تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق ھېسسىياتىنى ئورتاق بايان قىلىش، ئۇلۇغ ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بەس-بەستە جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭدىكى تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە باردى

     تۇغقانلار بىلەن بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا بىللە قاتنىشىش، مول ھوسۇل شادلىقىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش، يۇرتتىكى ئۆزگىرىشلەرگە ئورتاق گۇۋاھ بولۇش... ‹‹ئۆكتەبىر بايرىمى›› مەزگىلىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق، چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭدىكى يېزا، كەنت، مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، تۇغقانلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ، قەلبداش بولۇپ، ئۇلارغا قانۇن، سىياسەت، ئىللىقلىق، مەدەنىيلىك يەتكۈزدى، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى تىيانشاننىڭ جەنۇبى، شىمالىدا قىزغىن قانات يايدۇرۇلدى. ‹‹كومپارتىيە ياخشى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز ياخشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ياخشى›› ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئورتاق قەلب ساداسىغا ئايلاندى.
    تۇغقانلىرىنى ئېلىپ تۇغقان يوقلاش
     10-ئاينىڭ 1-كۈنى ئەتىگەندىلا، يەكەن ناھىيەسىنىڭ بەشكەنت بازىرى تاتاساڭ كەنتىدىكى تۇرسۇن ئاتاۋۇللا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە كەنت يولى ئېغىزىغا كەلدى. بۈگۈن ئۇنىڭ تۇغقىنى ‹‹چېن ئاكا›› كەنتكە كېلىپ، ئۇلار بىلەن بايرامنى بىللە ئۆتكۈزمەكچى ئىدى. ‹‹چېن ئاكا›› ئاپتونوم رايونلۇق زېمىن بايلىقى باشقۇرۇش كادىرلىرىنى تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ مۇدىرى چېن يەنگۈي ئىدى.
    تۇرسۇن يىراقتىن چېن يەنگۈينى كۆرۈپ، تېزلىكتە ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ: ‹‹ئاكا، يېقىندىن بېرى ياخشى تۇرغانسىز؟›› دېدى. ‹‹ياخشى! بۈگۈن دۆلەت بايرىمى، بىز بايرامنى بىللە ئۆتكۈزەيلى!›› ئىككىيلەن بىر-بىرىنىڭ قولىنى مەھكەم سىقىشتى.
    ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن، تۇرسۇن خۇشال ھالدا چېن يەنگۈيگە: پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى بىلەن تۇرمۇشىمىز كۈندىن-كۈنگە ياخشىلاندى، ھازىر ھەممە ئائىلە ھويلا-ئاران ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ، مەن ئائىلەمدە ئۈزۈم ئۆستۈردۈم، بىر پارچە كۆكتاتلىقىم بىلەن بىر كىچىك لاپىسىم بار، بۇ يىل تېخىمۇ كۆپ كىرىم قىلالايمەن. بۈگۈن بايرام، مەن سىزنى قۇما كەنتىگە بېرىپ ئاتا-ئانامنى كۆرۈپ كېلىشكە تەكلىپ قىلىمەن، ھەممەيلەن جەم بولۇپ بايرامنى بىللە ئۆتكۈزەيلى، دېدى. ‹‹بولىدۇ، بىز ھازىرلا بارايلى››، چېن يەنگۈي تۇرسۇننىڭ قولىنى تۇتۇپ ئۆيدىن چىقتى.
    ئۇزاق ئۆتمەي، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتقا ئولتۇرۇپ قۇما كەنتىگە كەلدى، تۇرسۇننىڭ ئاتا-ئانىسى، ئاكىسى، ئاچىسى قاتارلىقلار بۇرۇنلا ئىشىك ئالدىدا ساقلاپ تۇرغانىدى، تۇرسۇننىڭ دادىسى خۇشاللىقىدا چېن يەنگۈينى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ: پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى ئائىلىمىزدىكىلەرنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈردى، يەنە تېخى ماڭا ئۈرۈمچىدىن بىر تۇغقان ئەكىلىپ بەردى، ھەممىمىز دۆلەت بايرىمىنى بىللە تەبرىكلەيلى، بۇ بايرام بەك ئەھمىيەتلىك ئۆتىدىغان بولدى! دېدى. بىر ئائىلە كىشىلىرى كاڭدا ئولتۇرۇپ بىللە تاماق يېدى، بىللە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىدى، پۈتۈن ھويلا شاد-خۇراملىققا تولدى. چېن يەنگۈي مۇنداق دېدى: ياخشى تۇرمۇشىمىز پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن كەلگەن، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭغا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللىنىپ، بېيىپ قۇدرەت تېپىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈشىمىز كېرەك!
    تۇغقانلار بىلەن بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ بايرامنى تەبرىكلەش
    10-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئاچاتاغ يېزىسى توقسۇن تېتىر كەنتىدىكى قوشماقلاشقان تۇغقانلارنى ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئۇيۇشتۇردى، كۆپچىلىك بىرلىكتە ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى زامانىۋى تۇرالغۇ مەھەللىسى، چارۋىچىلىق-باقمىچىلىق كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپى، كارخانا ئىشلەپچىقىرىش سېخى قاتارلىقلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، يەنە ئىنقىلابىي كىنو كۆردى.
    60 ياشلىق كەنت ئاھالىسى ئاقنىياز ھاپىز مۇنداق دېدى: بۈگۈن بىز كۆرۈۋاتقان بۇ غايەت زور ئۆزگىرىشلەر ھەقىقەتەن ئەتراپىمىزدا يۈز بەردى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى بولسىلا، باش شۇجى شى جىنپىڭدەك مۇشۇنداق ئۇلۇغ داھىي بىزنى ئالغا يېتەكلەپ ماڭسىلا، تۇرمۇشىمىز چوقۇم كۈندىن-كۈنگە تېخىمۇ ياخشىلىنىدۇ!
    10-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ليۇ شياۋۋېن كادىر، ساقچىلار بىلەن بىللە ھال سوراش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ، سەيۋوپۇ باشقۇرۇش كومىتېتى بەيياڭگۇ كەنتىگە كېلىپ قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنى يوقلىدى ھەم كەنت ئاھالىلىرىگە قانۇننى تەشۋىق قىلدى.
    خالىمە قاتىران ليۇ شياۋۋېننىڭ تۇغقىنى، ئۇ مۇنداق دېدى: ھېيت-بايراملاردا تۇغقىنىم دائىم سوۋغات ئېلىپ ئۆيۈمگە كېلىپ، تېخى يەنە دېھقانچىلىق ئىشلىرىمغا ياردەملىشىپ، مېنى تولىمۇ تەسىرلەندۈردى. سوتچى تۇغقىنىمنىڭ ياردىمىدە، بىز قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگەندۇق، قانۇنچىللىق قارىشىمىز كۈچەيدى، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى تېخىمۇ چۈشەندۇق. مەن بالىلىرىمغا تىرىشىپ ئۆگىنىپ، چوڭ بولغاندا جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرىمەن.
    تۇغقانلىرى بىلەن بىللە بايراق چىقىرىش
    «مەن ۋەتەن قوينىدا ھەردەم، ئايرىلمايمەن ئۇنىڭدىن پەقەت، مەيلى ئۆزۈم نەدىلا بولاي، مەدھىيەلەيمەن ئۇنى تائەبەت...» 10-ئاينىڭ 4-كۈنى، قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى يۇڭخۇڭ مەھەللىسىدىكى 83 ياشلىق بوۋاي مۆمىن شاكىرنىڭ ئۆيىدە ناخشا ساداسى، كۈلكە ئاۋازى ئۈزۈلمەيتتى. قاراماي شەھەرلىك مالىيە ئىدارىسىنىڭ كادىرى جىن يۇڭبىن خوتۇنى دەي جىڭنى ئېلىپ، قوشماقلاشقان تۇغقىنىنى يوقلىغىلى كەلگەنىدى.
‹‹شياۋجىن ئەر-خوتۇن خۇددى ئۆز نەۋرىمىزگە، نەۋرە كېلىنىمىزگە ئوخشايدۇ، دائىم كېلىپ بىزگە ھەمراھ بولىدۇ، ئۇلارنى كۆرسەك خۇشال بولۇپ كېتىمىز›› دېدى مۆمىننىڭ خوتۇنى ھاياجانلانغان ھالدا.
    دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، 10-ئاينىڭ 1-كۈنى جىن يۇڭبىن مۆمىن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە مەھەللىگە بېرىپ بايراق چىقىرىش پائالىيىتىگە قاتناشتى، جىن يۇڭبىن يەنە مۆمىن بوۋاي بىلەن بىللە ئىشىك ئالدىغا دۆلەت بايرىقىدىن بىرنى قادىدى.
    بوۋاي-موماي ياشىنىپ قالغان، يەنە كېلىپ پەرزەنتلىرى يېنىدا بولمىغاچقا، ھەر قېتىم ئاغرىپ قالغاندا جىن يۇڭبىن ئەڭ ئاۋۋال ئۇلارنى دوختۇرخانىغا ئاپىراتتى. «بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلۈشى، ئۆزئارا كۆيۈنۈشى كېرەك» دېدى جىن يۇڭبىن.
    ئۇنتۇلغۇسىز دۆلەت بايرىمىلىق سوۋغات
    بۇ يىل دۆلەت بايرىمىدا، كوناشەھەر ناھىيەسى سايباغ يېزىسى ئاچال كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىر ئالاھىدە سوۋغاتقا ئېرىشتى. ئەنخۈي خېفېيدە كىتابخانا ئاچىدىغان خې شۈن ئاچال كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا 100 پارچىدىن كۆپرەك بالىلار ئوقۇشلۇقى سوۋغا قىلغانىدى.
    بۇلتۇر خې شۈن شىنجاڭغا ساياھەتكە كەلگەندە، شىنجاڭلىقلارنىڭ قىزغىن، مېھماندوستلۇقى ئۇنىڭدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان بولۇپ، كىتابخانا ئاچىدىغان خې شۈن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بالىلارغا بىرەر ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشنى قارار قىلغانىدى.
    ئەنخۈيگە قايتقاندىن كېيىن، خې شۈن ساياھەت جەريانىدا تونۇشقان ساياھەت يېتەكچىسى ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتىنىڭ كادىرى ياڭ شياۋ بىلەن ئالاقىلەشتى، ياڭ شياۋنىڭ ياردىمىدە، خې شۈن ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتىنىڭ كوناشەھەر ناھىيەسى سايباغ يېزىسى ئاچال كەنتىدە تۇرۇشلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتى بىلەن ئالاقىلەشتى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئادالەت ئابدۇرېھىم خې شۈن بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلىشىپ، بىر قىسىم نامرات ئوقۇغۇچىلارنى سوۋغات بېرىدىغان ئوبيېكت قىلىپ بېكىتتى. خې شۈن بالىلارنىڭ ئوقۇشىغا ماس كېلىدىغان پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئوقۇشلۇقىنى كۆڭۈل قويۇپ تاللاپ، ئاچال كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىگە ئەۋەتىپ بەردى.
     خې شۈن تاغامغا رەھمەت، خىزمەت ئەترىتىدىكى تاغا، ھەدىلىرىمگە رەھمەت،  دېدى بۇ يىل باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇيدىغان مۇنىرە ئابلىكىم دەرستىن سىرتقى ئوقۇشلۇقنى ئالغاندىن كېيىن خۇشال ھالدا،  بۇ مەن ئېرىشكەن ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز دۆلەت بايرىمىلىق سوۋغات بولدى، مەن چوقۇم ياخشى ئۆگىنىپ، ئەلا نەتىجەم بىلەن ۋەتەنگە، بىزگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تۇغقانلىرىمىزغا جاۋاب قايتۇرىمەن.
    (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى  لى ياڭ، ما يىنىڭ، شى شىن، ياڭ شۇخەن، ليۇ يى، خېي خۇڭۋېي، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز خەن جيايۈ يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى