تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھىتى رەسمىي باشلاندى

   ئەركىن چاڭغا تېيىلىش بوشلۇقتا ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىدە تۇنجى دۇنيا چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن چاڭغا تېيىلىش تەنھەرىكەتچىسى گو دەندەن باشچىلىقىدىكى دۆلەت چاڭغا تېيىلىش كوماندىسى شىنجاڭ گۇرۇپپىسىدىكى چاڭغا تېيىلىش ماھىرلىرىنى باشلاپ مەشئەلنى تاغ چوققىسىدىن تاغ ئېتىكىگە يەتكۈزمەكتە.

   ئۆز خەۋىرىمىز: ئالتاينىڭ قارلىق تاغ چوققىسىدا قار-مۇز مەشئىلىگە ئوت يېقىلىشى بىلەن جۇڭگو قار شەھىرى ___ ئالتاي تۇنجى چاڭغا تېيىلىش مۇراسىمى باشلاندى، بۇ شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھىتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  2018-يىللىق شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ۋە جۇڭگو قار شەھىرى چاڭغا تېيىلىش مۇراسىمى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى ئالتاي شەھىرى ئالتاي تېغىنىڭ دالىدا قار تېيىلىش باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ۋە ئالتاي ۋىلايىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئالتاي شەھىرى ۋە جۇڭگو ياشلار ساياھەت كوپىراتىپى بىرلەشمىسى (بېيجىڭ) ئاممىۋى مۇناسىۋەت مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى