تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۆز قولىدا «توقۇلغان» گۈزەل تۇرمۇش

      ئىلاۋە: «بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ»، «كۈرەش قىلىشنىڭ ئۆزى بىر بەخت»، «يېڭى دەۋر كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ دەۋرى»... رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2018-يىللىق چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنىدىكى سۆزىگە «كۈرەش» تىن ئىبارەت بۇ دەۋر باش تېمىسى مەركەزلەشكەن، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچى مۇجەسسەملەنگەن.

      تورىمىز «بەختلىك كۈرەش قىلغۇچىلار» تېمىسىدا چاتما خەۋەرلەر ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ تىرىشىپ كۈرەش قىلىشتىكى جانلىق ھېكايىلىرى، يېڭى دەۋردىكى كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ يېڭىچە قىياپىتى، يېڭىچە مۇۋەپپەقىيەتلىرى، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، خالىس تۆھپە قوشۇش روھى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇۋاتقان شىنجاڭ ئوغۇل ـ قىزلىرىنىڭ نەمۇنىلىك ھېكايىلىرىنى بايان قىلىمىز.

  ئاسىگۈل خىزمەت قىلماقتا.

      مۇخبىرىمىز ما شاۋبىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاڭ لى خەۋىرى، فوتوسى: «ئاپا، مەن بۇ يەردە شۇنداق ياخشى تۇرۇۋاتىمەن، ئۆگۈنلۈككە دەم ئالىمىز، مائاشىمىزنىمۇ بەردى، سىلەرگە ئەۋەتكەن پۇللارنى خاتىرجەم ئىشلىتىڭلار.» 2-ئاينىڭ 28-كۈنى فابرىكا ئاشخانىسىدا چۈشلۈك تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن 21 ياشلىق ئاسىگۈل مۇقاش ئاپىسىغا تېلېفون قىلىۋاتاتتى.

      ئارزۇيۇم تاغنىڭ سىرتىدىكى دۇنيانى كۆرۈش

      ئاسىگۈل ئونسۇ ناھىيەسى بوزدۆڭ قىرغىز مىللىي يېزىسى بوزدۆڭ كەنتىدىن. بۇ كەنتتىكى ئاياللارنىڭ ھەممىسى قىرغىز كەشتىچىلىكىگە ماھىر بولۇپ، كەنتتىكى بۇرۇل سەكەك دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت ۋارىسىدۇر.

     بۇ كەنتتىكى كىشىلەر چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئاسىگۈل نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن پەقەت تىرىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك دەپ قارايدۇ. ئۇ «بەختنىڭ پەقەت كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقى »غا ئىشىنىدۇ.

      ئاسىگۈل بۇرۇنلا ئانىسىدىن كەشتىچىلىكنى ئۆگەنگەن بولۇپ، كەلگۈسىدە بۇرۇلغا ئوخشاش داڭلىق كەشتىچى بولۇپ، تاغدىن چىقىپ، كەشتىچىلىك ھۈنىرىگە تايىنىپ شەھەردە مۇقىم خىزمەت تېپىپ، ئۆز تۇرمۇشىنى قامداپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشنى كۆڭلىگە پۈككەن ئىدى.

      ئارزۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئاسىگۈل ئانىسىدىن كەشتىچىلىكنى ناھايىتى ئەستايىدىل ئۆگىنىپلا قالماي يەنە ۋاقىت تاپسىلا بۇرۇلنىڭ يېنىغا بېرىپ ماھارەت ئىگىلىدى.

      ئاسىگۈل ئۆز قولى بىلەن تىكىلگەن چىرايلىق كەشتىلەرنى كۆرگىنىدە ئۆزىدىن شۇنچىلىك مەمنۇن بولاتتى.

      تىرىشىش ئارقىلىق ئۇ ئاخىرى توقۇمىچىلىق ئىشچىسى بولدى

      كەنتتىكى ئاياللاردەك ئاسىگۈلمۇ كەنتكە ساياھەتكە كەلگەنلەرگە كەشتىسىنى سېتىپ پۇل تاپماقچى بولدى. بىراق بۇنىڭ بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلغىلى بولمايتتى.

      2017-يىلى 11-ئايدا ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى يېزا (بازار)لىرىدە تەشكىللىك ھالدا ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، كەنتتىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىشىگە ياردەم بەردى، ئاسىگۈلمۇ تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتنىشىپ، بۇنىڭ تەقدىر ئۆزگەرتىشتىكى بىر قېتىملىق پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.

      «دەسلەپتە ئورتاق تىلنى ياخشى بىلمەي ئوقۇتقۇچىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى بىلەلمىدىم»، دېدى ئاسىگۈل. بىراق ئۇ كۆڭلىدە قانچە قىيىن بولسىمۇ، ماھارەتنى ياخشى ئىگىلەشنى پىلانلىدى، شۇنداق بولغاندىلا ئۇ ئاندىن تاغدىن چىقىپ كېتەلەيتتى.

      باشقىلار ئارام ئالغاندا ئۇ ساۋاقداشلىرىنىڭ خاتىرىسىنى ئېلىپ ئۆگەندى، دەرستىن چۈشكەندە چۈشەنمىگەن نۇقتىلارنى مۇئەللىمدىن سوراپ ئۆگەندى.

      ئاخىرقى غەلىبە تىرىشقانلارغا مەنسۇپ، شۇ قېتىملىق تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشقاندىن كېيىن ئاسىگۈل خۇافۇ توقۇمىچىلىق فابرىكىسىدا پىراكتىكانت بولدى.

      10 كۈنلۈك سىناق مەزگىلىدە ئاسىگۈل ئۇستازىدىن تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى سورىغاندىن سىرت، يەنە ئورتاق تىل سەۋىيەسىنى ئۇستازى ئارقىلىق تېخىمۇ پىششىقلىدى. ئۇ ئۆز تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئۇستازى ۋە فابرىكىدىكى كونا خىزمەتچىلەرنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشىپ، رەسمىي توقۇمىچىلىق ئىشچىسىغا ئايلاندى.

      بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ

      «تۇنجى ئېيىدا مەن 2000 يۈەن مائاش ئالدىم، يەنە 600 يۈەن تاماق تولۇقلىمىسىمۇ بار، مەن بۇنىڭدىن ھاياجانلىنىپ كېچىچە ئۇخلىيالمىدىم»، دېدى ئاسىگۈل. ئاپىسىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس، يەنە سىڭلىسى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بولغاچقا، ئۇ مائاشىنى ئۆيىدىكىلەرگە ئەۋەتتى.

      ئاسىگۈلنىڭ ئېيتىشىچە،  فابرىكا ياتاق، تاماق بىلەن تەمىنلەيدىكەن، ئىشقا بېرىپ كېلىشتىمۇ مەخسۇس ئاپتوموبىل بار ئىكەن، شۇڭا پۇل خەجلىگۈدەك جاي بولمىغاچقا، ئۇ مائاشىنىڭ ھەممىىنى ئۆيدىكىلەرگە ئەۋەتىۋەتكەن.

      2-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئاسىگۈل قىسقا يەڭلىك مايكا كىيىۋالغان بولۇپ، ئۇ ئەگەر تاغدا يۈرگەن بولسا 5-ئايدىمۇ يەنىلا پاختىلىق كىيىملەرنى كىيىپ يۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

      «بىز ھازىر شۇنداق ياخشى تۇرۇۋاتىمىز، كۈندە 8 سائەت ئىشلەيمىز، بىر ھەپتىدە ئىككى قېتىم ئورتاق تىل ئۆگىنىمىز، زاۋۇت يەنە تېخى بىزگە ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ بېرىدۇ، تۇرمۇشىمىز ناھايىتى رەڭدار.» ھەر قېتىم ئائىلىسىدىكىلەر ۋە كەنتتىكىلەرگە ئۆزىنىڭ خىزمىتى ھەققىدە سۆزلىگىنىدە ئاسىگۈل تولىمۇ پەخىرلىنەتتى.

      ئاسىگۈل خۇافۇ زاۋۇتىدا ئىلغار تېخنىكىلارنى ئۆگىنىپلا قالماي، ھازىر يەنە ھەر ئايدا 3000 يۈەندىن ئارتۇق مائاش ئالىدىغانلىقىنى، يەنە دوستلار بىلەن تونۇشقانلىقىنى، بۇلارنى ئىلگىرى ئويلاپمۇ باقمىغانلىقىنى ئېيتتى.

      « ئۆزۈمنىڭ تاغ باغرىدىن ئايرىلىپ سىرتتىكى دۇنيا بىلەن ئۇچرىشالايدىغانلىقىمنى ئەزەلدىن ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم»، دېدى ئاسىيگۈل. ئۇ بەختنىڭ كۈرەش قىلىشتىن كېلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن يەنىمۇ تىرىشىپ، ئورتاق تىلنى ياخشى ئۆگىنىپ، تېخنىكىلارنى ياخشى ئىگىلەپ، ئۆز قولى ئارقىلىق تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇش يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى