھازىر شەھەر بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى ۋە نۇقتىلىق سانائەت كارخانىلىرىنىڭ نورما بەلگىلەپ باشقۇرۇشى %100كە يەتتى، باشقا سانائەت كارخانىلىرىنىڭ نورما بەلگىلەپ باشقۇرۇشى %98كە يەتتى.

  قومۇل ‹‹سۇ تېجەشچان شەھەر››نى تىرىشىپ قۇرماقتا، ھازىر سۇ تېجەشچان ئىلغار، ئۈلگىلىك ئورۇندىن جەمئىي 177سى بارلىققا كەلتۈرۈلدى. ھازىر شەھەرنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلغان ئاممىۋى ئەسلىھەلىرى، تۇرالغۇ ئۆيلەردە سۇ تېجەش ئۈسكۈنىسىنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتى %100كە يەتتى، سۇ تېجەش ئۈسكۈنىسىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %90تىن، شەھەرنى يېشىللاشتۇرۇشتا سۇ تېجەش كۆلىمى %96تىن ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى