تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تارباغاتاي ساياھەتچىلىكىنىڭ كوزىرىغا ئايلاندى

لۇ يەن

   ئىلاۋە: تارباغاتاينىڭ كۆپكۆك ئاسمىنى كىشىدە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرىدۇ.
   2017– يىلى 20-نويابىر چۆچەك شەھىرىدە زىيارەتتە يۈرۈپ، ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، كۆپ–كۆك ئاسمان، ئاپئاق بۇلۇت ۋە ساپ ھاۋادىن ھۇزۇرلىنىشنىڭ شۇ قەدەر ھۇزۇرلۇق ئىش ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم.

    يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇ داڭلىق ساياھەت ماركىلىرىنى ياراتتى
   چۆچەك شەھىرىنىڭ ئاسمىنى نېمىشقا شۇنچە كۆك، ھاۋاسى نېمىشقا شۇنچە ساپ؟
   چۆچەك شەھىرى قانداق قىلىپ بۇلاق سۇلىرى شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرىدىغان، قۇشلار سايرىشىپ تۇرىدىغان، ھاۋا سۈپىتى رەت تەرتىپىدە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى 6–ئورۇندىن 12–ئورۇنغىچە تۇرىدىغان شىنجاڭدىكى بىردىن بىر شەھەر بولالىدى؟
   تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، چۆچەك شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ ياۋخۇا مۇنداق دېدى: بۇ، يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرغانلىقىمىزنىڭ نەتىجىسى. پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا، بايلىق تېجەر، مۇھىت سۆيەر بوشلۇق قۇرۇلمىسى، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى، تىرىكچىلىك يولىنى شەكىللەندۈرۈپ، تەبىئەتنىڭ ئىناقلىقى، گۈزەللىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرەيلى، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا يەنىمۇ ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. بىز يېشىللىق ۋە ئېكولوگىيەنى يېشىل ئېكولوگىيە ئىستېمالى يېڭى يۆنىلىشىگە ئايلاندۇرۇپ، چۆچەك شەھىرىنىڭ سۈزۈك سۈيى، يېشىل تاغلىرىنى تىرىشىپ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بايلىققا ئايلاندۇرىمىز.
   ئىگىلىنىشىچە، چۆچەك شەھىرى يولغا قويغان يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، چۆچەك شەھىرىنىڭ ساياھەتچىلىكى ياخشى تەرەققىيات يولىغا قەدەم قويۇپ، ‹‹يېيىش، تۇرۇش، مېڭىش، ساياھەت قىلىش، سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش›› ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغان ساياھەت كەسپى مۇلازىمەت سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەنگەن.
   مەن چۆچەك شەھىرىدىكى مەلۇم بىر دېھقانلار ئارامگاھىغا باردىم، بۇ، دەرەخلەر بىلەن ئورالغان، ئوت–چۆپلىرى ياپيېشىل، بۇلاق سۈيى شىرىلداپ ئېقىپ تۇرىدىغان جاي بولۇپ، بۇلتۇر 9–ئايدا تىجارەت باشلىغان ئىكەن، بۇ دېھقانلار ئارامگاھى شۇ جاينىڭ گۈزەل تەبىئىي مۇھىتىغا تايىنىپ، بىرلا ۋاقىتتا 400–500 ئادەمنى كۈتۈۋالالايدىكەن، غەربچە ۋە مىللىيچە تائاملىرى بار، مۇزىكا زالى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، گارمون مۇزىكا ئەترىتى ئويۇن كۆرسىتىدىكەن، ئارامگاھتا سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت باشلانغان كۈنىلا ساياھەتچىلەر كېلىشكە باشلىغان ئىكەن. بۇ جاينىڭ مەسئۇلى زاھىرجان ئايۇپ ئىشەنچكە تولغان ھالدا مۇنداق دېدى: چۆچەكنىڭ مۇھىتى گۈزەل، كۆپ مىللەت، كۆپ خىل مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئىگە، مىللەتلەرنىڭ ئىناقلىقى ھەققىدىكى ھېكايىمۇ كۆپ. ھازىر قىش، ئۇنىڭ ئۈستىگە تىجارىتىمىزنى ئەمدىلا باشلىدۇق، شۇنداقتىمۇ ھەر كۈنى ئاز دېگەندە ئىككى ئۈستەلدىن كۆپ ھەر مىللەتتىن بولغان مېھمانلارنى كۈتۈۋاتىمىز.
   تارباغاتاينىڭ گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى بولغاچقىلا، زاھىرجان ئايۇپنىڭ ساياھەت يېمەك – ئىچمەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىشەنچىسى ئاشقان.
   ئىگىلىنىشىچە، چۆچەك شەھىرى ساياھەتچىلىككە تايىنىپ، ساياھەتچىلىكتىكى تۈۋرۈك كەسىپلەرنى كۈچەپ بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇلتۇر چۆچەك شەھىرى قازاقىستان ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان ‹‹2017–يىللىق جۇڭگو ساياھەت يىلى، 2017–يىللىق ئاستانا دۇنيا يەرمەنكىسى›› پايدىلىق پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىككى تەرەپلىك ساياھەتچىلىك ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، قازاقىستان ئالار كۆلى تۆت پەسىل ساياھىتى، ئالمائاتا، ئاستانا، ئۇسكابۇرما قاتارلىق مەركىزىي شەھەرلەر ساياھىتىنى كېڭەيتىپ، چېگرادىن كىرىش–چىقىش ساياھىتىنى دائىملاشتۇرۇپ، شۇ جاينىڭ ساياھەت كەسپىنىڭ گۈللىنىشىگە باشلامچىلىق قىلغان.
چۆچەك شەھىرىنىڭ يەنە ساياھەت يارقىن نۇقتىسى ھېسابلىنىدىغان شەھەرلىك ئۆزگىچە مېۋە ئۈزۈش باغچىسى بار. بۇ يەردە ئارام ئېلىش، ساياھەت قىلىش، ئېكسكۇرسىيە قىلىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن، ساياھەتچىلىك كەسپى بىلەن يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن؛ چۆچەك شەھىرى ئاۋبۇسېن شەخسىي ئاپتوموبىل بارگاھى؛ ‹‹ساياھەت تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ بەختىيار قىلغۇسى›› باش تېما قىلىنغان جۇڭگو ساياھەت كۈنى؛ ‹‹يۇرتنى سۆيۈش، چۆچەكنى ساياھەت قىلىش›› ساياھەت پائالىيىتى ۋە ‹‹مەدەنىي ساياھەتنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش›› پائالىيىتى قاتارلىقلار مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزۈلگەن.  
   سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش–كۈتۈنۈش كەسپى پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكى ئېكولوگىيە چەمبىرىكىنى بەرپا قىلدى
   چۆچەك شەھىرى مۇھىت ئاسراشقا تايىنىپ ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇردى، بۇ، تارباغاتاي ۋىلايىتى ساياھەتچىلىكىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات پىكىر يولىنى ئەكس ئەتتۈردى.
   ‹‹گۈزەل تارباغاتاي، يىپەك يولىدىكى پاكىز زېمىن، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش–كۈتۈنۈش بۆشۈكى›› تارباغاتاي ۋىلايىتى تۈزگەن ئىسمى–جىسمىغا لايىق تەرەققىيات نىشانى.
   تارباغاتاي ۋىلايىتى مۇشۇ نىشاننى چۆرىدەپ، ساياھەتچىلىك، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش–كۈتۈنۈش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى مۇھىم تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشماقتا.
   تارباغاتايدا كۈندۈزى ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىپ قۇياشقا قاقلانغىلى، كېچىدە گۈزەل يۇلتۇزلارنى تاماشا قىلىپ قېنىپ نەپەسلەنگىلى بولىدۇ. تارباغاتاي ۋىلايىتى ئوكسىگېن مىقدارى مول، سالامەتلىككە پايدىلىق ئەلا سۈپەتلىك مۇھىت بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، ساياھەتچىلىك، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش–كۈتۈنۈش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېز ئىلگىرى سۈردى.
   تارباغاتاي ۋىلايىتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى بارلىق خىزمەتلەردە گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ‹‹ئۈچ يۇقىرى›› تۈرلەرنىڭ تارباغاتاي ۋىلايىتىگە كىرىشىنى قاتتىق مەنئى قىلىپ، مۇھىت ئاسراشقا چېتىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، تارباغاتايدىكى كەڭ زېمىننىڭ ئاسمىنى كۆك، يەرلىرى يېشىل، سۇلىرى سۈزۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
   چۆچەك شەھىرىنىڭ ھاۋا سۈپىتىنىڭ ئەلا بولۇش نىسبىتى %100كە يەتكەن، بۇ، بىر قاتار مۇھىت ئاسراش تەدبىرلىرىنىڭ كۈچلۈك يولغا قويۇلۇشىدىن بولغان.
   چۆچەك شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تاڭ مېيجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2016–يىلىدىن 2017–يىلىغىچە چۆچەك شەھىرىدە تېرىلغۇدىن چېكىندۈرۈلگەن يەر 158 مىڭ موغا يەتتى، قۇلىستاي يايلىقىدىلا تېرىلغۇدىن چېكىندۈرۈلگەن يەر 94 مىڭ موغا يەتتى، ماشىنىلاشقان قۇدۇقتىن 355ى توختىتىلدى، يەر ئاستى سۈيىنى ئېچىش مىقدارى 65 مىليون 460 مىڭ كۇب مېتىر ئازايتىلدى.
   تارباغاتاي ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لېي چۈەنيۆ مۇنداق دېدى: پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتى يېشىل ئېكولوگىيە بەرپا قىلىشقا بولغان ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇردى. تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى يەتتە ناھىيە، بىر شەھەر مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى شەرت قىلىش ئاساسىدا ساياھەتچىلىك بايلىقىنى ئېچىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىگە خاس ساياھەت ماركىسى ياراتتى. مەسىلەن: قۇلىستاي يايلىقى، مىڭ بۇلاق يايلىقى، ياۋا بادام ئورمىنى، توغراقلىق، چۆللۈك، قۇملۇق، ھەتتا كونا شامال ئېغىزىمۇ تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك ساياھەت مەھسۇلاتىغا ئايلاندى.
   تارباغاتاي ۋىلايىتى يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ ياخشى ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى، 2017–يىلى تارباغاتاي ۋىلايىتى كۈتۈۋالغان دۆلەت ئىچىدىن كەلگەن ساياھەتچى 3 مىليون 200 مىڭ ئادەم(قېتىم)گە يېتىپ، 2016–يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %26 ئاشتى، ساياھەت كىرىمى 3 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2016–يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %21.8 ئاشتى.
    تارباغاتاي ۋىلايىتى ھازىر پۈتۈن كۈچى بىلەن ‹‹چۆچەك–دۆربىلجىن ئويمانلىقى چېگرا بوستانلىقى دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى››، ‹‹ئۈرۈمچى–ساۋەن بۆلىكى تىيانشان كارىدورى دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى›› بەرپا قىلىشقا تىرىشماقتا، بۇ ئارقىلىق پۈتۈن رايوننىڭ ساياھەتچىلىك بايلىقىنى ئېچىش ۋە ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈنۈملۈك ئالغا سۈرۈلۈپ، ۋىلايەت ساياھەتچىلىكىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچى زور دەرىجىدە ئاشماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۆمۈريول، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، چەت ئەل ساياھىتىنىڭ تەرەققىياتى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
   سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلار تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ داڭلىق ساياھەت كوزىرىغا ئايلانماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ