تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جاڭ شياۋشيا تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئىش ئورنى ئۈلگىسىگە ئايلاندى

  مۇخبىرىمىز لۇ فېڭباۋ

    جۇغى كىچىك، نازۇك بولسىمۇ لېكىن ۋۇجۇدىدىن قەتئىيلىك، قەيسەرلىك نامايان بولۇپ تۇرىدۇ، بۇ جاڭ شياۋشيانىڭ كىشىلەرگە بېرىدىغان تۇنجى تەسىرى.

  8 – ئاينىڭ 21 – كۈنى، ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا كىرىپ، بېلەت سېتىش رايونىدا جاڭ شياۋشيانىڭ ئالدىراش سىيماسىنى كۆردۈم. 2008 – يىلى شىنجاڭ تۆمۈريول سىستېمىسىغا خىزمەتكە ئورۇنلاشقاندىن ھازىرغىچە، ئالدىراشچىلىق ئۇنىڭ خىزمەت، تۇرمۇشىدىكى نورمال ئەھۋال بولۇپ قالغانىدى، ئۇ ئۆگىنىش قىلىش، بېلەت سېتىش، يولۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىش بىلەن ئالدىراشلا يۈرەتتى...

  2008 – يىلى 4 – ئايدا، جاڭ شياۋشيا ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىغا خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ، يولۇچى توشۇش سېخىنىڭ خىزمەتچىسى بولدى.

  كۆپچىلىكنىڭ كەسپىي بىلىملەرنى پىششىق ئىگىلىشى ئۈچۈن، يولۇچى توشۇش سېخىنىڭ ھەر كۈنى ئىشقا چىقىشتىن بۇرۇنقى سوئال سوراش ھالقىسى بار ئىدى. يېڭى خىزمەتكە قاتناشقان جاڭ شياۋشيا ھەر قېتىم بەزى سوئاللارغا جاۋاب بېرەلمەيتتى. ئۇستاملارنىڭ سۇدەك جاۋاب بەرگىنىنى كۆرۈپ، ئۇ خىجىل بولغان ھالدا: مەن ياش بولغاندىن كېيىن، تېخىمۇ تىرىشىشىم كېرەك، دەپ ئويلايتتى.

  جاڭ شياۋشيا ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، شۇ كۈنى تارقاتقان يېڭى كەسپىي بىلىملەرنىڭ ھەممىسىنى تولۇق خاتىرىلەپ، قەلبىگە ئورناپ كەتكەنگە قەدەر ئۆگىنەتتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ناھايىتى تېزلا گۇرۇپپىدىكى كەسىپ ئۆگىنىش ماھىرى بولۇپ قالدى.

  2009 – يىلى، جاڭ شياۋشيا شىنجاڭ تۆمۈريول سىستېمىسىنىڭ كەسىپىي بىلىملەر مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا كۆرسىتىلدى، لېكىن نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شۇنىڭدىن كېيىن مەن تېخىمۇ تىرىشىپ، كېيىنكى قېتىملىق مۇسابىقىدە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم.

  2009 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا، جاڭ شياۋشيا بېلەت سېتىش ئۆيىدە بېلەت سېتىش كەسپىنى ئۆگەندى. بىر كۈنى، ئۇ بېلەت سېتىۋاتقاندا بىر يولۇچى بېلەت قايتۇرۇشقا كەلدى. لېكىن ئۇ بېلەت قايتۇرۇش كەسپىنى مۇستەقىل بېجىرەلمىگەچكە، يولۇچىغا باشقا بىر كۆزنەكنى كۆرسىتىپ قويۇشقا مەجبۇر بولدى. جاڭ شياۋشيا مۇنداق دېدى: مەن بۇ يولۇچىنىڭ ماڭا قارىغاندىكى ھالىتىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمەن، شۇ چاغدا خىجىل بولغىنىمدىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولدۇم.

   جاڭ شياۋشيا بىلمەيدىغانلىرىنى كۆچەپ ئۆگەندى، باشقا خىزمەتداشلىرىدىن سوراپ ئۆگەندى، ئۆزى كىتاب سېتىۋېلىپ ئۆگەندى...... ھەر خىل كىتاب – ماتېرىياللار ئۇنىڭ ياتىقىغا دۆۋىلىنىپ كەتتى.

  ئۈچ يىللىق ئۆگىنىش ۋە تەجرىبە توپلاش ئارقىلىق، 2012 - يىلى، جاڭ شياۋشيا ۋوگزالغا ۋاكالىتەن شىنجاڭ تۆمۈر يول سېستىمىسى ئۇيۇشتۇرغان يولۇچى توشۇش سېستىمىسىنىڭ تېخنىكا ماھارەت مۇسابىقىسىگە 2 - قېتىم قاتنىشىپ، 2 - بولۇشتەك ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى ھەم مەملىكەتلىك تۆمۈر يول يولۇچى توشۇش سېستىمىسىنىڭ كەسپىي تېخنىكا ماھارەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا كۆرسىتىلدى.

  شۇ يىلى، جاڭ شياۋشيا مەملىكەتلىك تۆمۈر يول يولۇچى توشۇش كەسپى مۇسابىقىسىدە بېلەت ساتقۇچىلار گۇرۇپپىسى بويىچە 12 - بولۇشتەك ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ تۆمۈر يول تارماقلىرىنىڭ بۇ تۈردىكى مۇسابىقىدە ئېرىشكەن ئەڭ ياخشى نەتىجىسى ئىدى، جۇڭگو تۆمۈر يول باش شىركىتى ئۇنىڭغا «مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يول سېستىمىسىدىكى يېڭى ئۇزۇن سەپەر زەربىدارى» دېگەن نامنى بەردى.

  2013-يىلى، جاڭ شياۋشيا شىنجاڭ تۆمۈريول يولۇچى توشۇش سىستېمىسىنىڭ يىللىق ماھارەت مۇسابىقىسىدە، بېلەت ساتقۇچىلار گۇرۇپپىسى بويىچە بىرىنچى بولۇشتەك ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى.

  ھازىر، جاڭ شياۋشيانىڭ ئىش ئورنى باش تەكشۈرگۈچىلىك ئورنىغا تەڭشەلدى، يەنى ئۇ بېلەت قايتۇرۇش، ئۆزگەرتىش ھۆججىتى بىلەن ئەمەلىيەتتىكىنىڭ ئوخشاش ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرىدۇ. بۇ، ئەستايىدىللىق، ئىنچىكىلىكنى تەلەپ قىلىدىغان ئىش ئورنى بولۇپ، ئۇ بىر كۈندە ئەڭ كۆپ بولغاندا قايتۇرۇلغان بېلەتتىنلا 3000 دىن ئارتۇقنى تەكشۈرىدۇ. خىزمەت ۋاقتىدا تۈگىتەلمىسە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەيدۇ، ھېرىپ كەتكەندە ئورنىدىن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىدۇ، چۈشلۈك تاماقنى خىزمەتداشلىرىغا ئەكەلدۈرۈپ ئىشخانىدا يېگەچ سېلىشتۇرىدۇ. مەسىلىلەرنى بايقاپ، يوچۇقلارنى ئېتىدۇ، يولۇچىلارغا بىر پۇڭ كەم ياندۇرۇلغان بولسىمۇ، تەكشۈرۈپ چىقىپ ۋاقتىدا ئورنىنى تولدۇرىدۇ.

  جاڭ شياۋشيا مۇنداق دېدى: ياش بولغاندىكىن كۆپ جاپا چېكىش، كۆپ ئۆگىنىش كېرەك، شۇندىلا بۇنداق ياشلىقنىڭ ھەقىقىي قىممىتى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى