تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، تېرىلغۇ تەييارلىقىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك

لى پېڭشىن سانجى ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، تېرىلغۇ تەييارلىقىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۈي خەۋەر قىلىدۇ: 4- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن 6- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى ۋە گۇچۇڭ ناھىيەسىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، تېرىلغۇ تەييارلىقىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، تېرىلغۇ تەييارلىقىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى سىجىل چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى ئىستىقباللىق كەسىپكە ئايلاندۇرۇش، دېھقان بولۇشنى جەلپكار كەسىپكە ئايلاندۇرۇش، يېزىلارنى خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان گۈزەل يۇرت - ماكانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  ئىللىق باھاردا ئوت - چۆپلەر كۆكىرىپ، دەل - دەرەخلەر بىخ سۈردى. لى پېڭشىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ دانەنگوۋ ئۆزبەك يېزىسى، ئېگىنبۇلاق يېزىسى ۋە گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ بەنجېگوۋ بازىرى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، ئېتىز - ئېرىق باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى زاپىسى بىلەن تەمىنلەش، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش، يېزا - كەنتلەرنىڭ كەسىپ تەرەققىياتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلدى.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر دەل ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، تېرىلغۇ تەييارلىقىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى بىلەن تەمىنلەشنى تەشكىللەشنى ياخشى ئىشلەپ، بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇقلۇق، خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى قاتارلىق ماددىي ئەشيالار بىلەن يېتەرلىك تەمىنلەش، سۈپىتىنىڭ ئىشەنچلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئېتىز پەرۋىشى ۋە يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى بويىچە يېتەكلەش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، مايسا ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا ئاساس سېلىش كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە ئۇسۇلى، يولىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، يېزا - كەنتلەردە كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيەنى گۈللەندۈرۈش، تەشكىلاتلارنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنىڭ تىجارەت شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، يېزا يەرلىرىنىڭ تەرتىپلىك ئوبوروت قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، يېزىلارنىڭ مىكرو سۇبيېكتلىق ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يېزىلاردىكى 1-، 2-، 3- كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ كەسىپ سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. كۆممىقوناق تېرىقچىلىقىنىڭ كۆلىمى زور بولۇش، شاخ - شۇمبا قاتارلىق يەم - خەشەك بايلىقى مول بولۇشتەك ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، دېھقانچىلىق رايونلىرى چارۋىچىلىقىنى گەۋدىلىك راۋاجلاندۇرۇپ، سۈتچىلىكنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، سۈت مەھسۇلاتلىرى كەسپىنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، زامانىۋى چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. «مىڭلىغان كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، ئونمىڭلىغان كەنتنى تۈزەش» قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئۇل ئەسلىھە، ئاممىۋى مۇلازىمەت، يوللارنى قاتتىقلاشتۇرۇش، پاسكىنا سۇنى تۈزەش قاتارلىق تەرەپلەردە دەرىجە - سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنى تازىلىق قىلىش، كۆكەرتىش بىلەن شۇغۇللىنىش، قۇرۇلۇش قىلىش، باشقۇرۇش ۋە پەرۋىش قىلىشقا تەشكىللەپ، سەپەرۋەر قىلىپ، ئۆز يۇرت - ماكانىنى ياخشى قۇرىدىغان قىلىپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىدىكى ئۈلگىلىك كەنت بولۇشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكنىڭ دائىرىلىك، مەنبەلىك بۇلغىنىشىنى تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك ئايلانما يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، چارۋا، ئۆي قۇشلىرىنىڭ قىغ - ماياقلىرى، شاخ - شۇمبا، سولياۋ يوپۇق قاتارلىق يېزا ئىگىلىكىدىكى تاشلاندۇقلارنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ساغلام يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە داۋالاش ئۆمىكى تەشكىللەش ئەندىزىسىگە تايىنىپ، «داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى» داۋالاش مۇلازىمىتى سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىي كەنت - بازار، مەدەنىي ئائىلە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، فېئودال خۇراپاتلىق ۋە كونا قائىدە، ناچار ئادەتلەرنى تۈگىتىپ، سوتسىيالىستىك ئىدىيە - ئەخلاقتىن پايدىلىنىپ، يېزىلارنىڭ ئىدىيە - مەدەنىيەت بازىسىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى ئۆز - ئۆزىنى ئىدارە قىلىش، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىشتىكى سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان، ئىناق، تەرتىپلىك، ماھىرلىق بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان يېزا - كەنت بەرپا قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ